مۇسۇلمانلار

مەن بىر خاتىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قېرىندىشىم! مەن بىر مەسجىدنىڭ خاتىپى. سىزنىڭ «كۈنىمىزدىكىدەك ئەگەر مالنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان ئىش بولسا، پۇلنىڭ نېسى بولۇشى ھەتتا مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن نېسى باھاسىنىڭ پەرقلىق بولۇشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇئەييەت بىر باھاغا كىلىشىپ سودىنى پۈتتۈرۈشى ئۆسۈم مۇئامىلىسى ھىساپلانمايدۇ» دېگەن پەتىۋايىڭىزنى ئوقۇغان بولساممۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بىر مەنپەئەتنى ئىلىپ كەلگەن ھەرقانداق قەرز جازانىدۇر» دېگەن ھەدىسى ۋە بۇ توغرىدىكى ئەقلى دەلىلەر سەۋەبى سىزنىڭ بۇ توغرىدىكى پەتىۋايىڭىزغا قانائەتلەنمىدىم، بۇ ھەقتە تەپسيلىرەك چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ ئىلىڭىزنى زىيادە قىلسۇن. ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەد
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! تىجارەت بىلەن قەرز تامامەن پەرقلىق ئىككى مۇئامىلىدۇر؛ بىرىدە مال بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇلىدۇ، يەنە بىرىدە پۇل بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «بىر مەنپەئەتنى ئىلىپ كەلگەن ھەرقانداق قەرز جازانىدۇر» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
دېمەككى جازانە قەرزدە مەيدانغا كېلىدۇ، سودىدا مەيدانغا كەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان تەتقىقاتلار بار. ھەممىسى مۇشۇ توردا نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنى تېپىپ ئوقۇپ باققايسىز. بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسال:
سىزنىڭ بىر دۇكىنىڭىز بولسا، ئەتىگەن بېرىپ دۇكىنىڭىزنى ئاچسىڭىز، مەسىلەن: دۇكىنىڭىزدىكى بىر چاپاننى ئالماقچى بولغان بىر خېرىدار سىزدىن بۇ چاپان قانچە پۇل؟ دەپ سورىسا، سىز 100 كوي، دېسىڭىز، يامانراق ئادەم بولسا سىز بىلەن باھا تالىشىپ، چاپاننى 70، 80 كويلارغا ئېلىشى مۇمكىن، بەزىلىرى دېگىنىڭىزگە ئېلىشى مۇمكىن، ھەتتا چۈشتىن كېيىن سىز كۆپراق سېتىش ئۈچۈن ئۇ چاپاننىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
نەتىجىدە ئۇ چاپان 50 كويغىمۇ، سېتىلىدۇ، 60، 70، 80، 90 كويلارغىمۇ سېتىلىدۇ. ھەتتا 100 كويغا ساتقانلىرىڭىزمۇ بولىدۇ. مانا بۇ پەرقلىق بەدەللەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ چاپىنىڭىزنىڭ بەدىلىدۇر. مانا بۇ، تىجارەتتىكى تەبىئىي ئەھۋالى.
ئەگەر ئىش سىز ئويلاپ قالغاندەك بولىدىغان بولسا، بۇ چاپاننىڭ سىز سېتىۋالغان باھاسىنىڭ ئۈستىدىكى پۇللار جازانە بولغان بولاتتى.
سىز بىر كىشىگە بىر چاپاننى نەخ باھاسى 90 كوي، نېسى باھاسى 100 كوي دېسىڭىز، ئۇ كىشى چاپاننى نېسى 100 كويغا ئالسا، ئۇ 100 كوي پۇل ئۇ چاپاننىڭ بەدىلىدۇر، نەخ 90 كويغا ئالسا، ئۇ 90 كويمۇ ئۇ چاپاننىڭ بەدىلىدۇر. چۈنكى بۇ ئادەم پۇلنىڭ قەرەلى كەلگەندە سىزگە چاپاننى ئەمەس، چاپاننىڭ بەدىلى بولغان 100 كوينى تۆلەيدۇ.
ئۆسۈملۈك قەرزدە بولسا، سىز بىر كىشىگە بىر ئايلىق يۈزدە ئون ئۆسۈم بىلەن 100 كوي قەرز بەرسىڭىز، ئاي توشقاندا ئۇ كىشى سىزگە، سىز ئۇنىڭغا بەرگەن 100 كوينى ۋە بۇنىڭغا قوشۇپ 10 كوينى بىللە تۆلەيدۇ. مانا بۇ 10 كوي ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.
دېمەك، تىجارەتتە مال بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئېلىش بىلەن سېتىش ئارىسىدىكى ئارتۇق پۇل پايدا ھېسابلىنىدۇ. جازانىدە پۇل بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇلىدۇ. بېرىش بىلەن ئېلىش ئوتتۇرىسىدىكى ئارتۇق پۇل ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ. تىجارەتتە پايدا ئېلىش ئۈچۈن بىر يەردىن ئېلىپ يەنە بىر يەرگە سېتىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنى پايدىدا ئىككى مۇئامىلە ئېلىپ بېرىلىدۇ، جازانىدە بىر قېتىملا مۇئامىلە (قەرز مۇئامىلىسى) قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى مۇئامىلىنىڭ شەكلىمۇ تامامەن پەرقلىقتۇر.
شەيتان بەزى ئىنسانلارنىڭ ئىككى مۇئامىلە ئوتتۇرىسىدىكى مانا بۇ ئىنچىكە پەرقنى چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر: «سودا-سېتىق، خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر» دەيدۇ. «ھالبۇكى ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان». ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ‹سودا – سېتىق، خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ»- بەقەرە 2/275.
ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن!  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر