مۇسۇلمانلار

سورتلۇق قوينى قىممەت سېتىشقا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن مۇنداق بىر سۇئالنى سىلەردىن سۇراشنى لايىق كۆردۇم:
قەشقەرنىڭ يۇپۇرغا، مەكىت ۋە مارالبېشى ناھيىلىرىدە سورتلۇق قوي (بۇ قويلارنىڭ قۇلىقى ئۇزۇن، قاڭشارلىق، سىنى ئۇزۇن، بۇيى ئىگىز، رەڭگى ئاق ياكى كۆكۈشراق) ئېلىم ـ سېتىم ئىشلىرىدا باشقا نەسىلدىكى قويلارغا قارىغاندا باھا پەرقى ناھايىتى چوڭ. مەسلەن: ئادەتتىكى قويلارنىڭ بازاردىكى باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى .
مەن بىر قوي سودىسىدا بىر دانە سورتلۇق قوچقارنى 3800 يۈەنگە ساتقانلىقىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يۇپۇرغا ناھيىسىدە بىر دانە سورتلۇق قوچقارنىڭ باھاسى 6 مىڭ يۈەنگە چىقىپ، ئىگىسى ساتماپتۇ. بۇنداق قوينىڭ ئېلىم ـ سېتىم سودىسى دۇرۇس بۇلامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر تىجارەتتۇر. ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275- ئايىتىدە «تىجارەتنى ھالال» قىلغانلىقى بايان قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشىدىغان سودا-سېتىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئېلىم-سېتىم بىلەن  مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بولمىسۇن ھەدىسلەردە بولمىسۇن «مېلىڭىزنى مانچە پۇلغا سېتىڭ» ياكى «سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىڭىزنى مانچە پۇلغا سېتىۋېلىڭ» دەپ بىر يوليورۇق يوق. ئىككى تەرەپ (سېتىۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچى) ئالداشتىن ۋە ئالدىنىشتىن ساقلانغان ھالدا ئۆزئارا رازىلىشىپ ئېلىم-سېتىم قىلىشسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىسمى تىجارەت.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ سورتلۇق قوينىڭ ئىگىسى قويىغا ئۆزى خالىغان باھانى قويىدۇ، سېتىۋالغۇچى ئۆزى خالىغان تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاخىرى ئىككى تەرەپ بىر باھادا كېلىشىپ سودىنى پۈتتۈرىدۇ. بۇ، ئۇلارغا دىنىمىز بەرگەن ئەركىنلىكتۇر.
ئۇ قوينىڭ «قوي» دېيىلمەي «سورتلۇق قوي» دېيىلىشىمۇ، ئۇنىڭ نورمال قويلاردىن پەرقلىق بىر قوي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەرقلىق مالنىڭ باھاسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.   

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر