مۇسۇلمانلار

ئىسلامنىڭ ئىككى پرىنسىپى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ وَلاَ تَطْغَوْاْ إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ﴾
«ئى مۇھەممەد! سەن ئەمر قىلىنغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭ! يېنىڭدىكى تەۋبە قىلغانلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلىمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»- ھۇد 11/112.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ، ئىبادىتىنىڭ، مۇئامىلىسىنىڭ، ئەخلاقىنىڭ ۋە باشقىلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىنىڭ، ئۆزىنىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ئەمر بويىچە شەكىللىنىشىنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئۇلارنى «چەكتىن ئاشماڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
بۇنىڭ مەنىسى شۇكى: مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانلىقى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ئەمر بويىچە شەكىللەنمىسە، ئۇ ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن ئاشقان يەنى ئاللاھ تائالا ئۆتمەڭ دەپ بەلگىلەپ قويغان چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىشىمىزغا، يەنى ئەقىدىمىز ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە شەكىللەندىمۇ، قانداق؟ ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزچۇ؟ بۇ توغرىدا پىكىر يۈرگۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە شەكىللەنمىگەن بولسا، بىز ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن ئاشقان بولىمىز. ئاللاھ ساقلىسۇن!
دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ئىككى پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1- ئاللاھ ئەمر قىلغان بويىچە مۇسۇلمان بولۇش،
2- بىرى چەكتىن ئاشماسلىق. يەنى دىندا يوق ئىشلارنى پەيدا قىلماسلىق ۋە پەيدا قىلىنغانلىرىنى دىننىڭ ئەمرى دەپ قوبۇل قىلماسلىق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر