مۇسۇلمانلار

ئاياللار قەبىر زىيارەت قىلسا بولامدۇ؟

سوئال:
ئاياللار تۇپراق بېشىغا چىقسا بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئاياللارنىڭ قەبىر زىيارەت قىلىشى ياخشى ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ قەبىرلەرنى زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلدى» دېگەن- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
ئاياللارنىڭ قەبىر زىيارەت قىلىشىنىڭ ياخشى كۆرۈلمەسلىكىنىڭ ھېكمىتى شۇكى:
ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھېسسىاياتچانراق بولغانلىقى ئۈچۈن قەبىر بېشىدا ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلاش ياكى ئۆلۈكلەرگە دۇئا قىلىش، ئۇلارنى چاقىرىش ۋە ئۇلاردىن بىر نەرسە تىلەش… قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلىش ئېھتىمالى بار. بۇ ئىشلار دىنىمىزدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ھېساپلىنىدۇ.
ئاياللار بۇ ئىشلاردىن ساقلانغان ئاساستا مەھەللە قەبرىستانلىقىنى بەزى ۋاقىتتا زىيارەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى يۇقارقى ھەدىستىكى «زىيارەت قىلغۇچى ئاياللار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زەۋۋارات» بولۇپ، بۇنىڭ تۇلۇق تەرجىمىسى :«كۆپ زىيارەت قىلغۇچى ئاياللار» دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توغرۇلۇق مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قېرىندىشى ئابدۇررەھماننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭدىن «ئاياللار قەبرە زىيارەت قىلىشتىن مەنئى قىلىنمىغانمىدى؟» دەپ سورالغان ئىدى، ئۇ: «شۇنداق، بۇرۇن مەنئى قىلىنغان، لېكىن كېيىن رۇخسەت قىلىنغان» دېگەن شەكىلدە جاۋاپ بەرگەن.- ھاكىم ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر