مۇسۇلمانلار

مەن موتو سايمىنى ساتىمەن

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سوئال:
مەن موتو سايمىنى ساتىمەن. ئادەتتە خوسەي كۇلۇس دىيەنپىڭ دىگەندەك سايمانلارنى ئالتە ئايلىق بوشەندە ساتىمەن. ساتقاندا ئلماشتۇرۇشقا توغرا كېلپ قالسا شۇ چاغدا 10 يۈەن ئېلىپ ئالماشتۇرۇپ بېرىمەن، دەپ بىرىمەن.
ئادەتتە 20 يۈەنلىك سايماننى بەزىلەر 40 يۈەنگە سېتىپ ئالماشتۇرغاندا پۇل ئالمايدىغانلارمۇ بار ئىكەن، مەن ئادەتتە 30 يۈەنگە ساتىمەن. ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ قالسا 10 يۈەن ئېلىپ ئالماشتۇرۇپ بىرەتتىم .
ھېلىقى قىممەت سېتىپ ئالماشتۇرغاندا پۇل ئالمايدىغان ئادەم مىنى جازانە قىلىپسىز دەۋاتىدۇ. بۇ گەپ زادى توغرىمۇ؟ مەن راستىنلا جازانە قىلغان بولامدىمەن؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! جازانە دېگەن باشقىلارنىڭ پۇل – مېلى ئىچىدە كۆپەيسۇن، دەپ شۇ باشقىلارغا ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشتە ۋە ئوخشاش جىنسىتىكى نەرسىنى ئۈستەك ئېلىپ تېگىشىشتە مەيدانغا كېلىدۇ.
مال ياكى خىزمەت بەدىلىگە ئېلىنغان ھەق ئەسلا جازانە بولمايدۇ. سىزنىڭ قىلغىنىڭىزغا ئوخشاش مۇئامىلىلەردە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان كېلىشىمى ئاساس قىلىنىدۇ.
سىز ھېچكىمنى ئالدىماي «مېنىڭ مېلىمنىڭ ياكى خىزمىتىمنىڭ بەدىلى ماۋۇ» دەپ ئوچۇق دېسىڭىز، قارشى تەرەپ سىز بىلەن سۆزلىشىپ ئاخىرى سىز بىلەن بىر باھادا كېلىشىپ، سىزدىن مال ئالسا ياكى سىزگە خىزمەت قىلدۇرسا ۋە سىز بىلەن ماقۇل بولۇشقان بەدەلنى سىزگە تۆلىسە، سىز بۇنى ئالسىڭىز، بۇ تىجارەت قىلغانلىق ۋە ھۈنەر قىلىپ ئىش ھەققى ئالغانلىق بولىدۇ!
 تىجارەتتە، تىجارەت قىلغۇچىلار ئوخشاش بولۇش، ئوخشاش ئىش قىلىش ئەمەس، رىقابەت ئاساس قىلىنىدۇ. بازار باھاسى ۋە ئىش ھەققى مانا مۇشۇ رىقابەت بىلەن شەكىللىنىدۇ. چۈنكى دىنىمىزدا، سودا ـ سېتىقتا پايدىنىڭ بەلگىلەنگەن بىر چېگرىسى بولمايدۇ.
پەيغەبەر ئەلەيھىسسالام باھانىڭ ئەركىن رىقابەت بىلەن شەكىللىنىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن. بۇنىڭ ئالدىنى توسىدىغان پۈتۈن ئامىللارنى چەكلىگەن.
بىر قېتىم مەدىنىدە ماللارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىپ، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ماللارغا مۇئەييەن بىر باھا بەلگىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
«باھا بەلگىلىگۈچى، رىزىقنى تار قىلغۇچى، رىزىقنى كەڭ قىلغۈچى ۋە رىزىق بەرگۈچى پەقەتلا ئاللاھتۇر. مەن بولسام، سىلەرنىڭ بىرىڭلار قان ياكى مال توغۇرلۇق بىرەر زۇلۇم سەۋەبىدىن مېنى ئىزدىمىگەن ھالەتتە رەببىم بىلەن ئۇچرىشىۋېلىشنى ئۇمىت قىلىمەن»- تىرمىزى، بۇيۇئ 73، 1314.
«باھا بەلگىلىگەن، تار قىلغان، كەڭ قىلغان ۋە رىزىق بەرگەن ئاللاھتۇر» دېگەن ئىپادىنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ:
«ئاللاھ تەئالا بۇ توغرىدا تەبىئىي بىر قانۇن قويغان. باھالار ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ قانۇنىغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. بۇ قانۇنغا يەنى بازار باھاسىنىڭ تەبىئىي شەكىللىنىشىگە خىلاپ ئىش قىلىش زۇلۇم بولىدۇ. بازار باھاسى تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىدىن ئۇزاق، ئىختىيارى ھالدا مەيدانغا كېلىشى لازىم».

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر