مۇسۇلمانلار

دۇرۇد مۇئەززەمنى ئوقۇشقا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەخمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ
ئەزىز ئۇستاز! مەۋلۇت ئۆتكۈزۈشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى شۇنداق ياخشى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپسىز. رەھمەت!
مېنىڭ مۇشۇنىڭغا يېقىنراق يەنە بىر سۇئالىم بار ئىدى. بىز ئىمان ئېيتتۇق دەپ بىلمەي ئەرەپچىنى چۈشەنمەسلىك ئاساسىدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇنى سىزدىن سوراپ بىلىۋېلىشنى لايىق تاپتىم.
«دۇرۇد مۇئەززىم » دەپ جانابى پەيغەمبىرىمىز رەسۇللىللاھ غا ئۇقۇلىدۇ دەپ خەلق ئىچىگە تارقالغان نەچچە بەتلىك، يەنى : «ئەللەھۇممە سەللى ئەلا، مۇھەممەدىن ، سەيدىل مۇئمىنىنە، ئەللەھۇممە سەللى ئەلا، مۇھەممەدىن، سەيدىن نەبيىل ھىجازى. ئەللاھۇممە سەللى ئەلا،مۇھەممەدىن ۋەبارەك ۋەسسەلەم ئەلەيھى تەسلىمەن كەسىرەن كەسىرا.» دېگەندەك نۇرغۇن دۇرۇدلاردىن تەركىب تاپقان بىر دۇرۇد بار.
بۇ دۇرۇد مۇئەززەمنى ئوقۇش بىدئەتمۇ؟ ئەرەپچە ئوقۇيالىغىنىم بىلەن مەنىسىنى چۈشەنمەيمەن. شۇڭا بىلمەي ساۋاپ تاپىمەن دەپ گۇناھ قىلىپ يۈرمەي. ئېغىر كۆرمەي مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز ئاللاھ رازى بولسۇن. ھۆرمەت بىلەن: ئايقۇت
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئىبادەتتە ئۆزى چاغلاپ ئىش قىلىش ئەمەس، بويسۇنۇش ئاساستۇر. دۇرۇت ئوقۇش ئىبادەتتۇر. بۇنى پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتكەن بويىچە ئوقۇساق ئىبادەت قىلغان بولىمىز. ئەگەر ئۆزىمىز چاغلاپ ياكى باشقىلارنىڭ چاغلاپ بەرگىنىنى ئوقۇساق بىدئەت، ھەتتا شىرىك ئىش قىلغان بولىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىز ئۈممەتكە ئۆگەتكىنى نامازدا ئوقۇلىدىغان دۇرۇتلاردۇر. يەنى تۆۋەندىكى ئىككى دۇرۇتتۇر:
 1- «ئەللاھۇممە سەللىئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد».
مەنىسى:
«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىنىڭغا ئوخشاش. سەن مەدھىيىگە لايىقدۇرسەن، ئۇلۇغدۇرسەن!».
2- «ئەللاھۇممە بارىكئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد».
مەنىسى:
«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىنىڭغا ئوخشاش. سەن مەدھىيىگە لايىقدۇرسەن، ئۇلۇغدۇرسەن!».

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر