باش بەت > پەتىۋالار > كىيىم - كېچەك  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم
سەللە كىيىش دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ياكى مۇناسىۋەتسىزمۇ؟ ھۆرمەت بىلەن ئىبراھىم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
سەللە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچىدە موللىلىقنىڭ ياكى مويسىپىتلىكنىڭ چوڭ ئالامىتى ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ توغرىسى كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەققىدە بىر قىسىم ھەدىسلەر ئويدۇرۇلغان. بۇ «ھەدىسلەر» بەزى خۇراپىي كىتابلاردا كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىلىمدىن يىراقلاشقانسېرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنداق خۇراپاتلار «بازار» تېپىپ، ئىش ھازىرقى سەۋىيەگە يەنى سەللىسى يوق ئالىم ھەر قانچە بىلىملىك بولسىمۇ موللا ھېسابلانمايدىغان، سەللىسى بار كىشى «ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمىسىمۇ» «داموللام» دەپ تونۇلىدىغان ھالەتكە يەتكەن.
ھەتتا دۇنيادىكى چوڭ ئىلىم يۇرتلىرىدا يىللارچە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆزلىرىنى يېتىشتۈرۈپ كەلگەن كاتتا ئالىملارمۇ پەقەت سەللىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا «ئەپەندى»، «كالتا قۇيرۇق…» دەپ ھاقارەتلەنگەن، شۇنداقلا ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچىدە ئەھلى ئىلملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان.
دىنىمىز مەيلى ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەلىماتلىرىدا بولمىسۇن، مەيلى كىيىم – كېچەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەلىماتلىرىدا بولمىسۇن ھېچبىر تەلىماتىدا مۇسۇلمانلارنى سەللە كىيىشكە بۇيرۇمايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا تەشۋىق ۋە تەرغىبمۇ قىلمايدۇ. مەن (ئەبۇلفاتىھ)  بۇ يازمامدا سەللە توغرۇلۇق قىسقىچە توختىلىمەن.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
سەللىنىڭ لۇغەت مەنىسى:
ئۇيغۇرچىغا سەللە دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئىمامە «عمامة» دۇر. بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن لۇغەت ۋە ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى ۋە تارىخ كىتابلىرىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ كىيىم – كېچەك ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى ئۈستىدە دىققەت بىلەن تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلساق ئىمامە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ مەزمۇنلارغا ئېرىشەلەيمىز:
ئەرەبلەرنىڭ ئەرلىرىمۇ ئاياللىرىغا ئوخشاشلا باشلىرىغا ياغلىق ئارتاتتى. بەزىدە ياغلىقنىڭ ئاستىدا بۆك (دوپپا) غا ئوخشاش بىر نەرسە بولاتتى، بەزىدە ھېچ نەرسە بولمايتتى. ئاياللارنىڭ ياغلىقى خىمار «خمار»، ئەرلەرنىڭ ياغلىقى ئىمامە «عمامة» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ئەرەبلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخقا ئىگە بىر ئەنئەنىسى ئىدى.
ئىسلامىيەت كېلىپ، ئاياللارغا باشلىرىنى يۆگەش بىلەن بىرلىكتە گەدەنلىرىنى، بويۇنلىرىنى، گاللىرىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى يۆگەشنىمۇ پەرز قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان ئاياللار باشلىرىغا ئارتقان ياغلىقلىرىنىڭ ئەتراپى بىلەن گەدەن، گال، بويۇن ۋە كۆكرەك قاتارلىق يەرلىرىنىمۇ يۆگىگەن. يەنى ئىسلام دىنى ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىق ئارتىش شەكلىنى مەلۇم بىر ئۆلچەمگە كىرگۈزگەن.
ئىسلامىيەت مۇسۇلمان ئەرلەرگە گەدەن، بويۇن، گال ۋە كۆكرەكلىرىنى يۆگەشنى پەرز قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بۇرۇنقى ئادىتىنى يەنى بېشىغا ياكى دوپپىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئارتىۋالغان ياغلىقلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى بەزىدە ئېڭەكلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ باغلاش، بەزىدە ياغلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىنى باشلىرىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە تاشلاپ، ئەتراپى بىلەن بېشىنىڭ ئەتراپىنى تېڭىۋېلىش ئادەتلىرىنى ئەينەن داۋاملاشتۇرغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇ ياغلىقنىڭ، باشنىڭ ھەممىنى يۆگەيدىغان ياغلىق دېگەن مەنىدىكى ئىمامە «عمامة» دېگەن تارىخىي ئىسمىمۇ ئەينەن ساقلىنىپ قالغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەللە كىيىشى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈنىمىزدىكى شەكىلدە سەللە كىيمىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيگىنى ئىمامەدۇر. ئىمامە كىيىش يەنى ئەرلەر بېشىغا بىر خىل شەكىلدە ياغلىق ئارتىش، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك 14 ئەسىر بۇرۇنقى ئەرەبلىرىنىڭ ئادىتى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇ دەۋردە ياشىغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە ئۇنى كىيگەن. رىۋايەتلەرمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا ئىمامەنى ئەبۇجېھىلنىڭمۇ، ئەبۇلەھەبنىڭمۇ ۋە باشقا پۈتكۈل كاپىر – مۇشرىلارنىڭمۇ كىيگەنلىكىدە شەك يوق. دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىمامە كىيگەنلىكى توغرۇلۇق ھەدىسلەر (بۇلار كۆپىنچىسى سەھىھ ئەمەس)، ئۇ زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ (رەسۇللاھمۇ ئۇلارنىڭ بىرىدۇر) ئۆرپ- ئادەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، خالاس.
ئۆرپ – ئادەت دىن بولمايدۇ
مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھ ياشىغان زاماندىكى ئۆرپ – ئادەتلەرگە ئەمەس، رەسۇلۇللاھ تەبلىغ قىلغان دىنغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلغان.
ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 21- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتتە «مۇھەممەد سىلەر ئۈچۈن ئۈلگە» دېمەستىن «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سىلەر ئۈچۈن ئۈلگە» دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزگەن ۋە ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا سىلەر ئۈچۈن ئۈلگە دېگەن بولىدۇ.
بۇنى، سەھىھ مۇسلىمنىڭ «كىتابۇلفەزائىل» دىكى «بَاب وُجُوبِ امْتِثَالِ مَا قَالَهُ شَرْعًا دُونَ مَا ذَكَرَهُ مِنْ مَعَايِشِ الدُّنْيَا عَلَى سَبِيلِ الرَّأْيِ» دېگەن بابنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئىچىدىكى ھەدىسلەرمۇ ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىك ماقامىدا تۇرۇپ يەتكۈزگىنى ۋە ئىجرا قىلغىنى قۇرئاندۇر ۋە قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىك ماقامىدا تۇرۇپ سۆزلىگەن سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىش – پائالىيەتلىرى قۇرئان كەرىمنى ئىجرا قىلىشتىنلا ئىبارەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر ھازىر ھايات بولغان بولسا ئىنسانلارغا قۇرئاننى تەبلىغ قىلغان بولاتتى. ئەنئام سۈرىسىنىڭ 19 – ئايىتىنىڭ بىر قىسمى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
كۈنىمىزدىكى سەللە:
كۈنىمىزدىكى سەللە ئىران، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلارنىڭ يەرلىك خەلقىنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭ نە دىنىمىز بىلەن نە ئۆرپ – ئادىتىمىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بۇنى دىنى ئىلىمدىن ۋە ئېتنولوگىيەدىن ئاز – تولا خەۋىرى بولغان ياكى ئۇ رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنى كۆرگەنلەر بىلىدۇ.
دىنىمىز ئۆز ئېتىقادچىلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى، كىيىم – كېچەك پاسونلىرى ۋە تۇرمۇش قائىدىلىرى قاتارلىقلارغا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكنى ئىپادىلىمەيدىغانلا بولسا قارشى چىقمىغان ۋە چىقمايدۇ.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسى قىسمىنىڭ ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان رايونلىرى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان مەككە ۋە مەدىنە ئارىسىدا ئىران، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق رايونلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇ رايونلارنىڭ خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ۋە ئىسلامنىڭ ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچەك پاسونلىرىغا ئارىلاشمىغانلىقىنى دىققەتكە ئالساق، كۈنىمىزدىكى سەللىنىڭ بىزگە ئىران، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق رايونلاردىن كىرگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنى ئىمامە «عمامة» كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسىمۇ تەكىتلەيدۇ.
سەللىچىلەرگە بىرقانچە سوئال:
«كۈنىمىزدىكى سەللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيگەن ئىمامە ئىدى» دەپ تۇرۇۋېلىش، دىنىمىزنى تولۇق بىلمىگەنلىك بولۇش بىلەن بىرگە، غۇلجىدىكى ۋە خوتەندىكى بەيتۇللاھ مەسچىتلىرىنى «قۇرئاندىكى ۋە ھەدىسلەردىكى بەيتۇللاھ مۇشۇ» دەپ تەرسالىق قىلىغاندەك ئىش بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى سوئاللارغا سەللە توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى بويىچە جاۋاب بېرىشى لازىم:
1 – مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردىن قارىغاندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئاق ئۇزۇن كۆينەك كىيەتتى، بەزىدە ئۇنىڭ ئۈستىگە رىدا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يەكتەكمۇ كىيەتتى. ئاق ئۇزۇن كۆينەك بىلەن رىدا كىيىشمۇ سۈننەتمۇ؟
2 – يەنە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كەشىنىڭ ھازىرقى بىر خىل شىۋەك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ (بۇ شىۋەك ھازىر ئىستانبۇلدا بىر مۇزېيدا بار). بۇ خىل شىۋەكنى كىيىشمۇ سۈننەتمۇ؟
3 – يەنە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردىن قارىغاندا رەسۇللاھ ئەلەيھىسسالام تۆگە ساغاتتى، ياماق يامايتتى ۋە باشقا نۇرغۇن تۇرمۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى قىلاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشمۇ سۈننەتمۇ؟
4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمامەسى كۈنىمىزدىكى سەللىنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلغاندەك، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئاق كۆينىكى، رىداسى ۋە شىۋەكلىرى كۈنىمىزدىكى ھەر خىل كۆينەك، ھەر خىل كاستۇم ۋە يېڭى مودىلىق ئاياغ كىيىملەرنى كىيىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلامدۇ؟
دىنىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلىماتلىرى
ئاللاھ تەئالا ئەئراف سۈرىسىنىڭ 31 ـ ئايىتىدە ناماز ۋاقتىدا ۋە ناماز ئوقۇيدىغان يەردە چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ناماز ئوقۇغان چېغىڭلاردا كىيىملەر بىلەن ئەۋرەتلىرىڭلار يېپىلىپ چىرايلىق ھالىتىڭلاردا بولۇڭلار دېگەن بولىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى، ئەرلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەرلەرنى يېپىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت ـ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدىغان بولساق دىنىمىز، ئەر مۇسۇلمانلارنى بولمىسۇن ياكى ئايال مۇسۇلمانلارنى بولمىسۇن مەلۇم بىر قىياپەت بىلەن يۈرۈشكە ياكى مەلۇم بىر خىل پاسوندا كىيىنىشكە بۇيرۇمايدۇ.
 ئەۋرەت
ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى كىندىكلىرى بىلەن تىزلىرىنىڭ ئارىسىدۇر. بۇ يەرلىرنى يېپىپ ئوقۇغان ناماز ئادا بولىدۇ. لېكىن ئۇلار نورمال شارائىتتا ناماز ئوقۇغاندا بويۇنلىرى بىلەن تىزلىرىنىڭ ئارىسىنى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىش بىلەن يېپىشلىرى لازىم. ئەئراف سۈرىسىنىڭ 31 – ئايىتىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ.
ئەر مۇسۇلمانلار نامازنىڭ سىرتىدىمۇ بويۇنلىرىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يۆگەيدىغان شەكىلدە كىيىنىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ۋە قوللىرىدىن باشقا پۈتۈن ئەزاسى ئەۋرەت.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۈز ۋە قوللىرىدىن باشقا پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى كەڭ ۋە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق يېپىشى پەرز. تار ياكى نىپىز كىيىملەر بىلەن ئەۋرەت يېپىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق كىيىملەر، ئاستىدا نېمە بولسا ئۇنى مەلۇم قىلىدۇ ياكى كۆرسىتىدۇ، نەتىجىدە ئۇ يەر يېپىلمىغان بولىدۇ. دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ قىياپىتى توغرۇلۇقمۇ بىر كۆرسەتمە يوق. يەنى دىنىمىز ئايال مۇسۇلمانلارنى، يۈز ۋە قوللىرىدىن باشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى يېپىشقا بۇيرۇيدۇ. يېپىش شەكلىنى يەنى كىيىمنىڭ پاسونىنى ئۆزلىرىنىڭ تاللىشىغا قويىدۇ.
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى:
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىيىنىشلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنى ھەر خىل قىياپەتلەردە كۆرىمىز، لېكىن ھېچبىرىنىڭ ئەۋرەت يەرلىرى ئېچىلىپ قالغىنى يوق. دېمەك، دىنىمىز ئىسلام ئىنسانلارنى ئەۋرەت يەرلىرىنى يېپىشقا بۇيرۇغان، لېكىن يېپىش شەكلىنى ئىنسانلارنىڭ ئەقىللىرىگە قويغان.
شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەۋرەت يەرلىرىنى يۆگەيدۇ، لېكىن بەزىلىرى باشلىرىغا ياغلىق ئارتىۋالىدۇ (ئومۇمەن ئەرەب مۇسۇلمانلار شۇنداق قىلىدۇ). بەزىلىرى دوپپا، ئاق بۆك، تور بۆك ۋە ھەر خىل رەڭدىكى شاپاق بۆك قاتارلىقلارنى كىيىۋالىدۇ (بۇلار پاكىستان ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىدۇر). بەزىلىرى كۈنىمىزدىكى سەللىنى كىيىۋالىدۇ (بۇلار ئىران، ئافغانىستان ۋە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىدۇر). بەزىلىرى باشلىرىغا ھېچ نەرسە كىيمەيدۇ (بۇلار ياۋرۇپا ۋە تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىدۇر. بۇلار پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگەللەيدۇ). دىنىمىز بۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئارىلاشمايدۇ. چۈنكى باشقا بىر نەرسە كىيىش (ئەرلەر ئۈچۈن) دىنى بىر ۋەزىپە بولمىغاندەك، باشنى ئوچۇق قويۇشمۇ دىنى بىر چەكلىمە ئەمەس.
يەنى ئەرلەرنىڭ باشلىرىغا قايسى شەكىلدە قانداق نەرسە كىيىشى ياكى باشلىرىنى ئوچۇق قويۇشى ھەر رايوننىڭ شارائىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ كىيىم كىيىش زوقى بىلەن ئۆرپ – ئادەتكە ئايلانغان بىر ئىش بولۇپ، گۇناھ بولمىغان ئاساستا دىنىمىز ئۇلارغا ئارىلاشمايدۇ.
خۇلاسە
سەللە يۆگەشنى دىنىمىز بۇيرۇمىغان، تەۋسىيەمۇ ئەتمىگەن، تەشۋىقمۇ قىلمىغان، ھەتتا تەرغىبمۇ قىلمىغان. شۇڭا ئىمامە (سەللە) مەسىلىسى ھەدىس كىتابلىرىدا كىتابۇسسالاتتا ئەمەس، كىتابۇللىباس يەنى كىيىم – كېچەك كىتابىدا زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ، ئىمامە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان دەۋرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دىنىمىز بىلەن يېقىندىن – يىراقتىن ئالاقىسى يوق، دېگەن بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل ئەھكامنى، ھەتتا ئىككى رەكئەت نامازنىڭ يەتمىش ئىككى مەكرۇھسىنى بىر – بىرلەپ كىتابۇسسالاتتا بايان قىلىشقان فەقىھلەرمۇ سەللىگە ھېچبىر ئىبادەت بابىدا ئورۇن بەرمەيدۇ.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ