مۇسۇلمانلار

تۇمار ئېسىشقا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
سوئال:
بىزدە نارەسىدە بالىلارغا ۋە چوڭ ئادەملەرگە كۆز مۇنچاق، تۇمار ئىسىش ئادەتلىرى بار. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ تۇمارنىڭ ئىچىگە ھەرخىل نەرسىلەر يېزىلغان. بۇنىڭغا قانداق قارىشىمىز لازىم؟
ئۇستاز! تەلىم بىرىشىڭىزنى سۇرايمەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ھۆرمەت بىلەن: ئەبۇ تالىپ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قۇرئان – ھەدىستىكى ئىسلامدىن يىراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ بىدئەت، خۇراپات ۋە شېرىكلەرنىڭ ئىچىدە ئۈزۈۋاتقانلىقىنى «مۇسۇلمانلىق»، دەپ چۈشىنىپ قالغان نادانلار ئادەتتە ئۇنداق نەرسىلەرنى، كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ ياكى بالايى ـ ئاپەتلەردىن ساقلايدۇ ۋە ياكى جىن ـ ئالۋاستىلارنىڭ زىيانكەشلىكى، كۆز تېگىش ۋە ھەسەت قاتارلىق يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ، دېگەن ئېتىقاد بىلەن بويۇنلىرىغا ئېسىۋالىدۇ ياكى بالىلىرىنىڭ بۇيۇنلىرىغا ئېسىپ قويىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇ باتىل ئېتىقادىدىن پايدىلىنىۋاتقان ئىنسانىي شەيتانلار، بۇ ھەقتە ھېكايە – چۆچەكلەرنى توقۇپ ئۇ ئىشلارنىڭ تىجارىتىنى قىلىپ جان ساقلاپ كەلمەكتە. نەتىجىدە ئاللاھنىڭ دىنىدىن يىراقلاشقان ئۇ ئىنسانلار بۇ شەيتانلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ھەم دۇنيالىق ھەم ئاخىرەتلىك زىيانلارغا ئۇچرىماقتا.
بۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمىگە كەلسەك،
بۇ، تەۋھىدكە خىلاپ ئىش بولۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان – زەخمەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كۆتۈرۈۋاتقۇچى يوقتۇر. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ قايتۇرۇۋاتقۇچى يوقتۇر، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- ئەنئام 6- 17.
«ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان – زەخمەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كۆتۈرۈۋاتقۇچى يوقتۇر. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى ھېچ قايتۇرۇۋاتقۇچى يوقتۇر. ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- يۇنۇس 10/107.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، پايدا – زىيان ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بىزگە پايدا يەتكۈزۈش، بىزنى زىياندىن ساقلاش پەقەتلا ئاللاھ قىلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھنىڭ بۇ ئىشىغا ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ.
بۇ ھەقتتىكى ھەدىسلەر مۇنداق:
ئوقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەن ئون كىشىلىك بىر ھەيئەتنىڭ ئىچىدە ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ توققۇزىدىن بەيئەت قوبۇل قىلىپ، بىرىدىن بەيئەت قوبۇل قىلمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ قولىدا تۇمار بار»، دەپ جاۋاب بەرگەن، ئۇ كشى قولىدىكى تۇمارنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ بەيئەتىنى قوبۇل قىلغان ۋە: «كىمكى تۇمار ئاسىدىكەن، ئۇ شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېگەن.- ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان.
ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ قولىدا بىر تۇمار كۆرۈپ ئاچچىقلاپ ئۇنىڭدىن: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: «ئاجىزلىقتىن ساقلايدىغان نەرسە» دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «بۇ نەرسىنىڭ تېخىمۇ بەكراق ئاجىزلاشتۇرۇشتىن باشقا پايدىسى يوق، ئۇنى چۆرىۋەتكىن! چۈنكى سەن ئۇنى ئاسقان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسەڭ، مەڭگۈ نىجاتلىق تاپالمايسەن»- ئەھمەد، ئىبنى ماجە ۋە ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر