مۇسۇلمانلار

ئەزاننى قوڭغۇراق قىلىش توغرىمۇ؟

ئەسسالا مۇئەلەيكۇم
مەن تېلېفونۇمدا تېلېفون كەلسە ئايەت چىقىدىغان قىلىپ قۇيسام، بىر دۇستۇم ماڭا: «بۇ دېگەن ئاللاھنىڭ سۇزى تۇرسا، سەن بۇنى ئۇزۇپلا باشقا گەپ قىلساڭ گۇناھكار بولۇپ قالارسىزمىكىن» دېدى. مەنمۇ ئىككلىنىپ قالدىم. سوئالىم شۇ:
 تېلېفون كەلسە قۇرئان ئايەتلىرىنى ياكى ئەزاننى ۋە ياكى چىرايلىق ئوقۇلغان بەزى دۇئا/زىكىرلەرنى چىقىدىغان قىلىپ قۇيساق بۇلامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى، ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان. يەنى ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنى «تەقۋادارلارغا يېتەكچى» بولۇشى ئۈچۈن نازىل قىلغان ـ (بەقەرە سۈرىسى 1 ـۋە 2 ـ ئايەتلەر).
قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يانغان، ۋەزـ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالغان ۋە قىسسىلىرىدىن ئىبرەت ئالغانلار قۇرئان كەرىمدىن، نازىل قىلىنىش ھېكمىتىگە ئۇيغۇن پايدىلانغان بولىدۇ.
ئەكسىچە قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سۈرىلىرىنى ياكى بەزى ئايەتلىرىنى ۋە ياكى ئىنسانلارنى نامازغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مۇبارەك ئەزاننى تېلېفونىغا يەرلەشتۈرۈپ، ئۇنى قوڭغۇراق ئورنىدا ئىشلەتكەنلەر، ئايەتكە ۋە ئەزانغا ھاقارەت قىلغان بولىدۇ، ئايەتنى ۋەئەزاننى ئاياغ ئاستى قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەدەبسىزلىك قىلغان بولىدۇ، مۇسۇلمانلارنى كۆزگە ئىلمىگەن بولىدۇ.
چۈنكى بىر دىنى تەۋەررۈكنى بىر قوڭغۇراق ئورنىدا ئىشلىتىش، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا ئەدەپسىزلىك  قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ ئېتىقادچىلىرىنى كۆزگە ئىلمىگەنلىك بولىدۇ.
بىر تېلېفوننىڭ قوڭغۇرىقىنىڭ چېلىشى، بىر كىشىنىڭ بۇ تېلېفوننىڭ ئىگىسى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر قۇرۇق ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر. ئىنسانلارنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن ئوقۇلغان ئۇلۇغ ئايەتنى ياكى ئىنسانلارنى نامازغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلغان مۇبارەك ئەزاننى ۋە ياكى ئاللاھقا قىلىنغان دۇئا، ئاللاھ ئېيتىلغان زىكىرلەرنى، ئۇ قۇرۇق ئاۋازنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر