مۇسۇلمانلار

مېيىتنىڭ قەرزىنى تۆلەش كېرەكمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مېنىڭ بىر يېقىنىم ھايات ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇمەن، دەپ نۇرغۇن ئادەمدىن پۇل ئاپتىكەن، بۇ ئىشلاردىن ئۇ يېقىنىمنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ خەۋرى يوق ئىكەن ھەم بۇ پۇللارنى نېمىگە ئىشلەتكەنلكىنىمۇ ئۇقمايدىكەن.
ھازىر بۇ يېقىنىم قازا قىلدى. بۇ يېقىنىمغا پۇل بەرگەنلەر ئايالى بىلەن بالىلىرى پۇلۇمىزنى قايتۇرۇپ بەرسۇن دەپ داۋا قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئايالىدا بۇ پۇللارنى قايتۇرغۇدەك ئىقتىسات يوق، ئىككى بالسى ئوقۇۋاتىدۇ. تۇرمۇشىنى ئاران قامداپ كېتىۋاتىدۇ.
شەرىئەتتە بۇنداق ئەھۋالغا قانداق پەتىۋا بار؟ ئېغىر كۆرمەي جاۋاپ بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلغاي، ئامىن ھۆرمەت بىلەن: دىيانەت
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يُوصِيكُمُ اللّهُ فِي أَوْلاَدِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الأُنثَيَيْنِ فَإِن كُنَّ نِسَاء فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ وَإِن كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ وَلأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُ وَلَدٌ فَإِن لَّمْ يَكُن لَّهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلأُمِّهِ الثُّلُثُ فَإِن كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلأُمِّهِ السُّدُسُ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ آبَآؤُكُمْ وَأَبناؤُكُمْ لاَ تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعاً فَرِيضَةً مِّنَ اللّهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيما حَكِيماً {11}
وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَاجُكُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٌ فَلَكُمُ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ وَلَهُنَّ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّكُمْ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُم مِّن بَعْدِ وَصِيَّةٍ تُوصُونَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ وَإِن كَانَ رَجُلٌ يُورَثُ كَلاَلَةً أَو امْرَأَةٌ وَلَهُ أَخٌ أَوْ أُخْتٌ فَلِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ فَإِن كَانُوَاْ أَكْثَرَ مِن ذَلِكَ فَهُمْ شُرَكَاء فِي الثُّلُثِ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصَى بِهَا أَوْ دَيْنٍ غَيْرَ مُضَآرٍّ وَصِيَّةً مِّنَ اللّهِ وَاللّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٌ»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر بىرىگە، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولغان بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىمۇ بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ ھەسسىلەرنىڭ تەقسىماتى ئۆلۈك ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. دادىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ھەسسىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۈچىدۇر، توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
ئاياللىرىڭلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ؛ بۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا سىلەرگە، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاياللىرىڭلارغا، سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ؛ بۇ، سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، ئۇلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ؛ بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيىتىڭلار ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزىڭلار تۆلىنىپ بولغاندن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بىر ئەر ياكى بىر ئايالنىڭ دادىسى ۋە ئوغلى يوق ھالەتتە مىراسى ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەتلا (ئانا بىر) بىر قېرىندىشى ياكى (ئانا بىر) بىر ھەمشىرىسى بار بولسا، ئۇ ئىككىسىدىن ھەربىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدە شېرىك بولىدۇ. بۇ تەقسىماتنىڭ ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزۈلمەستىن قىلىنغان ۋەسىيەتتىن ياكى قەرزدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ، ئاللاھ تەرەپىدىن ۋەسىيەت قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىيمدۇر»- نىسا 4/11- ۋە 12- ئايەتلەر.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئاستى سىزىلغان ئىپادىلەرگە ئاساسەن، ئۆلۈپ قالغان كىشىنىڭ قەرزلىرى تۆلىنىپ، ئاندىن ئۇنىڭ قەرزلىرىدىن ئېشىپ قالغان مال-مۈلكى مىراس قىلىپ ۋارىسلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆلگەن مۇئمىننىڭ روھى تاكى ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغانغا قەدەر (يۇقىرى ئورۇنغا يېتىشتىن) ئېسىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن.- تىرمىزى، جەنائىز 77؛مۇسنەد ئەھمەد 2/508؛ بەيھەقى 4/61، 9/25.
بۇ ھەقتە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىممىسىدىكى قەرزنى ئادا قىلماي ئۈلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇشتىن ئۆزىنى تارتاتتى» دېگەن ھەدىسمۇ بار.- بۇخارى، كاپالەت 2/803؛ مۇسلىم، فەرائىز 3؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 143؛ تىرمىزى، جەنائىز 70؛ نەسەئى، جەنائىز 67.
لېكىن قەرز، باشقىلاردىن پۇل ياكى بۇيۇم ئۆتنە ئېلىش ياكى باشقىسى بىلەن نېسى مۇئامىلە قىلىش بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەن ئۇ كىشى باشقىلاردىن: «ماڭا مانچىلىك پۇل بېرىڭ، مەن سىزنى پالانى ئورۇنغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوياي. ئەگەر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويمىسام، پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىمەن» دەپ ھۆججەت قىلىپ بېرىپ ياكى ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ پۇل ئالغان بولسا ۋە بۇ كىشى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ باشقىلار ئۇ كىشى قىلىپ بەرگەن ھۆججەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ ياكى ئۇ كىشى گۇۋاھچى قىلغان گۇۋاھچىلارنى ھارىزلاپ تۇرۇپ ھەققىنى تەلەپ قىلغان بولسا، بۇ تەقدىردە مېيىتنىڭ (ئۆلگەن كىشى) نىڭ ۋارىسلىرى، مىراسنى ئۆلۈشمەي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى تۆلىشى كېرەك.
ناۋادا ئۇ پۇللار، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆلگەن كىشى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ، مېنى ياكى بالامنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويالا دەپ بەرگەن «سوۋغات سۈپىتىدىكى پارا» بولسا، ئۇ كىشىمۇ ئۇ پۇللارنى ماقۇل دەپ ئالغان بولسا، بۇ پۇللار قەرز ھېسابلانمايدۇ، شۇنداقلا ۋارىسلارنىڭ تۆلىشى كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى بۇ ئىنسانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا ئىدى، ئۇلار بۇ پۇللارنى ئۇ كىشىدىن تەلەپ قىلمايتتى. دېمەككى، بۇ شەكىلدە بەرگەن پۇل قەرز ئەمەس، پارادۇر، ھەر ئىككى تەرەپ ھارام ئىش قىلغان بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر