مۇسۇلمانلار

ئاق كېسەلگە ساۋاب بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئاق كېسەل توغرىسىدا دىنىمىز ئسلامدا قانداق مەلۇماتلار بار: 1- يۇقۇش – يۇقماسلىق؟، 2- كەمسىتىش؟، 3- ئاخىرەتلىك، 4- داۋالاش، 5- شۇنداقلار بىلەن تويلۇشۇش .ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇللاھ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسەلام
جاۋاب:
بىرىنچى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى سوئالىڭىزنى، مۇشۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولغان مۇتەخەسسىس دوختۇرلاردىن سورىسىڭىز، ئۇلار سىزگە بۇ توغرىدا مەلۇمات بېرىدۇ. چۈنكى دىنىمىز بىلمىگەننى بىلىدىغانلاردىن سوراپ ئۆگىنىشكە بۇيرۇيدۇ.
ئىككىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى:
قانداقلا بىر مۇسىبەتكە مۇپتىلا بولغان بىر كىشىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۇنى كەمسىتىشى توغرا ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇشى كېرەك: «سەندىكى بالادىن مېنى ساقلىغان ۋە مېنى نۇرغۇنلىغان مەخلۇقاتىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!»[1].
ئۈچىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى:
دىنىمىز بىرەر بالا – مۇسىبەتكە مۇپتىلا بولغان كىشىنى سەۋر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان كىشى ئۆزىگە يەتكەن ھەرقانداق بالا – مۇسىبەتكە سەۋر قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا كۆپ ئەجىر ئاتا قىلىدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان ئايەت – ھەدىسلەردە بايان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەت ۋە ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇتۇپ ۋە بىرئاز ئاچ قويۇپ سىنايمىز؛ شۇنىڭدەك مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلارنى كېمەيتىپ سىنايمىز. سەن بۇنىڭغا سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا بىر مۇسىبەت يەتكەندە مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز چوقۇم ئاللاھنىڭدۇرمىز ۋە بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز!›.
ئەنە شۇلارغا رەببىدىن مەغپىرەتلەر ۋە رھمەت ياغىدۇ، ئەنە شۇلار، ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر»[2].
ئەبۇ سەئد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇسۇلمانغا يەتكەن قىيىنچىلىق، كېسەللىك، غەم-غۇسسە، ئەزىيەت ۋە خاپىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن، ھەتتا بەدىنىگە كىرگەن تىكەن ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدۇ»[3].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىدا، بالىلىرىدا، ماللىرىدا مۇسىبەتلەرگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ، ئاخىر گۇناھلاردىن پاك بولغان ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا بارىدۇ»[4].
————————————————————————————————————
[1]– تىرمىزى رىۋايەت قىلىدۇ.
[2]– بەقەرە 2/155-157.

 

[3]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 

[4]– تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر