باش بەت > پەتىۋالار > قوشنا ھەققى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئەسسالامۇ ئالايكۇم
بىر مۇسۇلمان كىشى ناماز ئوقۇمايدىغان قوشنىسى بىلەن بېرىشكېلىش قىلسا ھەمدە ئۇ قوشنسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يېسە بولامدۇ؟ ئۇلۇغ ئاللاھ سلىگە ئەجىر بەرگەي ئامىن
ھۆرمەت بىلەن: نۇر مۇھەممەد
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! دىنىمىز بىزنى قوشنىلىرىمىزغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئۇلارنىڭ تەقۋادارلىقىنى ئەمەس، بىزگە قوشنا بولۇشىنى ئاساس قىلىنىدۇ. مانا بۇ، دىنىمىز تەۋسىيە قىلغان گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ بىرىدۇر.
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا – ئاناڭلارغا، خىش – ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن – يىراق قوشنىلارغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار» – نىسا سۈرىسى، 36- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
1 – ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىئىل ماڭا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋەرگەچكە، قوشنىلارنى بىر – بىرىگە مىراسخور قىلامدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2 – ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ زەر! ئەگەر سەن شورپا قىلساڭ، سۈيىنى كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغىمۇ سۇنغىن» – (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
3 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ»، دېگەن ئىدى. بىر كىشى: «يا رەسۇلەللاھ! كىم كامىل مۇئمىن بولمايدۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قوشنىلىرىغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم»، دەپ جاۋاب بەردى. – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «قولۇم – قوشنىلىرىغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ»، دېگەن، دېيىلگەن.
4 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى مۇسۇلمان ئاياللار! قوشنىلىرىڭلارغا قوينىڭ تۇۋىقى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ئاز كۆرمەي سۇنۇڭلار»– (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
5 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، قولۇم – قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرسۇن» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
6 – ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەمراھىغا ياخشى بولغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشى ھەمراھ ھېسابلىنىدۇ. قوشنىسىغا ياخشى بولغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشى كىشى ھېسابلىنىدۇ». – (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).
 ئىككىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، ھارام ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1 – ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، تومۇردىن ئېقىپ چىققان قان، چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھدىن غەيرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان قاتارلىقلار. مانا بۇ ھاراملار، ھالال پۇلغا سېتىۋالسىمۇ ھاراملىقى ئۆزگەرمەيدىغان ھاراملاردۇر.
بۇ ھاراملار ھېچبىر زامان ھالاللىققا ئايلانمايدۇ. لېكىن ئىلاجىىسز قالغان كىشىگە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۇلاردىن ئستېمال قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ، ئىلاجىىسز قالغان كىشىگە ئۇ نەرسىلەر ھالال دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ كىشىنىڭ ئۇ نەرسىلەردىن مەلۇم مىقداردا ئىستېمال قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىگەنلىكتۇر.
2 – ئۆزى ھالال، لېكىن ئۇنى قازىنىش يولى ھارامدۇر. بۇ خىل ھاراملار قازانغۇچىغا ھارام، باشقىلارغا ھارام ئەمەس؛ مەسىلەن: بىر كىشىنىڭ ھارام يوللاردىن تاپقان پۇلىغا ئالغان ھالال نەرسىلىرىنى باشقىلارنىڭ يېيىشى ھارام ئەمەس.
ھەر كۈن جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان نەزىر ـ چىراغ، توي ـ تۆكۈن ۋە باشقا ئادەمگەرچىلىكلەردە داستىخانغا قويۇلۇۋاتقان يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەر بىرىنچى خىل ھارامدىن بولمىسىلا ئۇلارنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر مۇسۇلمانلارغا، ئالدىغا كەلگەن ھالال نەرسىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈش يولىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى يۈكلەنسە ئىدى، جەمئىيەتتە ھېچبىر ئىش ئالدىغا ماڭمىغان بولاتتى. مېھرىبان ئاللاھ بەندىلىرىنى بۇنداق بىر ئىشقا بۇيرۇمىغان.
سىز ئويلاپ بېقىڭ: سىز سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدىغان بىر نەرسە بار، سىز ئۇ نەرسىنى ساتىدىغان يەرگە بېرىپ ئىگىسىدىن، ياكى بارغان يېرىڭىزدە ئالدىڭىزغا داستىخان سېلىپ قويۇلغان ھالال نەرسىلەرنى ئۆي ئىگىسىدىن  «سىز بۇ نەرسىنى نەدىن ئالغانتىڭىز؟ قانداق پۇلغا ئالغانتىڭىز؟ سىزگە ساتقان ئادەم قانداق پۇلغا ئېپتىكەن؟ ئۇنىڭغا ساتقان ئادەمچۇ؟……………» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىسىڭىز، ياكى سىز سىزدىن بىر نەرسە سېتىۋالغىلى كەلگەن بىر كىشىدىن «سىز مەندىن بۇ نەرسەمنى سېتىۋالىدىغان پۇلنى نەدىن تاپقانتىڭىز؟ سىزگە بەرگەن كىشى نەدىن تېپىپتىكەن؟ ئۇ چۇ؟ ئۇ چۇ؟……» دەپ سوراشقا باشلىسىڭىز ۋە ئۇلارنى تېپىپ سوراش ئۈچۈن شەھەرمۇشەھەر، يۇرتمۇيۇرت ماڭغىلى تۇرسىڭىز، بارلىق ئىشلىرىڭىزنى تاشلاپ پەقەت شۇ بىر ئىش ئۈچۈن بىرقانچە يىللىق ھاياتىڭىز كەتمەسمۇ؟
بىر نەرسە سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولغان بارلىق مۇسۇلمانلارنى مۇشۇنداق تەكشۈرۈش ئىشىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلساق، كۆز ئالدىمىزدىن قانداق بىر مەنزىرە ئۆتەر؟ ئەقىلغا، مەنتىققا ۋە فىترەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنمىز ئەنە شۇنداق بىر ئىشقا ئەمر قىلارمۇ؟

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ