مۇسۇلمانلار

نۇركا تۇماق ھاراممۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلايكۇم
سوئال:
سۇ چاشقىىنى ئىت تېرىسى تۈلكە تېرىسى دېگەندەك تېرىلەردە تۇماق، چاپان كەيسەك بۇلامدۇ؟ دەلىلچۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەت
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
بۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ھەدىس بار:
بىرى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىرتقۇچى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى كىيىشتىن توستى»، دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس.- تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد.
يەنە بىرى، «ئاشلانغان ھەرقانداق تېرە پاك بولىدۇ»، دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس.- تىرمىزى، نەسەئى، ئىبنى ماجە.
بىرىنچى ھەدىسنى ئىككىنچى ھەدىس بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھەدىستۇر.
شۇنداق چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا مۇنداق مەزمۇن چىقىدۇ:
يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئاشلىماي ئۈستىگە يېپنچا قىلىپ ئىشلىتىشكە، ئاستىغا كۆرپە قىلىپ سېلىشقا بولمايدۇ. لېكىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى ئاشلاپ، ئەيلەپ ئاندىن ئۇ تېرىلەردە كىيىم تىكىپ كىيىشكە ۋە يوتقان – كۆرپە ياكى يېپىنچا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر