باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ناماز
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئاللاھ تائالا بىر كېچە – كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پەرزنى بىزگە يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ قانداق شەكىلدە ئوقۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن نامازنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى تەرك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا»
«…شۇبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»- نىسا 4/103.
ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزى مۇئمىنلارنىڭ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇشلىرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بولسا، بۇ نامازنىڭ بەش ۋاخ ناماز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:
«حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَى…»
 «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار…»- بەقەرە 2/238.
بۇ ئايەتتە «نامازلار» دەپ تەرجمە قىلىنغان كەلىمە سەلەۋات «الصَّلَوَاتِ» دۇر. بۇ كەلىمە سەلات «الصَّلَاة» نىڭ كۆپلۈكىدۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك (جەمئ) ئەڭ ئاز ئۈچ نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداقتا ئايەتتىكى سەلەۋات «الصَّلَوَاتِ» نىڭ مەنىسى ئەڭ ئاز «ئۈچ ناماز» بولىدۇ.
ئايەتتە بۇ «نامازلار» بىلەن بىرلىكتە «ئوتتۇرا ناماز» دەپ ئاتىلىدىغان ئايرىم بىر ناماز ئەمر قىلىنماقتىدۇر. ئۈچتىن كېيىن ئوتتۇرىسى بولغان تۇنجى سان بەشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت ئەڭ ئاز بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بۇ ئايەتتىكى «نامازلار (الصَّلَوَاتِ)» تۆت ۋاقىت نامازنى، «ئوتتۇرا ناماز (الصَّلاَةِ الْوُسْطَى)» بىر ۋاقىت نامازنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئايەتتە «نامازلار» دەپ تەجىمە قىلىنغان سەلەۋات «الصَّلَوَات»، سەلات «الصَّلاَة» نىڭ كۆپلۈكى (جەمئىسى) دۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك (جەمئى) ئۈچ نەرسىنى ۋە ئۈچتىن ئارتۇق نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەگەر بۇ سەلەۋات «الصَّلَوَاتِ» دېگەن كەلىمە كۆپلۈكنىڭ ئەڭ ئاز تەرىپى بولغان ئۈچنى ئىپادىلىسە، بۇ تەقدىردە ئۇ «نامازلار (الصَّلَوَاتِ)»، «ئوتتۇرا ناماز (الصَّلاَةِ الْوُسْطَى)» بىلەن بىرلىكتە تۆت ۋاقىت ناماز بولىدۇ.
تۆتنىڭ ئوتتۇرىسى يوقتۇر. بۇ تەقدىردە «ئوتتۇرا ناماز (الصَّلاَةِ الْوُسْطَى)»، «نامازلار (الصَّلَوَاتِ)» غا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا» لىق ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن سەلەۋات «الصَّلَوَاتِ (نامازلار)» دېگەن كۆپلۈك كەلىمە ئۆزىنىڭ مەنالىرىدىن بىرى بولغان تۆتنىلا ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمىنىڭ، ئۆز مەنالىرىدىن بولغان باشقا مەنالارنى (مەسىلەن: 5، 6، 7 لەرنى) ئىپادىلىشىگە، بەش ۋاقىت ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر توسالغۇ بولىدۇ.
مانا مۇشۇنداق بولغاندا يەنى سەلەۋات «الصَّلَوَاتِ (نامازلار)» دېگەن كۆپلۈك كەلىمە تۆتنى ئىپادىلىگەندە، سالاتىل ۋۇستا «الصَّلاَةِ الْوُسْطَى (ئوتتۇرا ناماز)»، ئۇ «نامازلار» غا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا» لىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ تەقدىردە بۇ نامازلار توپلام «بەش ناماز» بولىدۇ. بەشنىڭ ئوتتۇرى بولىدۇ (11111).
ئايەتتىكى «مۇھاپىزەت قىلىڭلار (حَافِظُوا)» دېگەن بۇيرۇق بولسا، ئۇ «بەش ناماز» نى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، بەش ۋاخ نامازنى ئىسلامنىڭ بەش ئەركانىدىن بىرى، دەپ كۆرسىتىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى، ‹ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىش›. ئىككىنچىسى، ناماز ئوقۇش. ئۈچىنچىسى، زاكات بېرىش. تۆتىنچىسى، ھەج قىلىش. بەشىنچىسى، روزا تۇتۇش»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بەش ۋاخ نامازنىڭ ھېكمىتى ۋە پەزىلىتى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
« اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ »
«ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىلغىن ۋە نامازنى تولۇق ئادا قىلغىن. ناماز ھاياسىزلىقتىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىدۇ»- ئەنكەبۇت 29/45.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى يېنىدىكى ساھابىلىرىغا:
«ئېيتىپ بىقىڭلارچۇ! بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇ كۈنىگە بەش قېتىم شۇ ئۆستەڭگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ تۇرسا، ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «ياق، ئۇنىڭ كىرلىرىدىن ھېچ نەرسە قالمايدۇ» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مانا بۇ، بەش ۋاخ نامازنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھ بەش ۋاخ ناماز بىلەن خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ» دېدى- بۇخارى، مەۋاقىت 6؛ مۇسلىم، مەساجىد 282؛ تىرمىزى، ئەمسال 5؛ نەسەئى، سالات 7؛ مۇۋەتتا، سەفەر 91.
بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى
 قۇرئان كەرىمدە نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئايەتلەر بار. ئۇ ئايەتلەر نامازلارنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا ئوقۇلۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، نامازلارنىڭ كۈندە قانچە ۋاخ قىلىنىشى لازىملىقىنىمۇ كۆرسەتمەكتىدۇر. يەنى بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەيدىغان ئايەتلەر ئەينى ۋاقىتتا بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرزلىكىگىمۇ دالالەت قىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە ئىككى يەردە ئەقىمىسسەلاتە «أَقِمِ الصَّلَاةَ (نامازنى تولۇق ئادا قىلغىن)» دېگەن ئەمرى بىلەن نامازنى تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەقىم «أَقِمِ» قىيام مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن ئۆتۈملۈك بۇيرۇق پېئىلى بولۇپ، ئەسلى مەنىسى «ئۆرە تۇرغۇزغىن» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە ئەقىم ئەمرىدىن كېيىن كەلگەن كەلىمە ئەسسەلات «الصَّلَاةَ» دۇر. بۇ ئەسسەلات مەئرىفە (ئېنىق ئىسىم) دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايەتلەردىكى ئەسسەلات «الصَّلَاةَ» مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلغان نامازنى يەنى كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنى كۆرسىتىدۇ.
 نامازنى ئۆرە تۇرغۇزۇشقا قىلىنغان بۇيرۇق، بەش ۋاخ نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتىلاردا، بەلگىلەنگەن شەكىللەردە ئوقۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىز بۇ ئەسىرىمىزدە ئەسلى لۇغەت مەنىسى «ئۆرە تۇرغۇزغىن» بولغان ئەقىم ««أَقِمِ»  پېئىلىگە «تولۇق ئادا قىلغىن» دەپ مەنا بېرىمىز. چۈنكى بىزچە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش مەنانى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن ئىككىنچىسىنى ئاسان چۈشەنگىلى بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
   1- «وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ …».
«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا تولۇق ئادا قىلغىن…»- ھۇد 11/114.
بۇ ئايەتنىڭ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى تەرەفەيىنناھار «طَرَفَيِ النَّهَارِ» دۇر. تەرەفەيىنناھار «طَرَفَيِ النَّهَارِ» ئىدافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىدە مۇدافۇ ئىلەيھ تەرەفەي «طَرَفَيِ» دۇر. تەرەفەي، تەرەف «طَرَف» كەلىمىسىنىڭ ئىككىلىكىدۇر.
تەرەپ كەلىمىسى ئەرەبچىدە بىر تەرەپ، بىر توپ، بىر تۈركۈم، چېگرا، يان، دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ.- (ئىبنى فارىس، مەقايىسۇللۇغە ت ر ف؛ راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان ت ر ف؛ ئىنبى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب ت ر ف).
بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە مۇداف (ئېنىقلانغۇچى) بولۇپ كەلگەندە مۇدافۇ ئىلەيھ (ئېنىقلىغۇچى) نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىدۇ. (مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر: ئال ئىمران 3/127؛ رەئد 13/41؛ تاھا 20/130؛ ئەنبىيا 21/44).
بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتتە ئۆتكەن «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» كۈندۈزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلاردىن ئىككى بۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» دۇر. زۇلەف "زُلَف"، زۇلفە "زُلْفَة" نىڭ كۆپلۈكىدۇر. يۇقاردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك كۆپلۈك ئەرەبچىدە ئەڭ ئاز ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلمىنىڭ لۇغەت مەنىسى يېقىنلىق دېگەن مەنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» نىڭ مەناسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ.
ئايەتتىكى «نامازنى تولۇق ئادا قىلغىن» دېگەن بۇيرۇق، كۈندۈزگە تەۋە ئىككى ۋاقىتتا ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ بۆلۈمىدە يەنى بەش ۋاقىتتا نامازنى ئۈزلۈكسىز ئادا قىلىش بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 238 – ئايىتىدىكى «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھافىزەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقمۇ پەقەت بۇ شەكىلدىلا ئورۇندىلىدۇ. چۈنكى ئۈزلۈكسىز ئۆرە تۇرغۇزۇلمىغان نەرسە مۇھافىزەت قىلىنغان بولمايدۇ.
دېمەك، بۇ ئايەتتىكى «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان  ئىككى ۋاقىت ناماز بامدات ۋە نامازشام ئەمەس، پېشىن ۋە نامازدېگەردۇر. چۈنكى بامدات ۋە نامازشامنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر. بۇ ۋاقىتلارغا كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى دېيىلمەيدۇ.
«كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئۈچ ناماز بولسا، نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر، ھەمدە كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىلاردۇر.
 2- «أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ…»
«نامازنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوقۇغىن. سەھەر ۋاقتىنىڭ نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن…»- ئىسرا سۈرىسى 78 – ئايەت.
بۇ ئايەتتە ئۆتكەن «كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ» دېگەن ئىپادە، ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدە ئۆتكەن «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» نىڭ باشلىنىش ۋاقىتىنى كۆرسىتىدۇ. «كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك» دېگەن ئىپادە بولسا، يەنە ھۇد سۈرسىنىڭ 114- ئايىتىدىكى «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى» نىڭ بىرىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتە «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى» دىن بىرى، «سەھەر ۋاقتى» دەپ ئايرىم زىكىر قىلىنىدۇ.
نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۈچ ئايەت:
1- «فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا وَمِنْ آنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَى»
«شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار نېمە دېسە دېسۇن، سەۋر قىل. كۈننىڭ چىقىشىدىن ۋە پېتىشىدىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيىلەپ تەسبىھ ئېيت. كېچە ۋاقىتلىرى بىلەن كۈندۈز تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيت. شۇنداق قىلساڭ، مەمنۇن بولالايسەن»- تاھا 20/130.
بۇ ئايەت بەش ۋاخ نامازنىڭ ئالدى-كەينىدىكى نەپلە (سۈننەت) نامازلارنىڭ، چاشگاھ ۋە تەھەججۇد نامازلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا، بامداتنىڭ ۋە نامازدېگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىغا، بەش ۋاخ نامازنىڭ، تەھەججۇد ۋە چاشگاھ نامازلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىغا دالالەت قىلىدۇ. 
2- «فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ»
«ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىلماقتىدۇر. كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان چاغلىرىڭلاردىمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار»- رۇم 30/17، 18.
بۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىنچىسىدە ئاللاھ تەئالا، ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدە ئۆتكەن «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ ۋاقىت» نىڭ ئىككىسىنى مەسائ «مساء» ۋاقتى، بىرىنى بولسا سەباھ «صباح» ۋاقتى دەپ، ئەسلىدە ئۇ ئۈچ ۋاقىتنىڭ ئىككى ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يەنى «ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان،» دا ئىككى قېتىم ناماز ئوقۇلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى نامازشام، يەنە بىرى خۇپتەندۇر. بۇ ئىككى نامازنىڭ ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ۋاقىت بولسىمۇ ئەسلىدە ھەر ئىككى ۋاقىت «ئاخشام (مساء» دەپ ئاتىلىدۇ.
«ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان» دا ئوقۇلىدىغان ناماز بامدات نامىزىدۇر. «كۈندۈزنىڭ ئاخىرى» دا ئوقۇلىدىغان ناماز نامازدېگەردۇر. «چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان» دا ئوقۇلىدىغان ناماز پېشىن نامىزىدۇر.
3- «فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ»
«ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد ئېيتىپ تەسبىھ ئېيتقىن»- قاف 50/39.
بۇ ئايەت بامدات بىلەن نامازدېگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ. 
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە ئاساسەن بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى مۇنداق بولىدۇ:
 1-پېشىننىڭ ۋاقتى
پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن قايرىلغاندا باشلىنىدۇ، چۈنكى ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتىدە ئۆتكەن «لِدُلُوكِ الشَّمْسِ (كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارىتىپ)» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
 2- نامازدېگەرنىڭ ۋاقتى
نامازدېگەرنىڭ ۋاقتى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدۇر. رۇم سۈرىسىنىڭ 18- ئايىتىدە ئۆتكەن « عَشِيّاً  (كۈندۈزنىڭ ئاخىرى)» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
 تاھا سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتىدىكى ۋە قاف سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتىدىكى «كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى (قَبْلَ غُرُوبِهَا، قَبْلَ الْغُرُوبِ)» دېگەن ئىپادە نامازدېگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.
3- نامازشامنىڭ ۋاقتى
نامازشامنىڭ ۋاقتى كۈن كىرىپ كەتكەن ھامان باشلىنىدۇ. رۇم سۈرىسىنىڭ 17 ئايىتىدىكى «ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان چېغىڭلاردا (َحِينَ تُمْسُونَ)» دېگەن ئىپادە نامازشام بىلەن خۇپتەننىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، نامازشامنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
4- خۇپتەننىڭ ۋاقتى
خۇپتەننىڭ ۋاقتى نامازشامنىڭ ۋاقتىدىن كېيىنلا كىرىپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا ئاخىرلىشىدۇ. ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتىدىكى «كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك (إلى غسق الليل)» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
ئايەتلەردە پېشىننىڭ ئاخىرقى ۋاقتى، نامازدېگەرنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى، نامازشامنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ۋە خۇپتەننىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى بايان قىلىنمايدۇ.
بۇ، كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ پېشىن بىلەن نامازدېگەرنىڭ ئورتاق ۋاقتى ئىكەنلىكىگە، كۈن پاتقاندىن باشلاپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ نامازشام بىلەن خۇپتەننىڭ ئورتاق ۋاقتى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشىن بىلەن نامازدېگەرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ بەزىدە ئالدىغا تارتىپ (جەمئى تەقدىم قىلىپ)، بەزىدە كېچىكتۈرۈپ (جەمئى تەخىر قىلىپ) ئوقۇشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.
5- بامداتنىڭ ۋاقتى
بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭنىڭ يورۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. رۇم سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتىدىكى «ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چېغىڭلاردا (َحِينَ تُصْبِحُونَ)» دېگەن ئىپادە بامدات نامىزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئاۋۋالقى ۋاقتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
تاھا سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتىدىكى ۋە قاف سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتىدىكى «كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى (قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ)» دېگەن ئىپادە بولسا، بامدات نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتىدىكى «سەھەر ۋاقتى (الْفَجْرِ)» ئىپادىسى بامدات نامىزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى سەھەر تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتتىۇر.
جىبرىئىل ئەلەھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلىپ، كۆرستىپ قويغان ناماز ۋاقىتلىرى يۇقاردىكى ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن ۋاقىتلارنىڭ ئۆز ئەينىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«جىبرىئىل كەئبىنىڭ يېنىدا ماڭا ئىككى قېتىم ئىمام بولدى. بىرىنچى قېتىمدا، پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئاياغنىڭ بوغقۇچىسى قەدەر بولغاندا ئوقۇدى، نامازدېگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزى بىلەن تەڭ بولغاندا ئوقۇدى، نامازشامنى كۈن پاتقان ۋە روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلغان چاغدا ئوقۇدى، خۇپتەننى شەفەق (كۈن پاتقاندىن كېيىنكى قىزىللىق) يوق بولغان چاغدا ئوقۇدى، بامداتنى تاڭ يورۇپ روزا تۇتقۇچىغا يېمەك-ئىچمەك ھارام بولغان چاغدا ئوقۇدى.
ئىككىنچى قېتىمدا پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بويىغا تەڭ كېلىدىغان بولغاندا يەنى بىرىنچى قېتىمدا نامازدېگەرنى ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، نامازدېگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ئوخشىشىغا تەڭ بولغاندا ئوقۇدى. نامازشامنى يەنە بىرىنچى قېتىم ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەندە ئوقۇدى، بامداتنى ئەتراپ ئاقارغاندا ئوقۇدى.
ئاندىن كېيىن ماڭا قاراپ: «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر» دېدى.- تىرمىزى، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2؛ بۇخارى، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، مەساجىد 166-167. 
ئەسكەرتىش:
1- ئاللاھ تەئالانىڭ رۇم سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتىدىكى: «ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان ،… چاغلىرىڭلاردا … (حِينَ تُمْسُونَ» دېگەن سۆزىدە «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ ۋاقتى» نىڭ ئىككىسىنى مەسائ « مساء » ۋاقتىدا بىرلەشتۈرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ ۋاقتى» نىڭ ئىككىسى، كۈننىڭ پېتىشىدىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا بولغان بولىدۇ. بۇ ئىككى ۋاقىتنى مەسائ ۋاقتىنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە ئايرش ئارقىلىق تېپىش مۇمكىن بولىدۇ.
2- بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ ئىچىدىكى ۋاقىتلار كۈن بىلەن بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«هُوَ الَّذِي جَعَلَ الشَّمْسَ ضِيَاءً وَالْقَمَرَ نُورًا وَقَدَّرَهُ مَنَازِلَ لِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ مَا خَلَقَ اللَّهُ ذَلِكَ إِلَّا بِالْحَقِّ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ».
«ئاللاھ، كۈننى نۇر مەنبەسى، ئاينى نۇر ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلغان ۋە ئايغا مەنزىللەر تەيىن قىلغان زاتتۇر. ئاللاھ بۇنى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ۋاقىتلارنىڭ ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ بۇلارنى پەقەت ھەق بىلەنلا ياراتتى. ئاللاھ، ئايەتلىرىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلي بايان قىلىدۇ»- يۇنۇس 10/5.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن، يىلنىڭ ھېسابى ئاي بىلەن بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ ھېسابى كۈن بىلەن بەلگىلىنىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان بولساق مەسائ ۋاقتىدا كۈننىڭ ئىككى ئالامىتى بار؛ بىرى قىزىللىق، يەنە بىرى ئاقلىق.
كۈن پېتىپ، تېخى ئارتۇق يىراقلاشمىغان ۋاقىت ئىچىدە كۈن پېتىش ئۇپۇقىدا قىزىللىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ ۋاقتى» نىڭ بىرىنچىسىدۇر، شۇنداقلا نامازشامنىڭ ۋاقتىدۇر.
كۈن پېتىپ خېلى يىراقلاشقاندا، كۈن پېتىش ئۇپۇقىدىكى قىزىللىق يوق بولۇپ، ئاقلىق باشلىنىدۇ. بۇ ئاقلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەت «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ ۋاقتى» نىڭ ئىككىنچىسىدۇر، شۇنداقلا خۇپتەننىڭ ۋاقتىدۇر.
كۈن پېتىپ، تامامەن يىراقلاشقاندا ئاقلىق يوق بولۇپ «كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى (غَسَقِ اللَّيْلِ)» باشلىنىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا خۇپتەننىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىپ تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى باشلانغان بولىدۇ.
3- كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى سائەت بىلەن ئەمەس، كۈن بىلەن بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا بىر كېچە-كۈندۈزلۈك ۋاقىتنىڭ ھېسابىنى كۈنگە باغلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتكۈل نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى كۈن بىلەن بەلگىلىگەن. ھەدىسلەردىكى «ھەر نەرسىنىڭ سايىسى مانچىلىك بولغاندا پالانى نامازنىڭ ۋاقتى كىرىدۇ» دېگەندەك ئىپادىلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە كېچىكتۈرۈش دېمەك، مەسائ ۋاقتىنىڭ ئىككىنچى قىسمى بولغان ئاقلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەتنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈش دېگەن بولىدۇ.  
 4- يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئاللاھ تەئالا كېچىنى ئۈچكە ئايرىيدۇ: بىر مەسائ بىرى غەسەق، يەنە بىرى ساباھ. مەسائ ۋاقتىدا ئىككى ۋاخ پەرز ناماز بار، غەسەق ۋاقتىدا پەرز ناماز يوق، نەپلە (تەھەججۇد) ناماز بار، ساباھ ۋاقتىدا بامدات نامىزى بار.
5- خۇپتەننىڭ ۋاقتى بامداتنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە داۋاملاشمايدۇ. چۈنكى يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ۋە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىماملىق قىلغانلىقى بايان قىلىغان ھەدىس بۇنى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تەئالا نۇر سۈرىسىنىڭ 58- ئايىتىدە «مِن قَبْلِ صَلَاةِ الْفَجْرِ … وَمِن بَعْدِ صَلَاةِ الْعِشَاء (بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن)» دەپ خۇپتەن بىلەن بامداتنىڭ ۋاقىتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن بىر ۋاقىت بارلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
نامازنى تەرك ئەتكۈچىنىڭ ھۆكمى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«فَإِنْ تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَخَلُّوا سَبِيلَهُمْ»
«…ئۇلار ئەگەر تەۋبە قىلسا، نامازنى ئوقۇسا ۋە زاكاتنى بەرسە ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار…»- تەۋبە 9/5.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«كىشى بىلەن شېرىك ۋە كۇفرى ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىشتۇر»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
«بىز بىلەن كاپىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدە نامازدۇر. كىمكى نامازنى تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ چوقۇم كاپىر بولىدۇ»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
شەقىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى نامازدىن باشقا بىرەر ئەمەلنىڭ تەرك ئېتىلىشىنى كۇفرىلىق، دەپ قارىمايتتى»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر 

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ