مۇسۇلمانلار

ئىبراھىمنىڭ مىللىتى

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
تۆۋەندىكى سوئاللىرىمغا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن:
1- مېيىت نامىزى چۈشۈرگەندە سەپ قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ئەۋزەلمۇ؟ يەنى قاتناشقان ئادەم ئاز بولسىمۇ، چوقۇم كۆپرەك سەپ بولۇشى ياخشىمۇ؟
 2- ئادەتتە باشقا نامازلاردا ئالدىنقى سەپنىڭ ساۋابى ئارتۇقراق، مېيىت نامىزىدا ئارقا سەپنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولامدۇ؟
3- ئادەتتە ئەر ـ ئاياللار ۋاپات تاپقاندىن كېيىن بىر ـ بىرىگە نامەھرەم بولىدۇ دېگەن قاراش كەڭ ئومۇملىشىپ قالغان. شۇ سەۋەپتىن ئەر ۋاپات تاپسا، ئايالىنى مېيىت بار ئۆيگىمۇ كىرگۇزمەيدۇ، ئايال ۋاپات تاپسىمۇ ئەھۋال ئوخشاش، قەبرىگە ئەكىرىشكىمۇ ئېرى ئارلاشماي، سىرىتتا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
4- مىللىتىڭ قايسى دىسە، مەن ئىبراھىم مىللىتىدۇرمەن، دېيىشنىڭ دىنىمىزدا ئورنى بارمۇ؟ بۇ سۆزنى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ، بەزى كىتاپلاردىمۇ كۆپ ئۇچىرتىپ قالىمەن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
1- مېيىت نامىزى ئوقۇغۇچى جامائەتنىڭ ئۈچ سەپ بولۇشى ۋە سەپلەرنى تۈز قىلىشى ياخشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۈچ سەپكە يەتكۈدەك جامائەت نامىزىنى ئوقۇغان مېيىتنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار.- ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى.
بۇ ھەدىس، مېيىت نامىزىغا جامائەت قانچە كۆپ يىغىلسا، شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنىڭ ۋە جامائەتنىڭ ئۈچ سەپ بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. لېكىن جامائەت بەك كۆپ بولۇپ، ئۈچ سەپكە سىغمىغۇدەك بولسا، ئەھۋالغا قاراپ سەپنىڭ سانى كۆپەيتىلىدۇ. بۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەك. چۈنكى يۇقىرىدىكى ھەدىس ئەۋزەلنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەرتىبىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
2- مېيىت نامىزىنىڭ سەپلىرىنىڭ قايسىسى ئەۋزەل، بۇ توغرىدا پەيغەمبىرىمىزدىن بىر تەلىمات يوق. لېكىن ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش بار:
بىرىنچى: مېيىت نامىزىدا سەپلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە پەزىلىتى ئوخشاشتۇر، ئەگەر بىرىنچى سەپنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولسا ئىدى، جامائەتنىڭ ئۈچ سەپ قىلىنىشى ياخشى بولماستى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ سەپنىڭ، ھەتتا ئۈچتىن ئارتۇق سەپلەرنىڭ دەرىجىلىرى ئوخشاشتۇر.
ئىككىنچى: ئارقا سەپ ئەۋزەلدۇر. چۈنكى مېيىت نامىزى مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئا ئەسناسىدا كەمتەر بولۇش ياخشىدۇر. ئارقا سەپتە تۇرۇش كەمتەرلىككە تېخىمۇ يېقىندۇر. 
3- ئەر-خوتۇننىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتسە بىر-بىرىگە نامەھرەم بولىدۇ، دېگەن گەپ-سۆزلەر ۋە بۇ گەپ-سۆزلەرگە ئاساسەن قىلىنغان ئۇ ئىشلار تامامەن خۇراپاتتۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ھەر ئىككىسى جەننەتكە كىرگەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇقى داۋاملىشىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆلۈم بىلەن نىكاھ ئاجراپ كېتىدىغان ئىش بولسا، قىيامەت كۈنى قايتا نىكاھ قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ، ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «سەن ئۆلۈپ قالساڭ، سېنى مەن يۇيىمەن ۋە مەن كېپەنلەيمەن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.- ئىبنى ماجە، نەسەئى ۋە ئەھمەد.
ئەلىي رەزىيەللاھۇنىڭ ئەنھۇنىڭ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى يۇغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.- بەيھەقى، دارىقۇتنى ۋە شافىئىي.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر بىلگەن نەرسەمنى ئىلگىرى بىلسەمىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاياللىرىدىن باشقىسى يۇمىغان بولاتتى»- ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە ھاكىم.
دېمەككى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرى ۋاپات قىلسا، تىرىك قالغىنى ئۇنى يۇسا ۋە كېپەنلىسە بولىدۇ.
«4. مىللىتىڭ قايسى؟ دىسە، «مەن ئىبراھىم مىللىتىدىدۇرمەن» دېيىشنىڭ دىنىمىزدا ئورنى بارمۇ؟ بۇ سۆزنى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ، بەزى كىتاپلاردىمۇ كۆپ ئۇچىرتىپ قالىمەن»
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدە 6 يەردە «ئىبراھىمنىڭ مىللىتى» دەپ ئۆتىدۇ. بۇ 6 يەردىكى «مىللەت» نىڭ مەنىسى «يول» دېگەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر (نىڭ تەرجىملىرى) مۇنداق:
1- «ئىبراھىمنىڭ يولىدىن، ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئەقىلسىزلەردىن باشقا كىم يۈز ئۆرۈيدۇ؟ بىز ئىبراھىمنىى بۇ دۇنيادا تاللىدۇق. بىلىڭلاركى، ئىبراھىم ئۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ»- بەقەرە سۈرىسى 130- ئايەت.
2- «ئۇلار: ‹يەھۇدىي بولۇڭلار ياكى نەسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر› دېدى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ يولىدىدۇرمىز. ئىبراھىم ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى›.»- بەقەرە سۈرىسى 135- ئايەت.
3- «ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھ راست ئېيتتى. ئۇنداقتا ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار. ئىبراھىم ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى›.»- ئال ئىمرا سۈرىسى 95- ئايەت.
4- «كىم دىن جەھەتتە، ئۆزىنى سەمىمىي ھالدا ئاللاھغا تاپشۇرغان ۋە توغرا يول ئۈستىدە بولغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىدىن ياخشى؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى.»- نىسا سۈرىسى 125- ئايەت.
5- «ئېيتقىنكى: ‹ھەقىقەتەن رەببىم مېنى توغرا يولغا، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئۆزگەرمەس دىنغا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا باشلىدى›.»- ئەنئام سۈرىسى 161- ئايەت.
6- «ئاندىن كېيىن بىز ساڭا: ‹ھەق دىنغا بۇرالغان ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن› دەپ ۋەھىي قىلدۇق.»- نەھل سۈرىسى 123- ئايەت.
مانا بۇ ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرىدە «يول» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مىللەت» دېگەن كەلمىدۇر.
ئۇيغۇرچىدىكى «مىللەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى» دېگەن بولىدۇ.- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى.
مىللەت سۆزىنى بۇ مەنا بىلەن (ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى بىلەن) چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بىز ئۇيغۇرلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىدىن ئەمەس.
ئەرەبچىدىكى مىللەت، دىنى ئەقىدە، دىنى يول، دېگەن بولىدۇ. مىللەت سۆزىنى بۇ مەنا بىلەن چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بىز مۇسۇلمانلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىدە، يەنى ئۇنىڭ يولىدىدۇرمىز. چۈنكى ئاللاھنىڭ دىنى بىر پۈتۈندۇر، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ئىسلامدۇر ۋە ئۇلارنىڭ يولى بىردۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇن قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ»- شۇرا سۈرىسى 13- ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر