مۇسۇلمانلار

يەئجۇج ۋە مەئجۇج

ئەسالامۇ ئەلەيكۇم
سۇئال:
يەجۈج-مەجۈج دىگەن قانداق مەخلۇق؟
زامانى ئاخىرىدا دەججال قۇپامدۇ؟
ھورمەت بىلەن: بىلىم ئال
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قۇرئان كەرىمدە يەئجۇج ۋە مەئجۇج ھەققىدە ئىككى يەردە مەلۇمات بېرىلىدۇ:
ئۇلارنىڭ بىرىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلىدۇ: زۇلقەرنەين زامانىدا، يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن بىئارام بولغان بىر قەۋم، يۇرتلىرىغا كەلگەن زۇلقەرنەيندىن يەئجۇج ۋە مەئجۇج بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە زۇلقەرنەين ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە بىنائەن ئۇ توسمىنى سېلىپ بەرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«زۇلقەرنەين، ئەنە شۇنداق بىرى ئىدى. بىز ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەر نەرسىدىن خەۋەردار ئىدۇق.
ئاندىن ئۇ يەنە بىز كۆرسەتكەن يوللارنىڭ باشقا بىرىنى تاللاپ، شۇ بويىچە ئىش قىلدى.
ئۇ، ئاخىرى ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا بارغاندا، ئۇ يەردە سۆزنى ئاسانلىقچە چۈشىنەلمەيدىغان بىر قەۋم ئۇچراتتى.
ئۇ قەۋم: «ئى زۇلقەرنەين! يەئجۇج بىلەن مەئجۇج بۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىدۇر. ساڭا بىر مىقدار مال بەرسەك، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرەمسەن؟» دېدى.
زۇلقەرنەين ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ماڭا رەببىمنىڭ بەرگىنى يېتىپ ئاشىدۇ. ماڭا كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرەي.
ماڭا تۆمۈر پارچىلىرى كەلتۈرۈڭلار». زۇلقەرنەين يېغىلغان تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن ئىككى تاغنىڭ ئارىسىنى تولدۇرۇپ، ئۇنى تاغلار بىلەن ئەينى سەۋىيەگە كەلتۈرگەن چېغىدا: «ئوت يېقىپ پۈۋلەڭلار» دېدى. ئۇ، تۆمۈر پارچىلىرىنى قىزىتىپ ئوتتەك قىلغان چېغىدا بولسا: «ماڭا ئېرىتىلگەن مىس كەلتۈرۈڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن يەئجۇج ۋە مەئجۇج نە ئۇ توسمىدىن ئاشالمىدى، نە ئۇ توسمىنى تېشەلمىدى.
زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ، رەببىمنىڭ بىر رەھمىتىدۇر. لېكىن رەببىمنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقاندا، رەببىم ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ. رەببىمنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ»- كەھف سۈرسىنىڭ 91- ئايىتىدىن، 98- ئايىتىگىچە.
ئۇ ئىككى يەرنىڭ ئىككىنچىسىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلىدۇ:
قىيامەتنىڭ ئالدىدا زۇلقەرنەين سالغان ئۇ توسما يىقىلىدۇ ۋە يەئجۇج- مەئجۇج ھەر تۆپىلىكتىن ئېقىپ كەلگىلى باشلايدۇ. مۇنسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«ئاخىرى يەئجۇج ۋە مەئجۇج، ئالدىدىكى توسما ئېچىلىپ ھەر تۆپىلىكتىن ئېقىپ كەلگىلى باشلىغاندا،
ۋە توغرا ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ كېتىدۇ. ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىز بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. بەلكى بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق» دېيىشىدۇ»- ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ 96- ۋە 97- ئايەتلىرى.
«زامانى ئاخىرىدا دەججال قۇپامدۇ؟»
قۇرئان كەرىمدە بۇ توغرىدا بىرەر مەلۇمات يوق، پەرقلىق رىۋايەتلەر بار. ئۇ رىۋاتلەر ئىلىم ئىپادىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن مەن زىكىر قىلمىدىم. سىز خالىسىڭىز، ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن ئوقۇۋالغايسىز!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر