مۇسۇلمانلار

ئالدىمىز قىبلىگە بولۇپ قالسا گۇناھ بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: بىنا ئۆيلەردىكى ھاجەتخانىنىڭ ھاجەت قاچىسى قىبلە تەرەپكە قاراپ ئورنىتىلىپ قالىدىكەن. شۇ بويىچە ئىشلىتىۋەرسەك گۇناھ بولامدۇ؟ ئېنىق بىر جاۋاپقا ئېرىشسەم، دەيمەن
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ھۆرمەت بىلەن: بەندە
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى «تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، ئارقاڭلارنىمۇ قىلماڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسلەر ئەتراپى ئوچۇق جايلاردا تەرەت سۇندۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
بىنالاردا تەرەت سۇندۇرغۇچىنىڭ ئالدى ياكى ئارقىسى قىبلە تەرەپكە بولۇپ قالسا گۇناھ بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ھەدىسلەرمۇ بار.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:
1- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بىرىڭلار تەرت سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئولتۇرغاندا، قىبلىگە ئالدىنىمۇ قىلمىسۇن، ئارقىسىنىمۇ قىلمىسۇن»- مۇسىلىم ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
2- ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ھەفسەنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام تەرەپكە ئالدىنى، كەبە تەرەپكە ئارقىسىنى قىلغان ھالدا تەرەت سۇندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»- تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
3- مەرۋان ئەلئەسغەر رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئۇمەرنىڭ، تۆگىسىنى چۆتۈرۈپ قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ سىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاندىن ئۇنىڭدىن: ئەبا ئابدىراھمان! بۇنداق قىلىش چەكلەنمىگەنمۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
«ئەلۋەتتە چەكلەنگەن، لېكىن ئۇ چەكلىمە ئەتراپى ئوچۇق جايلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەمما سەن بىلەن قىبلە ئارىسىدا سېنى يۆگەپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بولسا، قىبلىگە ئالدىڭ ياكى ئارقاڭ بولۇپ قالسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ»- ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى خۇزەيمە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر