مۇسۇلمانلار

ئەڭ چوڭ نېئمەت قايسى؟

سوئال: ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېمىتى قايسى؟ قانداق قىلغاندا مۇسۇلمان بولغىلى بولىدۇ؟ كۇپۇرلۇق قەيەردىن باشلىنىدۇ؟ پاسىق، مۇناپىق، مۇشرىك، كۇپۇرلۇقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى، قانداق پەرقى بار؟ ئىمان كەلتۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ بىزنىڭ ئىشىنىدىغىنىمىز نېمە؟ مەقسىتىمىز نېمە؟ ۋەزىپىمىز نېمە؟ ئۇلارنى قانداق ئورۇنلايمىز؟
جاۋاب:
بۇ بىر سوئالنىڭ ئىچىدە بىرقانچە سوئال بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىر سوئالغا ئايرىم جاۋاب بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ سوئاللارنىڭ ئىچىدىكى ھەر سوئال ئايرىم نەقىل قىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ جاۋابى بېرىلىدۇ:
1- «ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان ئەڭ چوڭ نېمىتى قايسى؟»
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا بىز ئىنسانلارنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى، ياخشى-ياماننى پەرق ئەتسۇن دەپ بىزگە ئەقىل ئاتا قىلدى، يەر ئۈستىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا سۇندى، بىزنى ھۆرمەتلىك قىلدى، بىزنى بۇ دۇنيادا پۈتكۈل مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن قىلدى، بىزگە تاللاش ھوقۇقى بەردى.
ئاللاھ تەئالا بىزنى باشقا مەخلۇقاتلارغا ئوخشاش دۇنيادا ياشاپلا تۈگەپ كېتىدىغان بىر مەخلۇق قىلماي، ئۆلگىنىمىزدىن كېيىنمۇ بىزگە ئەبەدىي بىر ھايات تەييارلىدى. بۇ ئەبەدىي ھاياتىمىزنىڭ جەننەتتە باشلىنىشىنى ۋە جەننەتتە داۋاملىشىشىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز ئۈچۈن بىزگە كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلدى: بىزگە توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتى، كىتابلار نازىل قىلدى.
بىز ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ساناپ بولالمايمىز. بىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھەر نېئمىتى مۇھىمدۇر ۋە چوڭدۇر. چۈنكى بىز ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى بولمىسا ياشىيالمايمىز.
سىز ئويلاپ بېقىڭ: قانداق بىر كىشى: «مەن ئۈچۈن كۆزۈم ھەممىدىن مۇھىم، قولۇم ياكى باشقا بىر ئەزايىم ئۇنچە مۇھىم ئەمەس» دېيەلەيدۇ؟ يەنە قانداق بىر كىشى: «مېنىڭ بەزى يەرلىرىم ساق تۇرسا، باشقا يەرلىرىم ئاغرىپ قالسىمۇ بولىدۇ» دېيەلەيدۇ؟ كىم ماڭا سۇ بولسا، باشقا غىزالارغا ئېھتىياجىم يوق دېيەلەيدۇ؟
2- «قانداق قىلغاندا مۇسۇلمان بولغىلى بولىدۇ؟»
جاۋاب:
مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلىش كېرەك ئەمەس، مەلۇم بىر مۇئەسسەسەگە ئەزا بولۇشقىمۇ ھاجەت يوق. مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن تاشقى ئالەمگە قاراپ تەپەككۇر يولۇچىلىقىغا ئاتلىنىش لازىم. سەپەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىشلىتىشكە تېگىشلىك بىردىنبىر قوللانما قۇرئان كەرىمدۇر. بۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
ئىنسان بۇ يولۇچىلىقى جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ ئالەمنىڭ بىر ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ بۇ تەپەككۇر يولۇچىلىقىدا بايقىغان ھەر بىر يېڭىلىق ئالدىدا ئۇ ياراتقۇچىنىڭ رىزىق بەرگۈچى، كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغۇچى ۋە ئۆلتۈرۈپ-تىرىلدۇرگۈچى ئىكەنلىكىنى، قىسقىسى بۇ كائىناتنى ئۇنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئاخىرەتتە بارلىق ئىنسانلارنى بىر يەرگە يىغىپ قىلمىشىلىرىنىڭ ھېسابىنى سورايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ بۇچۈشەنچىسى بارغانسېرى كۈچىيىپ ئىشەنچ باسقۇچىغا يۈكسىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان بۇ ئىشەنچىنى تىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ ۋە دىلى بىلەن تەستىقلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقى بولىدۇ. بۇ ئىمان «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ (ۇ) ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ (ۇ)» دېگەن سۆزنى مەنالىرىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ۋە چىن قەلبتىن ئىشىنىپ تۇرۇپ سۆزلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: «مەن كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، يەنە كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەنىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ. ئاندىن بۇ ئىنسان پۇتكۈل سۆز-ھەرىكەتلىرىنى بۇ ئىمانىغا توغرىلايدۇ.
مانا مۇشۇنداق قىلغاندا مۇسۇلمان بولغىلى بولىدۇ. مۇسۇلمان بولۇش مانا مۇشۇنداق ئاسان، لېكىن مۇسۇلمان قېلىش تەس. چۈنكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن بىزدىن سادىر بولغان ھەر سۆز ۋە ھەر ھەرىكەتنىڭ ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك بولىدۇ.
3– «كۇپۇرلۇق قەيەردىن باشلىنىدۇ؟»
جاۋاب:
كۇپۇرلۇق بېرىلگەن نېئمەت ئالدىدا نان كورلۇق قىلىش دېگەن بولىدۇ. بىز ئىنسانلارنىڭ نېمىمىز بولسا، ھەممىسى ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەردۇر. بۇنىڭغا ئشەنگەنلەر، شۇنداقلا بۇ ئىشەنچىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، نېئمەت بەرگۈچىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنغۇچىلار نېئمەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن بولىدۇ، نان كورلۇق قىلمىغان بولىدۇ.
دېمەك، كۇپۇرلۇق ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئاللاھ چۈشۈرگەن بىرەر ئەمر-پەرمانغا بويسۇنماسلىقتىن باشلىنىدۇ.
4- «پاسىق، مۇناپىق، مۇشرىك، كۇپۇرلۇقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى، قانداق پەرقى بار؟»
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدە پاسىقلىق، توغرا يولدىن ئايرىلغانلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر ئۇقۇمدۇر، مۇناپىقلىق ئىككى يۈزلىمىچىلىك دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. يەنى مۇناپىق دېگەن سۆز، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا كىرگەندە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئىش قىلىپ مۇسۇلمان كۆرۈنىدىغان، غەيرىيمۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا كىرگەندە ئۇلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەردەك كۆرۈنىدىغان كىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مۇشرىكنىڭ مەنىسى بولسا ئاللاھقا باشقا بىرىنى تەڭ قىلغۇچى، ئاللاھ بىلەن باشقا بىرىنى تەڭ كۆرگۈچى، ئاللاھقا قىلىنىدىغان دۇئا ۋە ئىبادەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ.
مەزكۇر سۈپەتلەرنىڭ ھەر بىرى كۇپۇرلۇقنىڭ بىرەر شېخىدۇر. يەنى كۇپۇرلۇق پاسىقلىق، مۇناپىقلىق ۋە مۇشرىكلىق قاتارلىقلارنىڭ بېشىدۇر. ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە نان كورلۇق قىلغان كىشى يا پاسىق بولىدۇ ياكى مۇناپىق بولىدۇ ۋە ياكى مۇشرىك بولىدۇ.
پاسىقلىق، مۇناپىقلىق، مۇشرىكلىق، كۇپۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ سۈپەتلەر توغرا يولدىن يىراقلاشقان كىشىگە، ئۇنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىگە قارىتا بېرىلگەن سۈپەتلەردۇر.
بۇ خىل سۈپەتلەردىن يىراق تۇرىدىغان ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا تولۇق بويسۇنغان كىشىلەر مۇسۇلمان ھېساپلىنىدۇ ۋە ئاللاھ تەئالاغا تولۇق ئىشەنگەن بولىدۇ.
5- «ئىمان كەلتۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟»
جاۋاب:
ئىمان كەلتۈرۈشتىكى مەقسىتىمىز، ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان چەكسىز نازۇنېمەتلەرگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۇرۈش، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئۇ دۇنيادا ئەبەدىي ھاياتىمىزنىڭ جەننەتتە باشلىنىپ جەننەتتە داۋاملىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
6- «بىزنىڭ ئىشىنىدىغىنىمىز نېمە؟»
جاۋاب:
بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە، قىيامەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ۋە تەقدىرگە ئىشىنىمىز. بۇ ئىشەنچىمىزگە ئىمان دېيىلىدۇ.
7- «مەقسىتىمىز نېمە؟»
جاۋاب:
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى 5 – سوئالنىڭ جاۋابى بىلەن ئوخشاشتۇر.
8- «ۋەزىپىمىز نېمە؟»
جاۋاب:
ۋەزىپىمىز يۇقىرىدىكى ئىمانىمىزنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن نېرى تۇرۇش، ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە قىسسىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشتۇر؛ شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتۇر.
9- «ئۇلارنى قانداق ئورۇنلايمىز؟»
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمنى قولىمىزغا ئالىمىز، باشتىن باشلاپ دىققەت بىلەن ئوقۇيمىز؛ قۇرئان كەرىم نېمىگە بۇيرۇغان بولسا قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇنى قىلىشقا تىرىشىمىز، قۇرئان كەرىم نېمىدىن توسقان بولسا قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىمىز، قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان قىسسىلەردىن ئىبرەت ۋە ساۋاق ئالىمىز، قۇرئان كەرىمدىكى ۋەز-نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالىمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىنىمىز ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىمىز، شۇنداقلا ھاياتىمىزغا تەتبىقلايمىز.
چۈنكى بىزنىڭ غايىمىز بىر ئاللاھقىلا قۇللۇق قىلىشتۇر. قۇللۇق قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئاللاھ تەئالا ئۆزى قۇرئان كەرىمدە تەپسىلىي بايان قىلغان. ئاللاھ تەئالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭغا قانداق ئەمەل قىلىشىمىزنى كۆرسەتكەن، شۇنداقلا قىيامەتكىچە پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولغان.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر