باش بەت > ئاخىرەت > ئەقىدە > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
1- ئىمان دىگەن نىمە؟ قانداق قىلغاندا ھەقىقى ئىمان ئىيىتقان بولىدۇ؟ مۇسۇلمان بولوش ئۇچۇن ئىمان كەلىمىسىنى ئېغىزدا ئىيتىپ قويۇشلا كوپايىمۇ ياكى ئۇنىڭ باشقا شەرىتلىرىمۇ بارمۇ؟
2- خەلىق ئارىسىدا بەزى كىشىلەر «لائىلاھە ئىللەللا دىگەن ئادەم دەۋزەقتە قالمايدۇ» دىگەن ھەدىسكە ئىشىنىپ بىز گۇناھلىرىمىز توگىگەندە يەنە جەننەتكە كىرىمىز دەپ مۇشۇ سوزگىلا ئىسىلىۋىلىپ باشقا ئىبادەتلەرنى قىلمايدىكەن ،ھەقىقەتەن شۇنداق بولامدۇ؟ھۆرمەت بىلەن: ئەسسالام
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
«ئىمان دىگەن نىمە؟ قانداق قىلغاندا ھەقىقى ئىمان ئىيىتقان بولىدۇ؟ مۇسۇلمان بولوش ئۇچۇن ئىمان كەلىمىسىنى ئىغىزدا ئىيتىپ قويۇشلا كوپايىمۇ ياكى ئۇنىڭ باشقا شەرىتلىرىمۇ بارمۇ؟»
    جاۋاب:
بۇ سوئالىڭىزغا تۆۋەندىكى ھەدىس جاۋاب بەرسۇن:
 ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز قېشىمىزغا كىيىملىرى ئاپئاق، چاچلىرى قاپقارا بىر كىشى چىقىپ كەلدى.
ئۇنىڭ تۇرقىدىن سەپەر قىلغانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى. ھېچ قايسىمىز ئۇنى تونۇمىدۇق. ئۇ ئىككى تىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تىزىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى ئالىقىنىنى ئىككى يوتىسىغا قويۇپ: «ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىسلام ‹بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دەپ› گۇۋاھلىق بېرىشىڭدۇر، پەرز نامازلارنى تولۇق ئادا قىلىشىڭدۇر، زاكات بېرىشىڭدۇر، رامزان روزىسىنى تۇتۇتۇشڭدۇر، قادىر بولالىساڭ ھەج قىلىشىڭدۇر»، دېدى.
ئۇ كىشى: «راست ئېيتتىڭ»، دېدى. بىز ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى سوراپ، ئۆزىنىڭ سورالغان سوئالىغا جاۋاب بېرىلسە، « راست ئېيتتىڭ»، دەپ تەستىقلىغىنىغا ئەجەبلەندۇق.
ئاندىن ئۇ كىشى يەنە: «ماڭا ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمان ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەتكە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭدۇر»، دېدى. ئۇ كىشى: «راست ئېيتتىڭ»، دېدى………
ئاندىن كېيىن ئۇ كىشى بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. مەن بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قاپتىمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۇمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟»، دېدى. مەن: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ جىبرىئىل بولىدۇ. ئۇ سىلەرگە دىنىڭلارنىڭ ئاساسلىرىنى تەلىم بەرگىلى كەلگەن»، دېدى.— مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
دېمەك، ئاللاھ تەئالاغا، پەرىشتىلەرگە، ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى مۇئمىن، بۇ ئىمانىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلغان كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان كىشى مۇئمىن ۋە مۇسۇلمان بولمايدۇ.
ئىسلامسىز ئىمان، ئىمانسىز ئىسلام ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. شەيتاننىڭ ئىمانى بار ئىسلامى يوق، مۇناپىقنىڭ ئىسلامى بار ئىمانى يوق. بۇلارنىڭ ھېچبىر ئەسقاتمىدى؛ نە شەيتاننىڭ ئىمانى، نە مۇناپىقنىڭ ئىسلامى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى ۋە ئەسقاتمايدۇ.
بىر ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشى، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەم مۇئمىن، ھەم مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك. ئىككىسىنىڭ بىرى يوق بولسا، يا شەيتان بولىدۇ ياكى مۇناپىق بولغان بولىدۇ.
 «خەلىق ئارىسىدا بەزى كىشىلەر {لائىلاھە ئىللەللا دىگەن ئادەم دەۋزەقتە قالمايدۇ }دىگەن ھەدىسكە ئىشىنىپ بىز گۇناھلىرىمىز توگىگەندە يەنە جەننەتكە كىرىمىز دەپ مۇشۇ سوزگىلا ئىسىلىۋىلىپ باشقا ئىبادەتلەرنى قىلمايدىكەن ،ھەقىقەتەن شۇنداق بولامدۇ؟»
جاۋاب:
«لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ.
بىر كىشى بۇ سۆزنى سۆزلىگەن بولسا، ئۇنىڭ بۇ سۆزى «مەن ئاللاھ تەئالا نېمە دېسە قوبۇل قىلىمەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىمەن» دەپ ئاللاھقا سۆز بەرگەنلىكى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن يەنى بۇ سۆزنى سۆزلىگەندىن كېيىن ئۇ كىشى، بۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ مەنىسى «مەن ئادەم ئەمەس، ئاغزىمدا دېگەن سۆزۈمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» دېگەن بولىدۇ.
دېمەك، «لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» نى «سۆزلەش»، ئېغىزدىلا دەپ قويۇش ئەمەس، ئېغىزدا سۆزلەپ، مەزمۇنىغا ئەمەل قىلش بىلەن بولىدۇ.
دوزاخقا كىرىپ مەلۇم مۇددەت كۆيگەندىن كېيىن چىقىش مەسىلىسىگە كەلسەك، قۇرئان كەرىمدە، دوزاختا «گۇناھىمىزنىڭ جازاسىنى چېكىپ بولغاندىن كېيىن جەننەتكە چىقىمىز» دېگەن مۇددىئا يەھۇدىيلارغا ئائىت ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەر مۇنداق:
 1- «ئۇلار: «بىز جەھەننەمدە قالساقمۇ بىرقانچە كۈنلا قالىمىز» دەيدۇ. سەن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟- ئالغان بولساڭلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ- ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟».
ياق، ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. يامانلىق قىلىپ خاتالىقى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلار بارغۇ، ئەنە شۇنداقلار قىلمىشلىرىنىڭ تۈپەيلىدىن جەھەننەم ئەھلىدۇر؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۇ قالىدۇ.
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا، جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچلاردۇر»- (بەقەرە 2/80-82).
2- «كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا، ئىچىدىن بىر تۈكۈم كىشىلەر يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۇلار داۋاملىق يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.
بۇ، ئۇلارنىڭ: «بىز دوزاخ ئوتىدا ساناقلىق بىر قانچە كۈنلا كۆيىمىز» دېگەنلىكى ۋە ئۆزلىرى ئويدۇرغان ئويدۇرمىلارغا دىنى ئىشلىرىدا ئۆزلىرى ئالدانغانلىقى ئۈچۈندۇر.
بىز ئۇلارنى چوقۇم كېلىدىغان كۈندە بىر يەرگە توپلايمىز، ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا/مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. شۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟»- (ئال ئىمران 3/23-25).
قۇرئان كەرىمنىڭ قىيامەت، ئاخىرەت ھاياتى، جەننەت ۋە جەھەننەم قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭمۇ مەڭگۈ قىلىش ھۆكمى بىلەن كىرىدىغانلىقى، جەھەننەمگە كىرگەنلەرنىڭمۇ مەڭگۈ قېلىش ھۆكمى بىلەن كىرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
1- ئىنسانلار قىيامەت مەيدانىدا ئىككى تۈرلۈك (قارا يۈزلۈكلەر، ئاق يۈزلۈكلەر) بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار ئۇ ئازابقا بەزى يۈزلەر ئاقىرىدىغان ۋە بەزى يۈزلەر قارىيىدىغان كۈندە دۇچار بولىدۇ. يۈزلىرى قارايغانلارغا: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇنداق بولسا كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شۇ ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
يۈزلىرى ئاقارغانلار بولسا، اللەنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ جەننەتتە قالىدۇ»- (ئال ئىمران 3/106، 107).
2- ئەمەللەر تارتىلغان يەردە ئىككى تۈرلۈك (ياخشى ئەمىلى يىنىكلەر، ياخشى ئەمىلى ئېغىرلەر) بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار اللەغا بوھتان چاپلاش ئىشىنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا.
ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلىشىم مۇمكىن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان بىر قۇرۇق گەپتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر توسما بار. بۇ ئۇلارنى، ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر دۇنياغا قايتىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ.
سۇر چېلىنغان كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمدىن ھال- ئەھۋال سورىمايدۇ.
ئۇ كۈنى مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ»- (مۇئمىنۇن 99/23- 104).
3- ئەمەل دەپتەرلىرى بېرىلگەن يەردە ئىككى تۈرلۈك (ئەمەل دەپتىرى ئوڭدىن بېرىلگەنلەر، ئەمەل دەپتىرى سولدىن ياكى ئارقىسىدىن بېرىلگەنلەر) بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنادق دەيدۇ:
«ئى ئىنسان! سەن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدىغان يولدا تىرىشىپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا مۇلاقات بولىسەن.
كىمنىڭ دەپتىرى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلسە،
 ئۇنىڭ ھېسابى ئاسانلا تۈگەيدۇ.
ئۇ، يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا خۇشال ھالدا قايتىدۇ.
كىمنىڭ دەپتىرى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلسە،
ئۇ، يوق بولۇش ئۈچۈن يالۋۇرىدۇ
ۋە يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ.
ھالبۇكى ئۇ، بىر زامانلار يېقىن – يورۇقلىرى ئارىسىدا خۇشال ئىدى
ۋە رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلىمايتتى»- (ئىنشىقاق 84/6/14).
4- ئاخىرىدا بىر پىرقە جەننەتكە، بىر پىرقە جەھەننەمگە يەرلىشىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! شۇنىڭدەك بىز ساڭا ئەرەبچە بىر قۇرئان ۋەھىي قىلدۇق. بۇنى كەنتلەرنىڭ ئانىسى بولغان مەككىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى چوقۇم قايىم بولىدىغان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇ كۈنى ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى جەننەتكە، بىر قىسمى دوزاخقا كىرىدۇ»- (شۇرا 42/7).
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا «گۇناھىمىزنىڭ جازاسىنى چېكىپ بولغاندىن كېيىن جەننەتكە چىقىمىز» دېگەن ئېتىقاد يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىدۇر. بۇ ئېتىقاد گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ، جەننەتنى ھېچكىمگە بەرگۈسى كەلمەيدىغان ئەخمەق «مۇسۇلمان» لارنىڭمۇ ئېتىقادىدۇر. ئۇلارغا مۇنداق سوئال قويۇشىمىز كېرەك:
«سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟- ئالغان بولساڭلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ- ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟».

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ