مۇسۇلمانلار

ئايالىم ئۇرىدۇ، قانداق قىلىمەن؟

مېنىڭ سوئالىمغا نېمىشقا  جاۋاب بەرمەيسىلەر؟ مېنىڭ بېشىم بەك قاتتى ماڭا يول كۆرسىتىڭلار! سۇئالىمغا زېرىكمەي بىر جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. سوئالىم شۇ:
مەن ئايالىم بىلەن توي قىلغىلى تۆت يىل بولدى، لېكىن ئارىمىزدا جېدەل قۇرمىدى، مەن بىرنى دىسەم ئۇ ئىككىنى دەيدۇ، ئىتتەسەم ياقامغا ئسلىدۇ، بىرنى ئۇرسام ئككىنى ئۇردۇ، شۇنداق قىلىپ، ئۈچ – تۆت ئايدا بىرەر قىتىم خىتىڭنى ئال، ئەرگە تەگ دېگەندەك سۆزلەرنى ئۈچ قېتىم دەپ سالغانتىم. ئككى يىرىم ياشلىق بىر ئوغلۇم بار قانداق قىلسام بولار؟ ئابلەتجان
قېرىندىشىم! ئايالىڭىز بىلەن ئارىڭىزدىكى يىرىك مۇئامىلە توغرۇلۇق بىزنىڭ بىر نەرسە دېيىشىمىز ئۇيغۇن بولمايدۇ. بۇنى ئايالىڭىز بىلەن چىرايلىقچە سۆزلىشىپ ئۆزىڭىز ھەل قىلىشىڭىز لازىم. بۇ توغرىدا باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئېھتىياجىڭىز بولسا، ئەھۋالىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىزغا، قېيناتا-قېينانىڭىزغا ۋە يۇرت ئاقساقاللىرىغا مەلۇم قىلىپ، شۇلارنىڭ تەۋسىيە ۋە مەسلەھەتلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىڭىز كېرەك.
 بىز سىزنىڭ «ئۈچ-تۆت ئايدا بىرەر قىتىم خىتىڭنى ئال، ئەرگە تەگ دىگەندەك سۆزلەرنى ئۈچ قىتىم دەپ سالغان» لىقىڭىزنىڭ تالاق بولۇپ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېسەك توغرا بولىدۇ. لېكىن بىز بۇ توغرۇلۇق تور بېتىمىزدىكى «ئىسلامدا تالاق نىزامى» دا ناھايىتى ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.
سىز ئۇ ئەسەرنى دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز، ئۇ سۆزلىرىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنىڭ تالاق بولۇپ – بولمايدىغانلىقىنى بىلەلەيتتىڭىز. مەن ئەتىگەن سىزگە ئۇ ئەسەرنىڭ ئادرېسىنى ئەۋەتكەن ئىدىم. سىز ئادرېسقا كىرمەيلا يەنە ئەينى سوئالنى قايتا سوراپسىز.
 مەن سىزگە بۇنىڭدىن باشقا قانداق يول كۆرسىتىمەن؟ ئايالىڭىز ئاشۇنداق ئايال ئىكەن. مەن قانداق قىلىپ بېرىمەن؟ سىز مەندىن ئايالىڭىز ياقىڭىزغا ئېسىلغاندا ياكى سىزنى ئۇرغاندا، ئۇنىڭ  كاچىتىغا بىرنى سېلىپ ئايرىۋېتىشىمنى تەلەپ قىلمايسىز ھەرقاچان؟!
بىزگە يوللىغان سۆزلىرىڭىزنىڭ سوئال قىسمىنىڭ جاۋابى ئاشۇ «ئىسلامدا تالاق نىزامى» دا ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. شۇ ئەسەرنى ئالدىرىماي دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى بىلىۋالىسىز. مەن ئۇ ئادرېسنى سىزگە يەنە بىر قېتىم يوللاپ بېرەي:

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر