مۇسۇلمانلار

بۇ كۈنلەر غەنىيمەتتۇر!

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئون كۈنى كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئون كۈن كىرسە، ياتاق – يوتقانلىرىنى يىغىۋىتەتتى، ئىبادەت ئۈچۈن بىلىنى مەھكەم باغلايتتى، ئائىلىسىنى ئىبادەت قىلىۋېلىشلىرى ئۈچۈن ئويغۇتاتتى.
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە بۇ ئۇلۇغ كېچە ۋە كۈندۈزلەرنى غەنىيمەت بىلىپ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەمەل – ئىبادەت قىلىۋېلىشىمىز، گۇناھلىرىمىزنىڭ مەغپىرەت، دۇئالىرىمىزنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك! «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»!
قېرىنداشلار! رامىزانغا يېتىشىپ، بۇ ئايدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشەلمىگەن كىشى ناھايىتى چوڭ زىيان تارتقان بولىدۇ.
رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىغا يېتىشىپ كېچىلىرى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش ئارقىلىق روھىنى ھۇزۇرلاندۇرالمىغان كىشى نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ.
ئى بۇ ئاينى ئەمەل – ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بەندىلەر! سىلەرگە مۇبارەك بولسۇن. چۈنكى سىلەر بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلىپ كۈندۈزى روزا تۇتتۇڭلار، كېچىلىرى نەپلە ناماز ئوقۇدۇڭلار ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلدىڭلار، ئاللاھ يولىدا خەير – سەدىقە قىلدىڭلار.
سىلەر بۇ ئەمەللىرىڭلار بىلەن «سەۋر قىلغۇچىلار، راستچىل بولغۇچىلار، ئىتائەت قىلغۇچىلار، مېلىنى ياخشىلىققا سەرپ قىلغۇچىلار ۋە سەھەر ۋاقىتلىرىدا ئىستىغپار ئېيتقۇچىلار» قاتارىدىن ئورۇن ئالدىڭلار. ئالدىمىزدىكى ئون كۈن ئىچىدە بۇ ئورۇن ئالمىشىپ كەتمىسۇن!
بۇ ئون كۈننىڭ تاق كېچىلىرىنىڭ بىرىدە يەنى قەدىر كېچىسىدە قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغان. بۇ مۇ ئاللاھ تەئالانىڭ بىزگە قىلغان بىر ئىنئامىدۇر. چۈنكى «قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر»، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن مۇئمىن بىر بەندە ئۇ كېچىدە ئاللاھقا دۇئا قىلسا، دۇئاسى ئىجابەت قىلىندۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كېچىنى تائەت – ئىبادەت ۋە دۇئا – تەلەپلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى! ئۇ كېچىدە ئۆزىمىزنىڭ، ئاتا – ئانىمىزنىڭ، ئائىلىمىزنىڭ ۋە پۈتكۈل مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلايلى!
شۇنى ئۇنتۇمايلىكى: تەجىرىبىلىك تىجارەتچى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىدۇ، ئېلىم – سېتىم پەيتلىرىنى قولدىن بەرمەيدۇ، قۇلىقى بازار باھالىرىدا بولىدۇ؛ پايدا تېپىش يولىدا كەلگەن جاپالارغا چىدايدۇ، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋر قىلىدۇ، سەپەر قىيىنچىلىرىغا بەرداشلىق بېرىدۇ، ئېغىر ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمايدۇ.
ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ دۇنيادا ئاخىرەتلىك تىجارەتنىڭمۇ مەۋسۇملىرى بار. ئۇ مەۋسۇملارنىڭ بىرى، ھەتتا ئەڭ ياخشىسى رامىزان ئېيىدۇر. قۇرئان كەرىم بۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. بۇ ئايدا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ، نەپىسلەر تەربىيىلىنىدۇ.
قېرىنداشلار! ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئاي چىقىپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا يا پايدىمىزغا، يا زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئەگەر بىز بۇ ئاينىڭ كۈندۈزلىرىنى روزا تۇتۇش بىلەن، كېچىلىرىنى نەپلە ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە دۇئا – تەلەپ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولساق، پايدىمىزغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ ناۋادا ئۇنداق ئۆتكۈزمىگەن بولساق، زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! ئاللاھ سەندىن ھېساب ئالماستىن بۇرۇن، سەن بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭ بىر ھېساب ئېلىپ باق ۋە كۆزلىرىڭنى يۇمۇپ ئەمەل دەپتىرىڭگە بىر نەزەر سېلىپ چىق؛ ئەگەر ئۇ دەپتەردە ناماز، روزا، ياخشلىق، خەير – سەدىقە، مەرھەمەت ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرسەڭ، بىلگىنكى سەن ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىسىسەن.
يەنە شۇنى بىلگىنكى: دۇنيايىڭدىن گېلىڭغا يەپ – ئىچكىنىڭ، ئۈستۈڭگە كەيگىنىڭ ۋە ئاخىرىتىڭ ئۈچۈن ئەۋەتكىنىڭ سېنىڭكىدۇر.
تۇتقان روزاڭ سېنى پاكلىيالىدىمۇ، پاكلىيالمىدىمۇ؟ روزىنى راستىنلا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تۇتتۇڭمۇ ياكى باشقا مەقسەتتە تۇتتۇڭمۇ؟ تۇتقان روزاڭ سېنى بىھۇدە سۆز – ھەرىكەتتىن، ئاللاھقا مىننەت قىلىشتىن ۋە ئىنسانلارغا ئازار بېرىشتىن ساقلىيالىدىمۇ، ساقلىيالمىدىمۇ؟ سەن بۇ سوئاللارنى ۋىجدانىڭدىن بىر سوراپ باق.
ئەگەر ۋىجدانىڭ سوئاللىرىڭغا سەلبىي جاۋابلار بەرسە، دەرھال ئۈزۈڭنى ئەيىبلا، بۇ ئۇلۇغ كېچىلەردە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ رەببىڭگە مۇناجات قىل ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇ:
«رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر ئۆزلىرى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرمىسىلە ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلمىسىلا بىز زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز».
ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ ئون كۈننى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۆتكۈزگىلى، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ رامىزانلارغا يېتىشكىلى، شۇنداقلا ئۇ رامىزانلاردا روزا تۇتقىلى نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر