مۇسۇلمانلار

يۇڭدالمىغان توخۇنى يېگىلى بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
قايناقسۇغا بېسىپ تازلىغان توخۇنى يىيىشكە بولامدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟ سورىغۇچى: ئىلام
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
 سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن سىزدىن بىر نەرسە سوراشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:
 6 كەلىمىلىك سوئال جۈملىسىگە 8 دانە سوئال بەلگىسى قويۇپسىز. بىر دانە بولسىمۇ كۇپايە قىلاتتى! قالغان 7 سىنى ئېلىپ قالغان بولسىڭىز لازىم بولغاندا ئىشلىتەر ئىدىڭىز!
 جاۋاب:
 قايناق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى قايناق سۇغا توخۇنى باسقاندا توخۇنىڭ تېرىلىرىنىڭ كۆزنەكلىرى ئېچىلىپ ئىچىگە مەينەت سۇ كىرىۋالىدۇ. توخۇنى قايناق سۇدىن ئالغان ھامان ئۇ كۆزنەكلەر ئېتىلىۋالىدۇ، مەينەت سۇلار كۆزنەكلەرنىڭ ئىچىدە قالىدۇ. كېيىن يۇغان بىلەنمۇ نىجاسەت (مەينەت سۇ) ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەچكە ئۇنى چىقىرىش مۇمكىن بولمايدۇ. نىجاسەت ئارلىشىپ قالغان نەرسە نىجىس بولۇپ، ئۇنداق نەرسىنى يېيىش قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ھۆكمى بىلەن قەتئىي ھارامدۇر. لېكىن قىزىق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇلارنى يېيىشكە ۋە پۇشۇرۇپ سېتىشقا بولىدۇ.
ئادەتتە توخۇ فېرمىلىرىدا توخۇ بېسىلىدىغان سۇنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسى 52 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 60 دىن ئېشىپ كەتسە توخۇنىڭ تېرىسىدىكى كۆزنەكلەر ئېچىلىدۇ. مۇتەخەسسىس كىشىلەرنىڭ دېىيىشىچە 60 دىن تۆۋەن دەرىجىدىكى قىزىق سۇدا توخۇنىڭ تېرىلىرىدىكى كۆزنەكلەر ئېچىلمايدۇ، شۇنداقلا ئىچىگە مەينەت سۇ كىرىۋالمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن توخۇ فېرمىلىرىدا قىزىق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇلارنى يېيىشكە بولىدۇ. لېكىن قىزىقلىق دەرىجىسى 60 گرادۇستىن يۇقىرى قايناق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇلارنى يېيىشكە ۋە پۇشۇرۇپ سېتىشقا بولمايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆيلەردە قازاندا ياكى چوگۇندا ۋاراقشىتىپ قاينىتىلغان سۇلارغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇلارنى يېيىشكە ۋە پۇشۇرۇپ سېتىشقا بولمايدۇ. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر