مۇسۇلمانلار

ئالتۇن سودىسىدا پەرق ئېلىشقا بولامدۇ؟

ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مەن بولسام سودىگەر. كونا ئالتۇن-كۈمۈشنى يېڭى زىننەت بۇيۇمغا پەرىق ئېلىپ ئالماشتۇرۇپ بەرسە بۇلامدۇ؟ پەتىۋا بەرگەن بولسىڭىز. ھۆرمەت بىلەن: ئابلىز مەستىق
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
 بولمايدۇ. چۈنكى ئالتۇن-كۈمۈشتە ئىشچىلىك ياكى كونا يېڭىلىق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئۇبادەتۇبنۇ سامىتنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«خېمى بولسۇن پىششىقى بولسۇن، كونىسى بولسۇن يېڭىسى بولسۇن، رۇدىسى بولسۇن، ئىشلەنگىنى بولسۇن ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمىشنى كۈمۈشكە ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم…»- ئەبۇ داۋۇد بۇيۇئ؛ نەسەئى، بۇيۇئ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈش ئۆز جىنسى بىلەن ئالماشتۇرۇلغاندا «نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ» بولۇش شەرتىگە، ئالتۇننى كۈمۈشكە ياكى كۈمۈشنى ئالتۇنغا ساتقاندا «نەقمۇنەق» بولۇش شەرتىگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئەكسى تەقدىردە جازانە مەيدانغا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۆمۈشنى كۆمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاشتۇر»– مۇسلىم، مۇساقات 82؛ ئەبۇ داۋۇد بۇيۇئ 12 . ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق سودىدىن مەنئى قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
2 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار»– بۇخارى، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم، مۇساقات 88؛ نەسەئىي، بۇيۇئ 47.
3 ـ «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئاپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ساتقاندا، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم. لېكىن تۈرلىرى پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ»– مۇسلىم، مۇساقات 81.
4 – «ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتقاندا، كۈمۈشنىڭ ئالتۇندىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇغداينى ئارپىغا ساتقاندا، ئارپىنىڭ بۇغدايدىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن نەقمۇنەق بولۇش شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ»– ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12.
5 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سا سۈپەتلىك خورمىنى ئىككى سا سۈپەتسىز خورمىغا سېتىۋالغانلارغا: «بۇ قىلغىنىڭلار ئۆسۈم مۇئامىلىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنداق قىلماڭلار! ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر سۈپەتلىك خورما سېتىۋالماقچى بولساڭلار، سۈپەتسىز خورماڭلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا سۈپەتلىك خورمىنى سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېگەن. – بۇخارى، ۋەكالەت 95؛ مۇسلىم، مۇساقات 96، 97.
 6- فەدالە ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئەلئەنسارىي مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەيبەردە مارجان ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر بويۇنئاسقۇ كەلتۈرۈلدى. بۇ بويۇنئاسقۇ سېتىلىدىغان غەنىمەتلەردىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بويۇنئاسقۇدىكى ئالتۇن ئايرىلدى. كېيىن ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالتۇن ئالتۇنغا، تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ» دېدى. (مۇسلىم، مۇساقات 89).
 7- فەدالە ئىبنى ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ: «خەيبەر كۈنى مارجان ۋە ئالتۇن ئارلاش بىر بويۇنئاسقۇنى 12 دىينارغا سېتىۋالدىم. ئالتۇن بىلەن مارجاننى ئايرىپ، ئۇنىڭدا 12 دىيناردىن ئارتۇق ئالتۇن بارلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلغان ئىدىم. ئۇ: «ئايرىماستىن سېتىشقا بولمايدۇ» دېدى. (مۇسلىم، مۇساقات 90)
8- ھەنەش مۇنداق دەيدۇ: بىز فەدالە ئىبنى ئۇبەيد بىلەن بىر ئۇرۇشتا بىللە ئىدۇق. مەن ۋە مېنڭ دوستلىرىم ئالتۇن ـ كۈمۈش ۋە گۆھەردىن ياسالغان بىر بويۇنئاسقۇغا ئېرىشتۇق. مەن ئۇنى سېتىۋلماقچى بولۇپ فەدالە ئىبنى ئۇبەيددىن سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالتۇننى ئايرىپ تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە قوي، سېنىڭ ئالتۇنىڭنى يەنە بىر پەللىسىگە قوي. ئىككىسى ئوخشاش بولغاندىلا ئاندىن سېتىۋالغىن. شۈبھىسىزكى مەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:
«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئالتۇن سودىسىدا تەڭمۇتەڭ بولمىسا سېتىۋالمىسۇن»- مۇسلىم، مۇساقات 92.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر