مۇسۇلمانلار

قۇربان ھېيت ھارپىسىدا

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار!
ھازىر قۇربان ھېيت ھارىپىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھېيت نامىزى ئوقۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان ھېيت نامىزى ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە قىلىنىدىغان ئىشلار توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىمەن.
ھەممىمىزگەمەلۇم، قۇربان ھېيت كۈنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ (ھىجرىيىنىڭ 12 – ئېيى) 10- كۈنى بولىدۇ. بۇ ئاينىڭ 9 – كۈنى (يەنى ئەتىسى ھېيت بولىدىغان كۈنى) بامدات نامىزىدىن باشلاپ تەشرىق تەكبىرلىرى باشلىنىدۇ. يەنى نورمال ئىبادىتىمىزگە باشقا ئىبادەتلەر قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم:
1- ھارپا كۈنىنىڭ (يەنى ھېيت كۈنىنىڭ ئالدىدىكى كۈننىڭ) بامدات نامىزىدىن كېيىن تەكبىر ئوقۇلۇشقا باشلىنىدۇ. بۇ تەكبىر شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ، تاكى ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىنگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ تەكبىر تۆۋەندە تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىنىدۇ.
2- ھېيت نامىزىغا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تازىلىنىپ: يەنى يۇيۇنۇش، ئېغىزنى مىسۋاكلاش، چىرايلىق ۋە پاكىزە كىيىملەرنى كېيىش، خۇشپۇراق بىر نەرسە ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ چىقىش ياخشىدۇر.
3- ھېيت نامىزىغا بىر نەرسە يەپ – ئىچمەيلا چىقىش ياخشىدۇر. ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يەپ – ئىچكەنلەر گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى بۇ مۇستەھەب ئەمەلدۇر. ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلىپ، قۇربانلىقنىڭ جىگىرىدىن يېيىش ياخشىدۇر. لېكىن نامازدىن قايتىپ باشقا يېمەك يېيىشنىڭمۇ زىيىنى يوق.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەشكەرتىش لازىمكى، نارەسىدە بالىلارنى جامائەت ھېيت نامىزىدىن تارقالمىغۇچە بىر نەرسە يېگىلى قويماسلىق، ھەتتا بوۋاقلارغا سۈت ئېمىتمەسلىك ئىنتايىن خاتا بىر ئىش بولۇپ، دىنىمىزدا ئەسلا ئورنى يوقتۇر. چۈنكى نارەسىدە بالىلار پەرز ئەمەللەرنى قىلىشقىمۇ تەكلىپ قىلىنمايدۇ.
4- ھېيت نامازلىرى مەسجىد ۋە جامەلەردە ئادا قىلىنىدۇ. لېكىن ئوچۇق مەيدانلاردا ئادا قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ھەتتا بۇ ئەۋزەلدۇر.
5- ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان جايغا ئاياللارنىڭ ۋە كىچىك بالىلارنىڭ قاتنىشىشى ياخشىدۇر، قاتنىشالمىسا گۇناھكار بولمايدۇ.
6- نامازدىن قايتقاندا نامازغا بارغان يول بىلەن ئەمەس، باشقا بىر يول بىلەن قايتىش ياخشىدۇر.
7- ھېيت نامىزى كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، كۈن تىكلەنگۈچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوقۇلىدۇ.
8- ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئەزان – تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. سەپپەن توۋىلاش، قامەتلەش ياكى ھەرقانداق بىر سۆز بىلەن ئىنسانلارنى نامازغا چاقىرىش توغرا ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلمىغان.
9- ھېيت نامىزىدا بىرىنچى رەكئەتتە سانا (سۇبھانەكەللاھۇممە…) دىن كېيىن، ئىككىنچى رەكئەتتە قىرائەتتىن كېيىن، رۇكۇدىن ئىلگىرى تەكبىرلەر ئوقۇلىدۇ. بۇ تەكبىرلەر ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇلىدۇ. ھېيت نامىزىنىڭ قالغان يەرلىرى يەنى ھېيت نامىزىنىڭ باشقا ھەرىكەت، ئوقۇلىدىغان ئايەت، دۇئا ۋە زىكىرلىرى باشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاشتۇر.
10- ئىمام ھېيت نامىزىدىن سالام بېرىپلا مۇنبەرگە چىقىپ، مۇنبەر بولمىسا جامائەتكە قاراپ تۇرۇپ، جۈمە خۇتبىسىغا ئوخشاش بىر خۇتبە ئوقۇيدۇ. خۇتبىنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرىدۇ. جامائەت قايتىپ كەتمەستىن خۇتبىنى تىڭشايدۇ. ئىمامنىڭ خۇتبە ئوقۇشى، جامائەتنىڭ ئاڭلىشى زۆرۈردۇر (ۋاجىبتۇر).
11- ھېيت نامىزدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ھېچقانداق سۈننەت ناماز يوقتۇر.
12- ھېيت نامىزى جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. جامائەت بىلەن ئوقۇيالمىغان كىشى يالغۇز ھېيت نامىزى ئوقۇمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكارمۇ بولمايدۇ.
13- ھېيت كۈنلىرى كەڭتاشا يەپ – ئىچىشكە، شەرىئەت رۇخسەت قىلغان ئويۇن – تاماشا ۋە نەغمە – ناۋالارنى قىلىشقا بولىدۇ.
14- قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلغان كۈنى ۋە ئالدىدىكى 9 كۈن ئەڭ ئەۋزەل كۈنلەردىن بولۇپ، بۇ كۈنلەرنى تائەت – ئىبادەت ۋە زىكىر – تەسبىھلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش ياخشىدۇر.
15- ھېت كۈنلىرى ئائىلە – تاۋابىئات، قولۇم – قوشنا، دوست – يارەن ۋە ئۇچراشقان مۇسۇلمانلار بىلەن ھېيتنى مۇبارەكلىشىش ياخشىدۇر.
16- ھېيت كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن بامدات نامىزىدىن باشلاپ تاكى ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەسىرگىچە تەشرىق تەكبىرلىرىنى ئوقۇش كېرەك.
بۇ تەكبىرلەرنىڭ بۇ كۈنلەردە مەلۇم بىر ۋاقتى يوق. بەلكى ھەر پۇرسەتتە ئوقۇلىدۇ. پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدىن ئوقۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇ تەكبىرلەرنى ئوقۇشتا ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك، جامائەت ياكى يالغۇز بولۇشنىڭ پەرقى يوقتۇر. يەنى بارلىق مۇسۇلمانلار ئوقۇيدۇ. ئوقۇلىدىغان تەكبىر تۆۋەندىكىچە:
«ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر،
لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر،
ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىل ھەمد.
ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ۋەلھەمدۇلىللاھى كەسىيرا،
ۋە سۇبھانەللاھ بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا.
بىلەلمىگەنلەر «ۋەلىللاھىل ھەمد» كىچە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر