مۇسۇلمانلار

زىننەت بۇيۇمىگە ئايەت يېزىشقا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
 ئايەتنىڭ ياكى كەبىنىڭ سۇرىتى بار نەرسىلەرنى تاقاپ يۇرسەك بولامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
 جاۋاب:
بولمايدۇ، چۈنكى ئايەتلەر ۋە كەبە بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋەررۈكلىرىمىزدىندۇر. تاقاپ يۈرۈيدىغان نەرسىلەرگە ئايەتلەرنىڭ يېزىلىشى ياكى كەبىنىڭ رەسىمىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى، ئايەتكە ۋە كەبىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ.
سىز ئايەت يېزىلغان ياكى كەبە رەسىمى چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەرنى تاقاپ يۈرسىڭىز، ئىككى تۈرلۈك خاتا ئىش قىلغان بولىسىز: بىرى ھۆرمەتسىزلىككە ياردەم قىلغانلىق، يەنە بىرى ئايەتكە ياكى كەبىگە ئۆزىڭىز بىۋاسىتە ھۆرمەت قىلمىغانلىق.
 ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئايەت يېزىلغان ياكى كەبىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئۇ نەرسىلەر بىلەن تەرەتخانىغا، مۇنچىخانىغا، ئېغىلغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەينەت يەرلەرگە كىرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇمۇ باشقا بىر ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر