مۇسۇلمانلار

لۇقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا نەسىھىتى

(ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم)
«ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر›.
بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق- ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-: ‹ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن. ئاخىرى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كېلىسىلەر.
ئەگەر ئۇلار سېنى، سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن›.
لۇقمان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﭽﺎ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﻰ كەلتۈرۈپ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ.
ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ئادا قىلغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر.
ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئىنسانلارنى كەمسىتمە، زېمىندا غادىيىپ ماڭما، ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
تەبىئىي ماڭ، ئاۋازىڭنى بىرئاز پەسلە، چۈنكى ئەڭ يامان ئاۋاز ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر›.»- (لۇقمان 31/13-19)..

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر