مۇسۇلمانلار

ئەۋلىيا بارمۇ؟

مەن بۇرۇن ۋە ھازىرمۇ ئەۋلىيالىق ماقامىغا يەتكەن كىشلەر، دېگەن سوزلەرنى بەزى دىنى سورۇنلاردىن ۋە كىتاپلاردىن ئۇچرىتىپ قالىمەن. بۇ سۆزلەرنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئەۋلىيا ئەسلىدە ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ۋەلىينىڭ كۆپلۈكىدۇر. مەناسى دوست دېگەن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى (دوستلىرى) نىڭ كىملىكى يۇنۇس سۈرىسىنىڭ 62- ۋە 63- ئايەتلىرىدا بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئىككى ئايەت مۇنداق:
«أَلَا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ (62) الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ (63)»
مەناسى:
«دىققەت! ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى (دوستلىرى) بارغۇ، ئۇلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق، ھەمدە ئۇلار ئەسلا غەمكىن بولمايدۇ.
ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغان كىشىلەردۇر»- يۇنۇس 10/62-63.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايىتىدەئەۋلىيالارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى ئەۋلىيا، ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغان كىشىدۇر. ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاۋۋالقى بەش ئايىتىدە تەقۋادارلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«الم {1} ذَلِكَ الْكِتَابُ لاَ رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِّلْمُتَّقِينَ {2} الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ {3} والَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ وَبِالآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ {4} أُوْلَـئِكَ عَلَى هُدًى مِّن رَّبِّهِمْ وَأُوْلَـئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ {5}‏»
مەناسى:
«1- ئەلىف، لام، مىيم.
2- ئۇ، بۇ كىتابتۇر. ئۇنىڭدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر. ئۇ، تەقۋادارلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر.
3- ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى تولۇق ئۆتەيدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ياخشىلىققا سەرپ قىلىدۇ.
4- ئۇلار يەنە ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ. ئاخىرەتكە بولسا، ھەقىقىي ئىشىنىدۇ.
5- ئەنە شۇلار، رەببىدىن كەلگەن توغرا يول ئۈستىدىدۇر ۋە مۇرادىغا يەتكۈچى كىشىلەردۇر.»- بەقەرە 2/1-5.
ئاللاھ تەئالا تۆۋەندىكى ئايىتىدە تەقۋادارلارنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىنى بايان قىلىدۇ:
«لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَـكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَى حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّآئِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُواْ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاء والضَّرَّاء وَحِينَ الْبَأْسِ أُولَـئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَأُولَـئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ»
مەناسى:
«مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس؛ لېكىن ياخشىلىق كىشىنىڭ ئاللاھغا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشى؛ مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا، يولدا قالغانلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بېرىشى؛ نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇشى؛ زاكاتنى بېرىشى؛ قىلشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشى؛ قىيىنچىلىقتا، كېسەللىكتە ۋە قاتتىق ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلشى قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر»- بەقەرە 2/177.
قۇرئان-ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن يىراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋلىيا، كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئالدىن ئېيتىپ بەرگۈچى، كىشىلەرنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچى، ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋاسىتىچى، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كىشى، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. بۇ چۈشەنچىلەرنىڭ قۇرئان-ھەدىستىكى ئىسلام بىلەن يىراقتىن-يېقىندىن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوقتۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ بىرقانچە ئايىتىدە غەيبنى يەيغەمبىرىمىزنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەسلىكى، ئۆزىگە ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«قُل لاَّ أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَآئِنُ اللّهِ وَلا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ إِنْ أَتَّبِعُ إِلاَّ مَا يُوحَى إِلَيَّ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَفَلاَ تَتَفَكَّرُونَ»
مەناسى:
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مەن سىلەرگە: ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدىدۇر، دېمەيمەن. مەن غەيبنى بىلمەيمەن. سىلەرگە: مەن چوقۇم بىر پەرىشتە، دېمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن›. ئېيتقىنكى: ‹كور بىلەن كۆرگۈچى باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟›»- ئەنئام 6/50.
«قُل لاَّ أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعاً وَلاَ ضَرّاً إِلاَّ مَا شَاء اللّهُ وَلَوْ كُنتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لاَسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ إِنْ أَنَاْ إِلاَّ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ»
مەناسى:
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مەن ئۆزۈمگە، ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقا ھېچقانداق پايدا ۋە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلەيمەن. ئەگەر غەيبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق قولغا كەلتۈرگەن بولاتتىم. ھەمدە بېشىمغا ھېچبىر يامانلىق كەلمەستى. مەن، ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە بىر خۇش خەۋەرچىمەن›»- ئەئراف 7/188.
«وَلاَ أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَآئِنُ اللّهِ وَلاَ أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلاَ أَقُولُ إِنِّي مَلَكٌ وَلاَ أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِي أَعْيُنُكُمْ لَن يُؤْتِيَهُمُ اللّهُ خَيْراً اللّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِي أَنفُسِهِمْ إِنِّي إِذاً لَّمِنَ الظَّالِمِينَ»
مەناسى:
«سىلەرگە: ‹مېنىڭ يېنىمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار› دېمەيمەن، مەن غەيبنى بىلمەيمەن، ‹مەن بىر پەرىشتە› دېمەيمەن، سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق: ‹ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ دېمەيمەن،- ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ- چۈنكى مەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن›»- ھۇد 11/31.
«فَإِن تَوَلَّوْا فَقُلْ آذَنتُكُمْ عَلَى سَوَاء وَإِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٌ مَّا تُوعَدُونَ»
مەناسى:
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئەگەر يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: ‹مەن ھەقىقەتنى ھەممىڭلارغا ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب يېقىنمۇ، يىراقمۇ، ئۇنى مەن بىلمەيمەن›»- ئەنبىيا 21/109.
«قُلْ مَا كُنتُ بِدْعاً مِّنْ الرُّسُلِ وَمَا أَدْرِي مَا يُفْعَلُ بِي وَلَا بِكُمْ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ وَمَا أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ»
مەناسى:
«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹مەن ئويدۇرما پەيغەمبەر ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا ۋھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن. مەن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن›»- ئەھقاف 46/9.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر