مۇسۇلمانلار

خەتمە ھەققىدە مۇنازىرە

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
مۆھتەرەم زىيارەتچىلەر! بىرقانچە يىل ئىلگىرى بۇ توردا خەتمە ئوقۇش توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا بەرگەن جاۋابىمنى ئۇيغۇر ئىسلام دېگەن مۇنبەرگىمۇ يوللىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنبەردە بۇ جاۋابقا ئېتىرازلار كەلگەن، مەن ئۇ ئېتىرازلارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ سوئال-جاۋابلاردىن سىلەرنىڭمۇ ۋاقىپ بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ تورغىمۇ چىقىرىپ قويدۇم:
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
كىچىك خەتمە دېگەن نېمە؟ چوڭ خەتمە دېگەنچۇ؟ خەتمە ئوقۇشنىڭ دىنىمىزدىكى ئاساسى نېمە؟ خەتمىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ ئاللاھ ئىلمىڭلارنى زىيادە قىلسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا بىرقانچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىن بىر قانچە سۈرە ۋە بىرقانچە ئايەت تاللاپ، بۇنىڭغا ئەرەبچە، پارىسچە ۋە كونا ئۇيغۇرچە بولۇپ بىرقانچە سۆزنى قوشۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىر كىشىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەلۇم بىر ساندا ئوقۇش «خەتمە ئوقۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.
خەتمىخانلار ئوقۇلغان نەرسىلەرنىڭ سانىنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئۆرۈك ئۇرۇقچىسىدەك، بەلكىدە ئۇنىڭدىن سەل كىچىكراق تاشلار بىلەن ھېسابلايدۇ. بۇ تاشلار «خەتمە تېشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
«خەتمە تېشى» بىر مەھەللىدە بىر ياكى ئىككى كىشىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ. بۇ تاشنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا مىڭ بولىدۇ. بەزىلەر بۇ تاشلارنى ياغلاپ قويىدۇ. بۇ تاشلار تولا ياغلانغانلىقتىنمۇ ياكى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىنمۇ  پارقىراپ چىرايلىقلىشىپ قالىدۇ. ئادەتتە بۇ تاشلار بىر خالتىدا ياكى بىر قاپاقتا ساقلىنىدۇ.
 ئەنە شۇ يۇقارقى نەرسىلەرنى مانا مۇشۇ تاشلار بىلەن ساناپ   7 قېتىم ئوقۇش «كىچىك خەتمە» ئوقۇغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر كەپتەر ياكى بىر توخۇ قان قىلىنىدۇ (ئۆلتۈرۈلىدۇ)، 11 قېتىم ئوقۇش «چوڭ خەتمە» ئوقۇغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە قان قىلىنىدۇ. بەزىدە بۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياكى قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ كالىمۇ قان قىلىنىدۇ (ئۆلتۈرۈلىدۇ).
قان قىلىنغان مالنىڭ گۆشى پىشۇرۇلۇپ شۇ خەتمىنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە شۇ سورۇنغا ھازىر بولغۇچىلارغا يېگۈزۈلىدۇ.
بۇ خەتمىنى ئوقۇشقا قاتناشقانلارنىڭ بەزىسى گۆش يېگۈسى كېلىپ قالسا، «قان قىلايلى، قان قىلىدىغان يېرىگە كېپقالدى» دەپ، خەتمە ئوقۇتقۇچىنى قان قىلىشقا ئالدىرىتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ گۆش يېيىش ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغانلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆزمۇ بار:
خەتمە ئوقۇغان موللامنىڭ قولىدا بار شېغىل تاش،
ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى گۆش بېسىلغان پولۇ ئاش.
خەتمە ئوقۇشنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. خەتمىنىڭ ئىچىدە ئىنساننى مۇشرىك قىلىۋىتىدىغان سۆزلەرمۇ بار. مەسىلەن:
1ـ يا ھەزرەتى سەييىدى شەيخ مۇھيىددىن، مۈشكىل كۇشايى بىلخەيرى ئەلمەدەد!
تەرجىمىسى: ئى مۇھيىددىن ئىسىملىك ھۆرمەتلىك خوجايىن! مۈشكۈلۈمنى ياخشىلىق بىلەن ھەل قىلىپ بەر، ماڭا ياردەم قىل!
2 ـ يا ھەزرەتى غەۋس ئەغىسنا!
تەرجىمىسى: ئى ياردەم قىلغۇچى جانابلىرى! بىزگە ياردەم قىل.
ئۇلار بۇ يەردىكى ياردەم قىلغۇچىدىن ئابدۇلقادىر جىيلانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىنى مەقسەت قىلىشىدۇ.
دېمەك، ئۇلار مۇھيىددىن ئىسىملىك بىر ئىشاننى ياردەمگە چاقىرىشىدۇ. ئابدۇلقادىر جىيلانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىدىن ياردەم تىلەيدۇ.
بۇ ئىش فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىن «إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)» دېگەن ئايىتىگە خىلاپتۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا ئوچۇق ـ ئاشكارا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭدىن باشقا «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»،… دېگەندەك بىرقانچە تۈرلۈك «ئوقۇش» لار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت ئىشلار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
خەتمىنىڭ پايدا-زىيىنىغا كەلسەك،
ئوقۇتقۇچىغا ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانلىرى بار:
ماددىي زىيىنى: ئۇ قان قىلىمەن دەپ بىر توخۇسىدىن ياكى بىر قويىدىن ۋە بىر مىقدار پۇلىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ، چۈنكى خەتمىخانلار بۇ خەتمە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن پۇلمۇ ئالىدۇ.
مەنىۋى زىيىنى: ئۇ ھېلىقى شېرىك سۆزلەرنى قىلىش ۋە قىلىشقا ياردەملىشىش تۈپەيلىدىن ئىمانىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ.
ئوقۇغۇچىغا پايدىسى بار: ئۇ مۇشۇ باھانە بىلەن گۆش يەۋالىدۇ ۋە بىر مىقدار پۇلغا «دۇئا» قىلىدۇ.
مەن ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمدا شۇنداق خەتمە ئوقۇپ جان ساقلايدىغان بىرقانچە كىشىنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق سۆزلەرنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلايتتىم:
نەچچە يىل قىلدىم موللىلىق، ھېچ كەلمىدى بىر ياغلىق،
بىر كۈن قىلدىم ئىشانلىق، قوچقار كەلدى ھەم ساغلىق.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرگە خەتمە ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلاردىن بىر نەرسە دۇئا قىلىۋېلىشقانلىقىنى ئىشانلىق قىلدۇق دەپ بىلەتتى. ئىماملىق، خەتىبلىق ۋە مۇدەررىسلىك قىلىشقانلىقىنى موللىلىق قىلدۇق دەپ چۈشىنەتتى.
ئۇلارنىڭ بەزى ئىنساپلىقلىرى ئىشانلىق قىلىشنى ئېسىل ھابداللىق دەپ بىلەتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ يوللارغا چۈشۈپ قالغانلىقىلىرىدىن نومۇس قىلىشاتتى. مەن ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمدا بۇنداقلاردىن مۇنۇ سۆزلەرنى تولا ئاڭلايتتىم:
«مەدىكارنىڭ ئېسىلى خارەت بىلەن سۇۋاقچى،
ھابدالنىڭ ئېسىلى ئىشان بىلەن چىراغچى».
مانا بۇلارمۇ بەزى خەتمىخانلارنىڭ نىيىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى شېرىك، بىدئەت ۋە خۇراپاتتىن ساقلىسۇن!
ئېتىراز
بىلىم ئەھلىدەك سۆزلەڭ! بۇ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ بۇ بولسا سۇپىزىمدىكى سۇپىزىمنىڭ تامام بولغاندا ئۇقۇيدىغان ئۇقۇشى، بۇنى تۇرپان قارغۇجىدىكى رەھمەتلىك شاھىمەردان دامۇللا ھاجىمدىن جەنوبى شىنجاڭدىكى بىر دامۇللام ساۋاق ئىلىپ ئۇنىڭدىن ھەرەمدىكى بىر دامۇللام ساۋاق ئىلىپ ئاخىرى بۇ جەرياننى بىر كىتاپچە قىلىپ يازغان.
بۇنىڭدا بىر قانچە خەتمە بولۇپ مىنىڭ بىلىدىغىنىم بۇنىڭ ئىچىدىكى خەتمە خۇجىكان. خەتمە ئۇقۇغانلارنى بىر نىمە دىمەي ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئۇقۇغانلىرىنى تەپسىلى يېزىپ باقمامسىز؟ سىزگە دىسەم قاراڭ مانا بۇ خەتمە خۇجىكان چوڭ خەتمە
درود نجات 313
استغفار 100
سورة الفاتحة 7
الم نشرح 79
سورة الاخلاص 1000
سورة الفاتحة 7
صلوات الشريفة 100
اللهم ياقاضى الحاجات 100
اللهم ياكافى المهمات 100
اللهم يارافع الدرجات 100
اللهم يادافع البليات 100
اللهم ياحلال المشكلات 100
اللهم ياشافع الامراض 100
اللهم يامسبب الاسباب 100
اللهم يامجيب الدعوات 100
اللهم ياارحم الراحمين 100
مانا بۇ خەتمە خۇجىكان يەنى چوڭ خەتمە بۇنىڭ نەرىدە ئۇيغۇرچە سوزلەر بار ئىكەن بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى بىرى سىزگە ياقمىدى
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دىگەن گەپ بارغۇ
ئەبۇلفاتىھ
سىزنىڭ بۇ «خەتمە خوجىكان» ىڭىزنى ئۇ داموللاجىملىرىڭىزغا كىم تەلىم بەرگەن ئىكەن؟ ئاللاھمۇ؟ پەيغەمبەرمۇ؟ ياكى شەيتانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزى چاغلاپ شۇنداق ئويدۇرغانمىكەن؟
ئېتىرازچى
مەنغۇ رەھمەتلىك كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان ئىلىم بەرگەن ئىككى دامۇللامنىڭ ئىسمىنى ئاتىدىم ھەمدە بىر كىتاب بارلىقىنى ئۇنى مەدىنە شەھرىدىكى بىر كىشىنىڭ باستۇرغانلىقىنى دىدىم. ئەمدى سىزگە يەنە نىمە دەپ بەرسەم بولىدۇ؟ سىزنىڭچە مەن شۇ رەھمەتلىك دامۇللاملارنىڭ قەبرىسىگە بىرىپ سورامدىم؟
ئەمىسە سىز دەڭە سىزگە مۇشۇنداق سەپسەتىلەرنى تورغا يوللا دەپ كىم تەلىم بەردى؟
سىزگە دەپ قۇياي ئىسلام بۇنداق ئاسان قولغا كەلگەن ئىسلام ئەمەس ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىنتايىن كوپلىگەن ساھابىلەر ۋە ئىسلامى قىرىنداشلارنىڭ ئىسلام يۇلىدا جان بېرىپ شىھىت بۇلىشى بەدىلىگە كەلگەن.
بەزىلەر چىقىپ مەسجىدتە جۈمە ئۇقۇپلا قايتىڭلار دىسە بەزىلەر قۇرئاندا بەش ۋاقىت ناماز يوق بۇ ئەرەپلەرنىڭ تىپىۋالغان پەتۋاسى دىسە بەزىلەر تورلاردا پىتنە ئىغۋا تارقاتسا شۇمۇ ئىسلام بولدىمۇ
ئىسلام تىرورچىلىق قىلىدىغان ئىسلاممىتى؟ ئىسلام پىتنە ئىغۋا تارقىتىدىغان ئىسلاممىتى ئىسلام بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان ئىسلاممىتى؟ ھالبۇكى قۇرئاندا
واقيم الصلوات وات الزكاة يەنى ناماز ئۇقۇڭلار زاكات بىرىڭلار دەپ شۇنچە نۇرغۇن ئورۇندا كىلىۋاتسا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ پىتنە ئىغۋا تاپماسلىق تۇغرىسىدىكى ھەدىسلىرى شۇنچە كۆپ تۇرسا بىر قىسىم كىشىلەر يەنە مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ يەنە پىتنە تىپىۋاتىدۇ ،
سىزدىن سوراپ باقاي ئەگەر سىزنىڭ بۇ يازغان بۇ تېمىڭىز نۇرغۇنلىغان ئۇقۇرمەنلەرنى قارىغاندا ئىسلام مۇشۇنداق يەۋالاي ئىچىۋالاي دەيدىغان بولسا بۇ ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندىن كۆرە باشقا دىن ياخشى ئۇخشايدۇ دەپ قالسا سىز بۇنىڭ جازاسىنى قىيامەتتە تارتىپ بولالامسىز؟
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئىسلام ھەرگىز بۇنداق ئەمەس ئىسلام كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدۇ
ئىسلام كىشىلەرنى يامان يوللاردىن تۇسىدۇ، ئىسلام كىشىلەرنى پىتنە ئىغۋا تىپىشتىن قاتتىق چەكلەيدۇ بولدىلا مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي قالغىنىنى تورداشلارغا كىيىن يوللاي ئاللا ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن ئامىن
ئەبۇلفاتىھ
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم تورداشلار!
مەن (ئەبۇلفاتىھ) مۇسۇلمانلار تورىدا خەتمە توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا بەرگەن جاۋابىمنى بۇ مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم. چۈنكى مەن بۇ مۇنبەرنى، ئاللاھنىڭ دىنى ئىسلام بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۇيغۇرچە تىلدا سۇنۇلىدىغان، ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم بىلەن رەسۇلىنىڭ يوليورۇقلىرى بولغان ھەدىس شەرىپلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان، تېما ئىگىسى ۋە ئىنكاس قايتۇرغۇچىلار مەسىلىنىڭ ھۆكمى قۇرئان – ھەدىستا نېمە بولسا شۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى مەقسەت قىلىدىغان بىر مۇنبەر دەپ تونۇيتتىم.
دەرۋەقە بۇ مۇنبەرنىڭ «ئۇيغۇر ئىسلام» دېگەن ئىسمى ۋە قۇرۇلغاندىن بۇيان سۇنغان خىزمەتلىرى بۇنى كۆرسىتەتتى. مەقسىتىم، خەتمە ئوقۇشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىدىن بۇ مۇنبەرنىڭ زىيارەتچىلىرىنىمۇ ۋاقىپلاندۇرۇش ئىدى. بۇ مەقسىتىمگە يەتكەنلىكىمگە ئىشىنىمەن.
لېكىن ئەپسۇس! مەن بۇ تېمىنى يوللىغاندىن كېيىن بەزى «ئىنكاس» چىلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىغا قاراپ ھەقىقەتەن ئېچىندىم! چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ، خەتمە ئوقۇشنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدا يوقلىقىغا قارشى ئىنسانلارنىڭ كىتابىدا بارلىقىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ قىلمىغانلىقىغا قارشى «داموللاجىم» لىرىنىڭ قىلغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى كۆردۈم.
ئۇلارنىڭ «ئىنكاس» لىرىنىڭ ئىچىدە «كاللا دېسە پاقالچاق» دېگەندەك، تېما بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق سۆزلەرنى قىلىشى ئىلىمي سەۋىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، قۇرئان – ھەدىسكە قارشى كىمنىڭ نېمە ئۈچۈن قاچان قەيەردە يازغانلىقى مەلۇم بولمىغان مەنبەئىل ئەسرار دېگەن بىر خۇراپىي كىتابنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرۈشى ئاللاھنىڭ دىنىدىن نەقەدەر يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ «بىلمىسەڭلار مەن دەپ بېرەتتىم» دېگەن مەنادىكى سۆزلىرى ماڭا ھاقارەت قىلغانلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىنمۇ «مىسكىن» ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
مەن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى زىيارەتچىلىرىنىڭ ئۇنداق سەپسەتىلەرگە ئالدانمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن سىلەرگە – ئالدى بىلەن ئۆزۈمگە- تەقۋادار بولۇشنى، ئاللاھ تەئالاغا ئىتائەت قىلىشنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر «ئىنكاس» ئىگىسىنى ۋە ئۇنىڭ چۈشەنچىسىدىكىلەرنى «مەنبەئىل ئەسرار» دەك خۇراپىي كىتابلاردىكى ئويدۇرما دىندىن يۈز ئۆرۈپ قۇرئان – ھەدىستىكى توغرا دىنغا دەۋەت قىلىمەن.
ئېتىرازچى
ئىمام ئەئزەم (ئاللاھ ئۇنڭىدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دىگەن مىنىڭ بەرگەن ھۈكمۈم ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئاللاھنىڭ رەسولىنىڭ سۆزىگە ئۇيغۇن بولسا تۇتۇڭلار ئۇيغۇن بولمىسا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسولى نىمە دىگەن بولسا شۇنى قىلىڭلار دىگەن
سىز بىدئەت دىگەن نىمە سۇننەت دىگەن نىمە بۇنى تۇغرا چۈشىنىڭ
خوش ئەمىسە دەڭە رەسولۇللاھقا دۇرۇت ئوقۇش بىدئەتمۇ ئىستىغپار ئۇقۇش بىدئەتمۇ سۈرە پاتىھە ئوقۇش بىدئەتمۇ، سۇرە ئىنشىراھ يەنى ئەلەم نەشرەھ سۈرىسىنى ئوقۇش بىدئەتمۇ، سۇرە ئىخلاس ئۇقۇشچۇ، ئاللاھتىن تىلەك تىلەشچۇ، مەسىلەن«ئى ھاجەتلەرنى ئادا قىلۇچى ئاللاھ، ئى مۇھىم ئىشلىرىمىزغا كىپايە قىلغۇچى ئاللاھ ،~ ئاخىرى ئى ھەر قانداق رەھىم قىلغۇچىدىن ئۈستۈن بولغان رەھىم قىلغۇچى ئاللاھ» دىگەندەك تىلەكلەر بىلەن دۇئا قىلىشچۇ؟
ئەمىسە دەڭە بىز رەسولۇللاھقا دۇرۇت ئۇقۇشنى بىدئەت دەمدۇق قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇقۇشنى بىدئەت دەمدۇق گۇناھىمىزنى كەچۈرۈشنى ئاللاھتىن تىلەشنى بىدئەت دەمدۇق؟
ئى مۇنبەر زىيارەتچىلىرى بولغان مۇسۇلمان قىرىنداشلار بۇنداق سەپسەتىلەرگە قەتئى ئىشەنمەڭلار بۇ خەتمىنىڭ ئىسمى پەقەت خەتمە دەپ قۇيۇلۇپ قالغىنىلا خالاس
مەن بۇ خەتمىنىڭ تەرجىمىسىنى پات ئارىدا تورغا چىقىرىپ قۇياي سىلەرنىڭ ياخشىراق ئۇقۇپ زادى بىدئەتمۇ يا ئەمەسمۇ بىلىۋىلىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن
ebulfatih مەنمۇ سىزگە دەپ قۇياي مەن سىزنىڭ دەلىل تەلەپ قىلغىنىڭىزغا جاۋابەن بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى چىقاردىم ھەم دامۇللاملارنىڭ ئىسمىنى ئاتىدىم بۇ كىتابنى يازغۇچىلار سىز بىلەن بىزدەك ئەقىلسىز ئەمەستۇ ئەگەر بىلسىڭىز كىتابنى تىپىپ كۆرۈپ تەپسىلى ئۇقۇپ بېقىپ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسولىنىڭ سۆزىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن جايلىرى بولسا بۇ يەرگە تىما يوللاڭ تەپسىلى ئوقۇڭ ئى ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولغايسەن ئامىن
ئەبۇلفاتىھ
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم alkizar ئەپەندى!
بۇرادەر! ئىككىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادىمىز ۋە ئىلمىي سەۋىيىمىز پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ ھەقتە سىز بىلەن تارتىشىشنى ئۇيغۇن كۆرمىگەن ئىدىم. شۇڭا تۈنۈگۈنكى ئىنكاسىمنى بىر خاتىمە ماھىيىتىدە يازغان ئىدىم. لېكىن سىز بۈگۈن تېما توغرىسىدا يەنە بىر «ئىنكاس» يوللاپسىز، مەن بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ، ئىپادىلىرىڭىزگە بىر -بىرلەپ جاۋاب بېرىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم. تورداشلىرىمىزنىڭ، سىزنىڭ ئىپادىڭىز بىلەن مېنىڭ جاۋابىمنى ئاسان ئايرىيالىشى ئۈچۈن سىزنىڭ ئىپادىلىرىڭىزنى قىزىل، مېنىڭ جاۋابىمنى قارا يوللىدىم.
ئىمام ئەئزەم (ئاللاھ ئۇنڭىدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دىگەن مىنىڭ بەرگەن ھۈكمۈم ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئاللاھنىڭ رەسولىنىڭ سۆزىگە ئۇيغۇن بولسا تۇتۇڭلار ئۇيغۇن بولمىسا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسولى نىمە دىگەن بولسا شۇنى قىلىڭلار دىگەن
ئىمام ئەزەمنىڭ سۆزلىرى قۇرئان – ھەدىسكە ئۇيغۇن بولمىسا، ئۇنى تۇتماي ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمە دېگەن بولسا شۇنى قىلىمىز، شۇنداققۇ؟
ئۇنداقتا سىزنىڭ «داموللاجىم» لىرىڭىزنىڭ سۆزلىرى قۇرئان – ھەدىسكە ئۇيغۇن بولمىسىچۇ؟ بۇ تەقدىردە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى تاشلاپ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلامدۇق، ياكى ئۇ داموللاجىملارنىڭ سۆزلىرىگە «چىڭ ئېسىلىۋالامدۇق»؟
سىز بىدئەت دىگەن نىمە سۇننەت دىگەن نىمە بۇنى تۇغرا چۈشىنىڭ
بىدئەت بىلەن سۈننەتنى «مەنبەئىل ئەسرار» دەك خۇراپىي كىتابلارنى تەرك ئېتىپ، قۇرئان – ھەدىسنى ئوقۇسىڭىز، مۇلاھىزە قىلسىڭىز ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىنغانلىقىنى ئويلاپ باقسىڭىز توغرا چۈشىنەلەيسىز.
ئىنكاسلىرىڭىزدىن قارىغاندا سىز بىدئەت بىلەن سۈننەتنى، ئادەت بىلەن ئىبادەتنى، ھىدايەت بىلەن زالالەتنى ئايرىيالمادىكەنسىز. سىزنىڭ قۇرئان – ھەدىسنى تاشلاپ مەنبەئىل ئەسرار دېگەن كىتابنى تۇتۇشىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى چوڭ بىدئەتتۇر. بۇنىڭدىن خەۋىرىڭىز بولۇپ قالسۇن.
شۇڭا سىز بۇ تەكلىپنى ماڭا ئەمەس ئۆزىڭىزگە قىلىڭ. چۈنكى مەن – ئەلھەمدۇ لىللاھ – بىدئەت بىلەن سۈننەتنىڭ پەرقىنى ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنايىتى، ئاتا–ئانامنىڭ كۆيۈنۈشى، ئۇستازلىرىمنىڭ غەيرىتى ۋە ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كىچىك ۋاقتىمدىلا چۈشەنگەن. ئەبۇلفاتىھ ئىسمى بىلەن يېزىلغان ۋە بەزى تورلاردا نەشىر قىلىنىۋاتقان ئىلمىي تەتقىقاتلىرىم بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
خوش ئەمىسە دەڭە رەسولۇللاھقا دۇرۇت ئوقۇش بىدئەتمۇ ئىستىغپار ئۇقۇش بىدئەتمۇ سۈرە پاتىھە ئوقۇش بىدئەتمۇ، سۇرە ئىنشىراھ يەنى ئەلەم نەشرەھ سۈرىسىنى ئوقۇش بىدئەتمۇ، سۇرە ئىخلاس ئۇقۇشچۇ، ئاللاھتىن تىلەك تىلەشچۇ، مەسىلەن« ئى ھاجەتلەرنى ئادا قىلۇچىئاللاھ، ئى مۇھىم ئىشلىرىمىزغا كىپايە قىلغۇچى ئاللاھ ،~ ئاخىرى ئى ھەر قانداق رەھىم قىلغۇچىدىن ئۈستۈن بولغان رەھىم قىلغۇچى ئاللاھ» دىگەندەك تىلەكلەر بىلەن دۇئا قىلىشچۇ
دۇرۇت، ئىستىغفار، سۈرە فاتىھە، سۈرە ئەلەم نەشرەھ ۋە سۈرە ئىخلاس قاتارلىقلارنى ئوقۇش، ھەدىسلەردە ئورنى بولغان باشقا زىكىرلەرنى ئوقۇش ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىش ئەسلا بىدئەت ئەمەس. بۇلارنى سىز «بايان» قىلغان تەرتىب ۋە سان بىلەن ئوقۇش بىدئەت! چۈنكى قۇرئاندا ئۇلارنى مۇشۇ تەرتىب بىلەن، مۇشۇ ساندا ئوقۇڭلار دەپ بىر بۇيرۇق يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بۇ شەكىلدە بىر تەلىماتى يوق. ئىبادەتنى قۇرئاندا بۇيرۇلغان ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن شەكىلدە قىلىشىمىز لازىم. ئۇنداق قىلمىساق قىلغان ئىشىمىز بىدئەت، ئۆزىمىز بىدئەتچى بولىمىز.
ئەمىسە دەڭە بىز رەسولۇللاھقا دۇرۇت ئۇقۇشنى بىدئەت دەمدۇق قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇقۇشنى بىدئەت دەمدۇق گۇناھىمىزنى كەچۈرۈشنى ئاللاھتىن تىلەشنى بىدئەت دەمدۇق.
نېمانداق تەتۈرلۈك قىلىسىز؟ بۇلارنى بىدئەت دېگەن يوق. مەن سىزنىڭ ماڭا قارشى يوللىغان «خەتمە خۇجىكان» ىڭىزنى ۋە باشقا بارلىق خەتمىلەرنى بىدئەت دېدىم.
سىزمۇ دەڭە سىزنىڭ بۇ «خەتمە خۇجىكان» ىڭىزنى مۇشۇ تەرتىب بىلەن، مۇشۇ سان بويىچە ئوقۇش قايسى ئايەتتە ۋە قايسى ھەدىستە بار؟ بۇنىڭ خەتمە خۇجىكان دېگەن ئىسمىچۇ؟
پۈتكۈل ئىبادەتلەرنىڭ ۋاقتى، شەرتلىرى، سۈپەتلىرى قاتارلىقلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان قۇرئان – ھەدىستا، نېمە ئۈچۈن «خەتمە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىبادەت يوق؟؟؟
ئەلجاۋاب: بىدئەت بولغانلىقى ئۈچۈن يەنى ئىنسانلار ئويدۇرۇپ مۇقەددەس دىنىمىزغا كىرگۈزگەن بىر نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن يوق.
ئى مۇنبەر زىيارەتچىلىرى بولغان مۇسۇلمان قىرىنداشلار بۇنداق سەپسەتىلەرگە قەتئى ئىشەنمەڭلار
ئى مۇسۇلمانلار، يەنى ئى ئاللاھغىلا تەسلىم بولغۇچى كىشىلەر! سىلەر ئاللاھ تەئالاغا بويسۇنۇڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر بىرى دىن نامىدىن بىر نەرسە دېسە، ئۇنى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىغا توغرىلاپ بېقىڭلار، ئۇدۇل كەلسە قوبۇل قىلىڭلار، ئۇدۇل كەلمىسە رەت قىلىڭلار. قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان ھەدىس شەرىپلەرنىڭ تەرجىمىلىرى قولۇڭلاردا بار تۇرۇپ، دىنى قىياپەتكە كىرىۋالغان ئىنسانىي شەيتانلارغا ئالدانماڭلار.
خەتمە ئوقۇش، رەدنامە ئوقۇش، قەسىدە ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، يەنى ئۇلار دىنىمىز ئىسلامدا ئورنى يوق ئىشلاردۇر. بۇلاردىن ساقلىنىڭلار.
سىلەرنى «مەنبەئىل ئەسرار»، «خەزىنەتۇلئەسرار»، «دەقائىقۇلئەخبار»، «مەجمۇئۇللەتائىف»، «تەزكىرەتۇلۋائىزىن»، «تەنبىھۇلغافىلىن»، «ئىرشادۇتتالىبىن»… قاتارلىق خۇراپىي كىتابلارنىڭ شېرىن يالغانلىرى ئالداپ كەتمىسۇن.
دىننى، ئۇ دىننىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ئۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئۆگىنىڭلار.
بۇ خەتمىنىڭ ئىسمى پەقەت خەتمە دەپ قۇيۇلۇپ قالغىنىلا خالاس
ئەگەر سىز بۇ جۈملىڭىزدىن خەتمىنىڭ ئىسمى خاتا قويۇلۇپ قالغان دېمەكچى بولسىڭىز، خەتمىڭىزنىڭ خەتمە دەپ ئاتىلىپ قېلىشى بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋتىم يوق. چۈنكى مېنىڭ ۋە ماڭا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ خەتمە دەپ بىر ئىبادىتىمىز يوق. بىز ئاللاھغا، ئاللاھ ئەمر قىلغان، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى كۆرسەتكەن بويىچە ئىبادەت قىلىمىز.
ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ «داموللاجىم» لىرىڭىز ياكى باشقا «ئۇلۇغ» لىرىڭىز شۇنداق ئاتاشقان بولغېيتتى! خاتا ئاتىشىپتىكەنما؟؟؟
مەن بۇ خەتمىنىڭ تەرجىمىسىنى پات ئارىدا تورغا چىقىرىپ قۇياي سىلەرنىڭ ياخشىراق ئۇقۇپ زادى بىدئەتمۇ يا ئەمەسمۇ بىلىۋىلىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن
ئۇنىڭ بىدئەت ياكى بىدئەت ئەمەسلىكى ئۇنىڭ تەرجىمىسىگە ئەمەس، ئۇنىڭ قۇرئان – ھەدىستە ئورنى بولۇپ بولمىغانلىقىغا باغلىق. قۇرئان- ھەدىستە ئورنى بولمىسا بىدئەت ھېسابلىنىدۇ قېرىنداشلار! مەن بۇنى بىلىۋېشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ebulfatih مەنمۇ سىزگە دەپ قۇياي مەن سىزنىڭ دەلىل تەلەپ قىلغىنىڭىزغا جاۋابەن بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى چىقاردىم ھەم دامۇللاملارنىڭ ئىسمىنى ئاتىدىم.
مەن سىزدىن دەلىل تەلەپ قىلمىدىم، ئاللاھ ساقلىسۇن! مەن سىزدىن پەقەت:
«سىزنىڭ بۇ «خەتمە خوجىكان» ىڭىزنى ئۇ داموللاجىملىرىڭىزغا كىم تەلىم بەرگەن ئىكەن؟ ئاللاھمۇ؟ پەيغەمبەرمۇ؟ ياكى شەيتانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۇنى ئۆزلىرى ئويدۇرغانمىكەن؟» دەپ سورىدىم.
سىز تېخىچە بۇ سوئاللىرىمنىڭ ھېچبىرىگە جاۋاب بەرمىدىڭىز، تېخىمۇ توغرىسى بېرەلمىدىڭىز، بۇنىدىن كېيىنمۇ جاۋاپ بېرەلمەيسىز. ئەگەر ھەقىيقى مۇسۇلمان بولاي دېسىڭىز ئالدىڭىزدا بىرلا يول بار. ئۇ بولسا، ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى كۆرسەتكەن يولغا كېلىشتۇر.
بۇ كىتابنى يازغۇچىلار سىز بىلەن بىزدەك ئەقىلسىز ئەمەستۇ
مەن سىزنىڭ ئەقىلسىز ياكى ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭزنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۆزۈمنىڭ ئەقىللىق بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن. ئىنكاسلىرىڭىزدىن قارىغاندا – ئۆزىڭىزمۇ دېگىنىڭىزدەك- سىز راستىنلا ئەقىلسىز ئىكەنسىز. قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇڭ، ئاللاھ ئەقىل ئاتا قىلسا ئەجەب ئەمەس.
ئەگەر بىلسىڭىز كىتابنى تىپىپ كۆرۈپ تەپسىلى ئۇقۇپ بېقىپ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسولىنىڭ سۆزىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن جايلىرى بولسا بۇ يەرگە تىما يوللاڭ تەپسىلى ئوقۇڭ
ئېھتىياجىم يوق. مەن ئۇنداق يالغان – ياۋىداق كىتابلارنى قولۇمغا ئېلىپ، قولۇمنى مەينەت قىلىشنى خالىمايمەن. ماڭا رەببىم ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابى، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى كۇپايە قىلىدۇ. سىز بۇ تەكلىپىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ئەقىلسىزلەرگە قىلىڭ. چۈنكى خۇراپاتنىڭ خېرىدارى خۇراپاتچىدۇر، مەن ئەمەس!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر