مۇسۇلمانلار

زادى كىمنىڭ توغرا؟

سوئال:
مەن ھىچ بىلەلمىدىم، يۇقۇرىدا سۆزلەنگەن مەزمۇندا نىكاھ ئۇقۇغۇچى ۋە قۇرئان ئۇقۇغۇچى ئۇقۇتقۇچىدىن بىر نەرسە ئالسا گۇناھ بۇلىدۇ دەپ يېزىلىپتۇ. بۇنۇڭغا خىلى نامى بار، كۆپ ئۇقىغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر قىسىم دىنى ئۆلىمالىرىمىز بۇنداق قارىمايدىكەن، ئۇلارنىڭ بەلكىم بۇنداق دېيىشىدە ئاساسى بولۇشى مۇمكىن، كىچىككىنە مال ـ مۈلۈكنى دەپ شەرىئەتكە خىلاپ بولغان ئىشلارنى قىلماس دەپ ئويلايمەن.
شۇڭا مەن دەيمەن: زادى كىمنىڭ توغرا؟ ئۇ قايسى كىتاپنى ئۇقۇپ بىر نەرسە دەيدۇ؟ يەنە بىرىسى قايسى كىتاپنى ئۇقۇپ بىر نېمە دەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گىپى پەرقلىق بولىدۇ؟
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
 جاۋاب:
دىنىمىزنىڭ بىرلا كىتابى بار. ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىمدۇر. بىرلا پەيغەمبىرى بار. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ئەنە شۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىلەن، ئەنە شۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى بىرلىكتە ئوقۇغانلارنىڭ قۇرئان -ھەدىسنى ئاساس قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرى توغرىدۇر. ئىنسانلار يازغان كىتابلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇرئان – ھەدىسكە توغرىلىمايلا دېگەنلەرنىڭ سۆزلىرى پەرقلىقتۇر.
 قېرىندىشىم! ئاللاھ تەئالا سىزگىمۇ ئايرىم ئەقىل ئاتا قىلغاندىكىن سىز «ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن، مۇنداق دېمەسلىكى ئېھتىمال» دەپ «قۇرۇق خىيال» غا بېرىلىپ ئولتۇرماي «زادى كىمنىڭ توغرا» لىقىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ۋە ھەدىس كىتابلىرىنى ئوقۇپ، چۈشەنچە ھاسىل قىلسىڭىز مۇسۇلمانغا لايىق ئىش قىلغان بولىسىز.  قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىلىرى بارغۇ!
سىز ھاياتىڭىزدا پەرۋەردىگارىڭىزنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنى قولىڭىزغا ئېلىپ «پەرۋەردىگارىم بۇ كىتابتا ماڭا نېمە دېگەندۇ؟ بۇ كىتابنى بىر ئوقۇپ باقاي» دەپ، ئۇنى (تەرجىمىسىنى) باشتىن-ئاخىر دىققەت بىلەن بىر ئوقۇپ چىقتىڭىزمۇ؟
   شۇنى بىلىپ قويۇڭكى: چىراغ ياندۇرۇلمىغان ئۆينى چاشقان بېسىۋالغاندەك، ھەقىقىي ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم قالغان قەلبنى خۇراپاتلار باسىدۇ. ئاللاھ سىزنى بىدئەت ۋە خۇراپاتتىن يىراق قىلسۇن!
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر