مۇسۇلمانلار

ئامىننى ئۈنلۈك دەمدۇق؟

سوئال:
نامازدا ئامىننى ئىماممۇ ئۇنلۇك دەمدۇ؟ روكۇغا بارغاندا رۇكۇدىن تۇرغاندا قولىمىزنى كوكرىكىمىزگىچە كۇتۇرش قانداق بولىدۇ؟ چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىلا. ھۆرمەت بىلەن: نۇر
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
 نامازنى فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئىمامنىڭ ۋە جامائەتنىڭ «ئامىين» دېيىشى، نامازنىڭ تەكىتلەنمىگەن سۈننەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇنى ئۈنلۈك دېيىشكىمۇ بولىدۇ، مەخپىي دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئامىن ۋە قول كۆتۈرۈش توغرۇلۇق تۆۋەندىكى ئادرېسلاردا بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بار:
نامازنىڭ مەلۇم يەرلىرىدە (رۇكۇغا بارغاندا، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ۋە ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا) قول كۆتۈرۈپ ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇمۇ نامازنىڭ تەكىتلەنمىگەن سۈننەتلىرىدىندۇر. يەنى بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنى تەكىتلىگەندەك تەكىتلىمىگەن، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى بۇ ئىشقا (رەفئى يەد قىلىشقا) بۇيرۇمىغان. بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەفئى يەد قلغانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «مەن رەسۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازغا شۇرۇئ قىلغان چېغىدا، رۇكۇغا بارغان چېغىدا، رۇكۇدىن بېىشىنى كۆتۈرگەن چېغىدا، ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغان چېغىدا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن مەزمۇندا بىر سۆزى رىۋايەت قىلىنىدۇ (بۇ رىۋايەت مۇسلىم سالات 54؛ ئەبۇداۋۇد سالات 117؛ نەسەئى ئىفتىتاھ 107، سەھۋ 29 دە ئۆتىدۇ.(
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدا دەسلەپكى تەكبىردىن باشقا يەردە قول كۆتۈرمىگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. (بۇ رىۋايەت تىرمىزىدا ئۆتىدۇ  .(بۇ رىۋايەت يۇقىرىدىكى رىۋايەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. يەنى بۇ ئىككى رىۋايەت ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىق رەفئى يەد قىلىشنىڭ ئۇنچە مۇھىم ئىش ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن نامازدا رەفئى يەد قىلىپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ، قىلماي ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. ئىختىلاپ قىلىشقۇدەك ئىش يوق.
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر