مۇسۇلمانلار

بىزنىڭ توغرىمۇ، ئەرەبىستاننىڭمۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سەئۇدىي ئەرەبىستاندا مىلادى 11ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى قۇربان ھېيتى ئىكەن، ئەمما بۇ يەردە 11ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى ھېيت بولىدىغانلىقى جاكارلاندى. مەقسەت، بۇ يەردىكى كۆپلىگەن قېرىنداشلار بۇ يەردە تۈزۈلگەن كالېندار بويىچە 10 كۈنلۈك ئىبادەتكە تۇتۇش قىلىپ روزا تۇتۇۋاتىدۇ.
11ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى بۇ يەردىكىلەرگە نىسبەتەن ئەرافات كۈنى، ئەمما ھەرەمگە يىغىلغانلار ۋە زور كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار بۇ كۈنى ھېيت قىلىدۇ. بۇ كۈنى بۇ يەردىكى (شىنجاڭدىكى) مۇسۇلمانلار روزا تۇتسا بولامدۇ؟ كۈندۈزلۈك ۋاقىت پەرقى 3 سائەتلىك جايلاردا ئاي چىقىش ۋاقتى شۇنچە زور پەرقلىنىپ كېتەمدۇ؟
 ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇلئەھەتجان ئابدۇلكەرىم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
كالېندارلار، تۈزۈلگەن رايونلارغا قارىتا پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىر رايوندا ياشاۋاتقان بولسىڭىز، ئىجتىمائىي ئىبادەتلەرنى باشقا بىر رايوننىڭ كالېندارى بويىچە ئادا قىلالمايسىز. چۈنكى بۇنداق ئىبادەتلەر جامائەت بىلەن ئادا قىلىنىدۇ. سىز جامائەت بىلەن ئادا قىلىنىدىغان بىر ئىبادەتنى شۇ يەردىكى جامائەتتىن ئايرىلىپ يالغۇز قىلالمايسىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىبادەت بولغان ھېيت نامىزىنى شۇ ياشاۋاتقان رايونىڭىزدىكى كالېندار بويىچە شۇ جايدىكى جامائەتلەر بىلەن بىللە ئادا قىلىشىڭىز لازىم.
لېكىن خۇسۇسىي ئىبادەت بولغان روزا، قەدر كېچىسى ئىبادىتى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدىكى ئىبادەتلەر قاتارلىقلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئۆزىڭىز ھىلال (يېڭى ئاي) نىڭ كۆرۈنۈشىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇپ بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن:
 1- رامىزان روزىسىنى باشلاشتا، شەئبان ئېيىنىڭ 29- كۈنى كەچتە كۈن پېتىش تەرەپتە ھىلالنى كۆرسىڭىز، ئەتىسى روزا تۇتسىڭىز، بولمىسا شەئبان ئېيىنىڭ سانىنى 30 قىلىپ تاماملىۋېتىپ ئاندىن بۇ 30- كۈن كەچتە ھىلالنى كۆرۈڭ، كۆرمەڭ ئەتىسى روزا تۇتسىڭىز بولىدۇ.
2- روزا ھېيتنىمۇ بۇ شەكىلدە بەلگىلەيسىز، يەنى رامىزان ئېيىنىڭ 29- كۈنى كەچتە ھىلالنى كۆرسىڭىز ئەتىسى روزا تۇتمايسىز، بۇ كۈن روزا ھېيت نامىزى ئوقۇش-ئوقۇماسلىقىڭىز مۇھىم ئەمەس. ناۋادا رامىزاننىڭ 29- كۈنى كەچتە ھىلالنى كۆرەلمىسىڭىز رامىزاننى 30 كۈن قىلىپ تاماملايسىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
«ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار (يەنى ئاي كۆرۈپ ھېيت قىلىڭلار)، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە توشقۇزۇڭلار»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
«رامىزان كىرىشتىن ئاۋۋال روزا تۇتماڭلار، ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار (يەنى ئاي كۆرۈپ ھېيت قىلىڭلار)، ئەگەر ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ يېڭى ئاينى كۆرگىلى بولمىسا، شەئبان ئېيىنى 30 قىلىڭلار»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
3- زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالىقى 10 كۈنىنى توغرا بېكىتىش ئۈچۈنمۇ زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 29- كۈنى كەچتە ھىلالنى كۆرسىڭىز، ئەتىسىنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ ھېسابلىسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 29- كۈنى كەچتە ھىلالنى كۆرەلمىسىڭىز، زۇلقەئدە ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ تاماملاپ، ئاندىن ئەتىسىنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى ھېسابلايسىز.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«هُوَ الَّذِي جَعَلَ الشَّمْسَ ضِيَاءً وَالْقَمَرَ نُورًا وَقَدَّرَهُ مَنَازِلَ لِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ مَا خَلَقَ اللَّهُ ذَلِكَ إِلَّا بِالْحَقِّ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ».
«ئاللاھ كۈننى نۇر مەنبەسى، ئاينى نۇر ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلغان ۋە ئايغا مەنزىللەر تەيىن قىلغان زاتتۇر. ئاللاھ بۇنى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ۋاقىتلارنىڭ ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ بۇلارنى پەقەت ھەق بىلەنلا ياراتتى. ئاللاھ، ئايەتلىرىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلي بايان قىلىدۇ»- يۇنۇس 10/5.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ ۋاقىتلىرىنىڭ ھېسابلىرى كۈن بىلەن، بىر يىلنىڭ ۋاقىتلىرىنىڭ ھېسابلىرى ئاي بىلەن بەلگىلىنىدۇ.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سۇئال:
15ـ نويابىر ئەرافات كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار مەككىگە يىغىلىپ ھەج پائالىيىتى قىلىدۇ، بۇ يەردىكى كالېندار بويىچە بولسا 16ـ نويابىر ئەرافات كۈنى، ئەمما بۇ يەردە مەككە يوق. بۇ يەردە ئۇنداق پائالىيەت ھەم بولمايدۇ، شۇڭا زۇلھەججىنىڭ ئاۋالقى ئونىدا رۇزا تۇتۇۋاتقانلار 16ـ نويابىر (مەككىدە ھېيت) كۈنى رۇزا تۇتسا بولامدۇ؟ ياكى بولمامدۇ؟ ئېنىق جاۋاب بېرىڭ! ئابدۇلئەھەتجان ئابدۇلكەرىم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قېرىندىشىم! سىز ئاينى توغرا كۆرەلىگەن بولسىڭىز مەككىدىكىلەر خاتا قىلغان بولىدۇ، ئۇلار توغرا كۆرگەن بولسا سىز خاتا قىلغان بولىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىل ئۆتۈپ كەتكەن ئىشقا بۇ قەدەر كاللا قاتۇرۇپ كەتمەي، ئالدىمىزدىكى يىلىدىن باشلاپ (ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن) زۇلقەئدە ئېيىنىڭ ئاخىرىنى توغرا بېكىتىپ، زۇلھەججە ئېيىغا توغرا باشلىغايسىز! ياكى ئۇنداق قىلالمىسىڭىز توغرا ئىش قىلىمەن دەپ خاتا ئىش قىلىپ سالغۇچە شۇ بىر كۈندە روزا تۇتمىسىز بولىدۇغۇ! قىلسا ساۋاب بولىدىغان، قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان نەپلە ئىبادەت ئۈچۈن بۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشكە ھاجەت بارمۇ؟
رامىزان روزىسىدىن باشقا روزىلار نەپلە روزا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ روزىلارغا تەشۋىق قىلىنىدۇ، لېكىن ئەمر قىلىنمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىشى بىر يىلنىڭ ئىچىدە، روزا ھېيت كۈنى بىر كۈن، قۇربان ھېيت كۈنى بىر كۈن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن 3 كۈن تۇتماي، قالغان كۈنلەرنىڭ ھەممىسىدە نەپلە روزا تۇتسىمۇ بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر سىزنىڭ بۇ دۇنيادا قىلىدىغان باشقا بىر ئىشىڭىز بولمىسا، «كېچە قائىم، كۈندۈز سائىم، قولىدا تەسپىي، ئاغزىدا پىچىي-پىچىي» ئادەم بولۇپ ياشىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭكى: دىنىمىز سىزنى ئۇنداق ياشاشقا بۇيرۇمايدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ، ئۇلاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى توغرۇلۇق سورىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىبادىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئاز ساناپ: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتكەنكى ۋە كېيىنكى گۇناھىنى كەچۈرگەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلەيتتۇق»، دېيىشتى.
ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن ھەمىشە كېچىچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ چىقىمەن»، دېدى. يەنە بىرسى: «مەن ھەمىشە روزا تۇتىمەن، ھەرگىزمۇ ئېغىزىم ئوچۇق يۈرمەيمەن»، دېدى. يەنە بىرسى: «مەن ئاياللاردىن يىراق بولىمەن، ھەرگىز ئۆيلەنمەيمەن»، دېدى.
رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئۇلارغا: «سىلەر مۇنداق-مۇنداق دەپسىلەر. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھتىن بەكرەك قورقىمەن ۋە ئەڭ تەقۋادارمەن. مەن بەزىدە روزا تۇتىمەن، بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىسى ھەم ناماز ئوقۇيمەن، ھەم ئۇخلايمەن. خوتۇنمۇ ئالىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس»، دېدى.- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر