باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
«باشلىغان ھەج ۋە ئۆمرەڭلەرنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار. ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزۈڭلارغا ئاسان بولغىنىنى ئەۋەتىڭلار. بۇ مال، بوغۇزلىنىدىغان يېرىگە بارمىغىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. لېكىن ئىچىڭلاردىن بىرى كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى بېشىدىن بىر ئەزىيەت چەككەنلىكى ئۈچۈن ۋاقتىدىن ئىلگىرى بېشىنى چۈشۈرسە بىر فىدىيە بەرسۇن؛ فىدىيە، روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە بېرىش ياكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا بولسا، ھەجگىچىلىك ئۆمرە قىلىپ ساۋاب قازانغان كىشىنىڭ، قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزىگە ئاسان بولغىنىنى قۇربانلىق قىلىشى لازىم. تاپالمىغانلارنىڭ، ھەج ئەسناسىدا ئۈچ كۈن، قايتقان چېغىڭلاردا ۋەتىنىدە يەتتە كۈن بولۇپ جەمى تولۇق ئون كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ھۆكۈم، ئائىلىسى مەسجىدى ھەرامنىڭ تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر.
ھەج بىلىنگۈچى ئايلاردىدۇر. كىم بۇ ئايلاردا ئېھرام باغلاپ ھەجنى ئۆزىگە پەرز قىلسا بىلسۇنكى، ھەج ئەسناسىدا ئەر- خوتۇن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە، گۇناھ قىلىشقا ۋە جېدەللىشىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ياخشىلىقتىن نېمە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىقتۇر. ئى ساپ ئەقىل ئىگىلىرى، مەندىن قورقۇڭلار!
ھەج مەۋسۇمىدا تىجارەت قىلىپ رەببىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر. ئەرەفاتتىن ئايرىلىپ مۇزدەلىفە تەرەپكە سەلدەك ئاققان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرامدا ئاللاھغا زىكىر ئېيتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە قانداق كۆرسەتكەن بولسا، ئۇنىڭغا شۇنداق زىكىر ئېيتىڭلار. سىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى چوقۇم ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار.
 ئاندىن ئىنسانلار سەلدەك ئاققان يەردىن سىلەرمۇ سەلدەك ئېقىڭلار. ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر.
ھەج ئىبادەتلىرىڭلارنى ئادا قىلىپ بولغان چېغىڭلاردا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياد ئەتكەندەك ھەتتا تېخىمۇ كۈچلۈك بىر رەۋىشتە ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. بەزى ئىنسانلار: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن› دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدۇ.
بەزى ئىنسانلار بولسا: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخىشىلىق بەرگىن، بىزنى جەھەننەم ئازابىدىن ساقلىغىن› دەيدۇ.
ئەنە شۇنداق دېگەنلەر بارغۇ، ئۇلارغا قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھ ھېسابنى بەك تېز ئالىدۇ.
ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھقا زىكىر ئېيتىڭلار. كىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېچ گۇناھ قالمايدۇ. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ ھېچ گۇناھ قالمايدۇ. بۇ، تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر»- بەقەرە 2/196-203.
«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە، ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىشقا كۈچى يەتكەنلەرگە ھەج قىلىش پەرز قىلىندى. كىم كافىر بولسا بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»- ئال ئىمران 3/96-97.
«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: ‹ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن، تاۋاف قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن.
ئنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلغىن؛ ئۇلار پىيادە مېڭىپ ۋە يىراق يوللاردىن كەلگەن ئۇرۇق ئۇلاغلارغا مىنىپ يېنىڭغا كىلسۇن،
مەنپەئەتلىرنى كۆرسۈن، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن بىلىنگەن كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلسۇن. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار.
ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەرەپات ۋە مۇزدەلىفىدە تۇرۇش ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، ھەجگە باشلاش بىلەن زىممىلىرىگە يۈكلىنىپ قالغان ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلسۇن ۋە بەيتۇللاھنى تاۋاف قىلسۇن›.
ھەج ئەنە شۇلاردىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان نەرسىلەرگە ھۆرمەت قىلغانلار، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ…»- ھەج 22/26-28.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ