مۇسۇلمانلار

زۇھا نامىزى قانداق ناماز؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
تۆۋەندىكى سوئاللىرىمغا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن:
1- زۇھا نامىزى ۋە تەھەججۇد نامىزى نەچچە رەكئەت ئوقۇلىدۇ؟ قايسى سۈرىلەر ئوقۇلىدۇ؟ ئۆزىمىز بىلگەنچە ئوقۇساق بولامدۇ ياكى بىرەر ئۆلچەم بارمۇ؟ ئاۋازلىق ئوقۇلامدۇ مەخپىيمۇ؟
جاۋاب: زۇھا نامىزى دەپ ناماز بار. زۇھانىڭ مەنىسى، چاشگاھ ۋاقتى دېگەن بولىدۇ. زۇھا نامىزى بولسا چاشگاھ نامىزى دېگەن بولىدۇ. ئۇ ناماز بۇ جاۋابتا زۇھا نامىزى ئەمەس، چاشگاھ نامىزى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆۋەندە بۇ ناماز ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ:
1- چاشگاھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى:
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەر سەھەردە سىلەرنىڭ ھەر بىر ئۈگەڭلەر ئۈچۈن بىر سەدىقە بېرىش لازىم بولىدۇ. ‹سۇبھانەللاھ›، دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ‹ئەلھەمدۇ لىللاھِ›، دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ‹لائىلەھە ئىللەللاھ›، دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ‹ئەللاھۇ ئەكبەر›، دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرۈش بىر سەدىقىدۇر. يامانلىقتىن توسۇش بىر سەدىقىدۇر. چاشگاھ ۋاقتىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش بولسا، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ»– بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇۇد ۋە ئەھمەد.
2- چاشگاھ نامىزىنىڭ ھۆكمى:
چاشگاھ نامىزى مۇستەھەب بىر ئىبادەت بولۇپ، خالىغان كىشى ئوقۇسا ساۋابقا ئېرىشىدۇ، خالىغان كىشى ئوقۇمىسا گۇناھكار بولمايدۇ. ئۇ نامازنى تەرك ئەتكەنلەرنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. چۈكى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاشگا نامىزىنى، تاكى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى تەرك ئەتمەيدۇ، دېگۈچە ئوقۇيتتى؛ بىز تاكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى ئوقۇمايدۇ، دېگۈچە تەرك ئېتەتتى.-تىرمىزى.
3- چاشگاھ نامىزىنىڭ ۋاقتى:
كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن تارتىپ تاكى كۈن تىكلەنگەنگە قەدەر چاشگاھ نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ. كۈن كۆتـۈرۈلـۈپ قاتـتىق قىزىغاندا چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى:
زەيد ئىبن ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بىر جامائەنىڭ چاشگاھ نامىزى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن:
بۇ جامائەگە نامازنىڭ بۇ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا ئوقۇلسا ئەۋزەل بولىدىغانلىقى شەكسىز مەلۇمدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ نامىزى يەنى چاشگاھ نامىزى بوتىلاقلار ئىسسىقتىن پۇتلىرىنى يەرگە قويالمىغان چاغدىكى نامازدۇر»– مۇسلىم.
بۇ ھەدىستىن چاشگاھ نامىزىنى كۈن كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ كۈن قايرىلغۇچە ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى، لېكىن كۈن كۆتۈرۈلۈپ ئالەم قىزىشقا باشلىغاندا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشتىكى ھېكمەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇلغان ۋاقىتنىڭ ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن كۈن چىقىش ۋاقتىدىن يىراق بولۇشى ئۈچۈندۇر.
4- چاشگاھ نامىزىنىڭ رەكئەت سانى:
چاشگاھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىسقا ئاساسەن بۇ نامازنىڭ ئېزى ئىككى رەكئەتتۇر. يۇقىرىسىنىڭ چېكى يوقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى بەزىدە تۆت رەكئەت، بەزىدە سەككىز رەكئەت، بەزىدە بولسا خالىغان مىقداردا ئوقۇياتتى. تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام چاشگاھ نامىزىنى تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى، خالىسا زىيادە قىلاتتى.– مۇسلىم.
ئۇممۇ ھانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەككە فەتىھ بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ بارسام ئۇ غۇسلى قىلىۋاتقانىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇسلى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەككىز رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ چاشگاھ نامىزى ئىدى.– بۇخارى ۋە مۇسلىم.
5- چاشگاھ نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى:
چاشگاھ نامىزى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ يەنى ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىلىدۇ، ھەر رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسى ۋە باشقا بىر سۈرە ياكى بىرقانچە ئايەت ئوقۇلىدۇ، باشقا زىكىر ۋە تەسبىھلىرى ئادەتتىكى نامازلارغا ئوخشاشتۇر.
ئۇممۇ ھانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاشگاھ نامىزىنى ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ سەككىز رەكئەت ئوقۇدى.– ئەبۇ داۋۇد.
چاشگاھ نامىزىنىڭ قىرائىتى مەخپىي ئوقۇلىدۇ، چۈنكى ئۇ كۈندۈز نامىزىدۇر.
تەھەججۇد نامىزى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئادرېستا تەپسىلىي مەلۇمات بار:
«2-‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىتىر ئوقۇماي تۇرۇپ ئۇخلىمايتى› دېگەن ھەدىس بىلەن ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىك (تەھەججۇد) نامىزىنى ۋېتىر بىلەن تاماملايتى› دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟»
 جاۋاب: مەن «‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىتىر ئوقۇماي تۇرۇپ ئۇخلىمايتى›» دەپ بىر ھەدىس بىلمەيدىكەنمەن.
تور بېتىمىزدە ۋىتىر ۋە تەھەججۇد نامازلىرى توغرۇلۇق كۆپ مەلۇمات بار. شۇلارنى ئوقۇسىڭىز، بۇ ھەقتە سوئال سوراشقا ئېھتىياجىڭىز قالماسلىقى مۇمكىن.
«3- مېيىت قەبرىگە قويۇلۇپ 7 كەتمەن توپا چۈشكەندىن كېيىن سۇئال سوراق باشلىنىدۇ، دېگەن گەپكە ئائىت ھەدىس بارمۇ؟ «مېيىت قەرز ئىگىسى بولسا قەرزنى ئادا قىلمۇغىچىلىك سۇئال سوراق باشلانمايدۇ» دېگەن گەپكە ئائىت ھەدىس بارمۇ؟»
مەن بۇنداق ھەدىسلەر بارمۇ يوقمۇ، بىلمەيدىكەنمەن.
بىر كىشى كېسەل بولغاندىن تارتىپ تا ئۆلۈپ كەتكىچە، ئۆلۈپ كەتكەندىن تارتىپ تا يەرلىكىدە قويۇلغۇچە ۋە يەرلىكىدە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىلىنىدىغان بارلىق ئىشلار ھەققىدە مۇشۇ توردا ناھايىتى تەپسىلىي مەلۇماتلار بار. «مېيىت نامىزى» ناملىق ئىككى قىسىملىق ئەسەرنى ئوقۇسىڭىز ئاشۇ مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيسىز.
مەن بۇ توغرىدا بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى شۇ يەردە يازدىم. سىز مەندىن سوئال سورىماقچى بولسىڭىز، بۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدىكى شەكلى قانداق؟ ھۆكمى نېمە؟… دېگەندەك سوئاللارنى سورىسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداق «ئۇنىڭغا ھەدىس بارمۇ، بۇنىڭغا دەلىل بارمۇ؟» دەپ سوئال سورىسىڭىز، مەندە يوق نەرسىنى سورىغان بولىسىز. چۈنكى مەن ئىشنىڭ توغرا تەرىپىنى بىلىمەن. خاتا تەرىپى بەك كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بىلىپ بولالمايمەن. بىلىشكىمۇ ھەۋەس قىلمايمەن.
سىزدىن بىر كىشى ئىككى كەر ئىككى قانچە؟ دەپ سورىسا، سىز دەرھال تۆت، دەپ جاۋاب بېرىسىز، شۇنداققۇ! لېكىن ھېچكىم سىزدىن ئىككى كەر ئىككى قانچە ئەمەس؟ دەپ سورىمايدۇ. سورىغان تەقدىردىمۇ، سىز جاۋاب بېرىپ بولالمايسىز، چۈنكى ئىككى كەر ئىككى، تۆتتىن باشقا قانچىلىك سان بولسا، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئەمەس!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر