مۇسۇلمانلار

مۇسۇلماننىڭ غەيرىيمۇسلىملارنىڭ قولىدا ئىشلىشى دۇرۇسمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن بىر يېڭىدىن دىننى تونۇغان كىشى، مەن ئىلگىرى بىر خەنزۇدىن باش ـ ئاخىر بولۇپ 2000 يۈەن قەرز ئالغان، ئۇ ۋاقىتتا نېمىنى ئويلىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، بۇ ئىشلارغا بەك سەل قاراپتىكەنمەن، مەن كۆپ ھەدىسلەرنى كۆردۈم، ھەتتا شېھىت بولغان كىشىمۇ قەرزى بولسا چوقۇم ئادا قىلىشى كېرك ئىكەن.
مەن قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز ئىگىسى ئۇ پۇللارنى قايتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ، مەن ئېلىشنى ئويلاپ باقمىدىم دەيدۇ، بىراق بۇنداق قىلىشقا مېنىڭ ۋىجدانىم ئۇنىمايدۇ، مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
شۇنىڭ بىلەن مەن ھازىر بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەۋاتىمەن، بۇ يەردە ئىشلىشىم بىرىنچى بولۇپ شۇ قەرزلەرنى قايتۇرۇشقا ئىرادە قىلىشىم، ئىككىنچى بولۇپ ئۆيدىكىلەرنىڭ رايىدىن. مېنىڭ بىرقانچە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم بۇ يەردە ئىشلىشىمنى راۋا كۆرمىدى… مېنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلىشىم راستىنلا خاتامۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
سىزنىڭ (كاپىر بولسۇن مۇسۇلمان بولسۇن) بىر كىشىگە بېرىشىڭىز بولۇپ، ئۇ كىشى ئۇ پۇلىدىن ئۆتسە يەنى مەن ئۇ پۇلنى سەندىن ئالمايمەن، ياكى مەن رازى، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، سىزدىن پۇلىنى ئالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسا، ئۇ پۇل سىزنىڭ زىممىڭىزدىن چۈشىدۇ، ئاخىرەتكە قالمايدۇ.
ئىككىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،
دىنىمىز ئىسلامدا، مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر يەردە ياشاش شەرت قىلىنمىغاندەك، مەلۇم بىر تەبىقىگە تەۋە بولۇپ شۇ تەبىقىنىڭ ئارىسىدا ياشاشمۇ شەرت قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ھەر قانداق رايوندا ياشىسا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتتە ھەر قانداق ماقام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشسە بولىدۇ.  
قۇرئان كەرىمدە بىر مۇسۇلماننىڭ كاپىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئېلىپ خىزمەت قىلىشىغا بولىدىغانلىقى ئىككى مىسال بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇ ئىككى مىسال مۇنداق:
1- يۇسۇف ئەلەيھىسسالام مىسىردا كاپىر بىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتىدە دەسلەپتە مالىيە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىر (زۇڭلى) بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ، يۇسۇف سۈرىسىدە ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.
بۇ قىسسىنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشى بىزگە ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىپ بىر كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالغانلارنىڭ ھېچ ئىككىلەنمەي ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
يۇسۇف سۈرىسىدىكى مۇنۇ ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
«پادىشاھ: ‹يۇسۇفنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى خاس ئادەمىم قىلىمەن› دېدى. ئاندىن پادىشاھ يۇسۇف بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا: ‹شۈبھىسىزكى سەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن يېنىمىزدا مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن› دېدى.
يۇسۇف: ‹مېنى دۆلەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن خەزىنىلەرنى ئۇبدان ساقلايدىغان، ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئۇبدان بىلىدىغان بىر كىشىمەن› دېدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىز يۇسۇفكە ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردۇق. ئۇ، مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى. بىز رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىلىرىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز.»- يۇسۇف 12/54-56).
2- مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىكى فىرئەۋن خانىدانىدا بىر مەخپىي مۇئمىننىڭ بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ قىسسىسى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە ئوچۇق بىر دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق،
فىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا. ئۇلار: «بۇ سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر» دېيىشكەن ئىدى.
مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «مۇسا بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى چوڭۇپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. لېكىن كاپىرلارنىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مەن مۇسانى ئۆلتۈرەي، مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ، دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن».
مۇسا مۇنداق دېدى: «مەن، ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر مۇتەكەببىردىن، مېنىڭمۇ رەببىم سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم».
فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېدى، دەپ ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىللەر ئېلىپ كەلدى! ئەگەر ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ناۋادا ئۇ توغرا سۆزلىگەن بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
ئى قەۋمىم! سىلەر بۈگۈن بۇ مەملەكەتتە ھۆكۈمرانسىلەر، غالىبسىلەر. لېكىن ئەتە-ئۆگۈن بېشىمىزغا ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، بىزنى ئۇنىڭدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن قانداق كۆرسەم سىلەرگە شۇنداق كۆرسىتىمەن. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغىلا باشلايمەن».
مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن بېشىڭلارغا، پەيغەمبەرلىرىگە قارشى بىرلەشكەن گۇرۇھلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا كۈنىگە ئوخشاش بىر كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقىمەن:
نۇھ قەۋمىنىڭ، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى ئىرادە قىلمايدۇ.
ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن پەرياد كۈنىدىن قورقىمەن،
سىلەر ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچىدىغان كۈندىن. ئۇ كۈنى سىلەرنى ئاللاھدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر.
سىلەرگە ئىلگىرى يۇسۇف ئوچۇق دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. سىلەر ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن داۋاملىق شۈبھىلەندىڭلار. تاكى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا: ‹ئاللاھ يۇسۇفتىن كېيىن پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شۈبھىلەنگۈچى كىشىلەرنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچبىر دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاللاھنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئاللاھ تەكەببۇرلۇق ۋە زومىگەرلىك قىلغۇچى كىشىنىڭ قەلبىنىڭ ھەممىسىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ».
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، يوللارنى تاپاي،
ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراب باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ ئويلايمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق  چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئۇنىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى.
مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرنى توغرا يولغا باشلاي.
ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى، ۋاقىتلىق بىر پايدىلىنىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاخىرەت بولسا، ئەبەدىي قارارگاھتۇر.
كىم بىر يامانلىق قىلسا، پەقەت شۇ يامانلىقنىڭ ئوخشىشى بىلەنلا جازالاندۇرۇلىدۇ. ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئىش قىلسا، مانا بۇنداقلار جەننەتكە كىرىدۇ ۋە جەننەتتە ھېسابسىز رىزىققا ئېرىشىدۇ.
ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى قۇتۇلۇشقا چاقىرىۋاتمەن، سىلەر مېنى دوزاخقا چاقىرىۋاتىسىلەر:
سىلەر مېنى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا ۋە مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا چاقىرىۋاتىسىلەر. مەن سىلەرنى غالىب ۋە ناھىيىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھقا چاقىرىۋاتىمەن.
شۈبھىسىزكى، سىلەر مېنى چاقىرىۋاتقان نەرسە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چاقىرىلىشقا لايىق ئەمەستۇر. بىزنىڭ بارىدىغان يېرىمىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
سىلەر سۆزلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر. مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
ئاللاھ ئۇ مۇئمىن ئادەمنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. فىرئەۋن خانىدانىنى بولسا، يامان ئازاب قورشىۋالدى.»- (مۇئمىن 40/23-45).
مانا بۇ مۇئمىن ئادەمنىڭ قىسسىسىدىن شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى: ئىماننى يوشۇرۇپ تۇرۇپ فىرئەۋندەك بىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر