مۇسۇلمانلار

قايسى ساۋابلىقراق؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

قۇرئان كەرىمنىڭ قايسى خىل تىلدىكىنى ئوقۇساق بېرىلىدىغان ساۋاب كۆپ بولىدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
 جاۋاب:
قۇرئان كەرىم، ئاللاھ تەئالا ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى بولسۇن دەپ نازىل قىلغان بىر كىتابتۇر. ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمگە قارىتا بىزدىن تەلىپى: قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ چۈشىنىپ ھاياتىمىزغا تەتبىقلىشىمىزدۇر. ساۋابمۇ مۇشۇنداق ئوقۇغاندا بولىدۇ.
بىر كىشى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىپ ئوقۇپ ئەمەل قىلمىغان بولسا، ئۇنداق كىشى دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ رېتسېپنى ساقىيىش نىيىتى بىلەن ئوقۇغان كېسەل ئادەمگە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى بىر كېسەل ئادەم دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپنى ھەر كۈن قايتا – قايتا ئوقۇسىمۇ ھەتتا ئۇنى يادلىۋاتسىمۇ كېسىلى ساقايمايدۇ.
 بىز مۇسۇلمانلارمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان ئەنە شۇ كېسەل ئادەمدەك، قۇرئان كەرىمنى ساۋاب تېپىش ئۈچۈنلا ئوقۇپ كەلگەن. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تەئالانىڭ قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان رەھمىتىدىن مەھرۇم قالغان.
بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇلاردىن پەرقلىق ئەمەس، ھەتتا بىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇساق كۆپ ساۋاب بارمۇ، ئەسلى ئەرەبچىسىنى ئوقۇساقمۇ؟ دەپ بۇ توغرىدا «كاللا قاتۇرىدىغان» سەۋىيىگە يېتىپتىمىز!
مەقسىتىمىز، قايسىسىدا كۆپ ساۋاب بولسا شۇنى ئوقۇماقچى. نېمە قىلىمىز،  ئاز ساۋاب بولىدىغان تەرىپىنى ئوقۇپ كاشىلا بولۇپ؟
دېمەككى، ئۆزىمىز ئوقۇغان ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنالارمۇ كاللىمىزغا كىرمەيدۇ. چۈنكى بىزنىڭ كاللىمىز قۇرئان ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھدىن ئۈندۈرۈۋالىدىغان ساۋابنىڭ مىقدارىنى چۈشىنىش بىلەن مەشغۇل. كاللىمىز مانا مۇشۇ چۈشەنچە بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا باشقا بىر چۈشەنچىگە يەر قالمىغان.  
 قېرىندىشىم! نامازدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەسلىسىنى تەجۋىدلىك قىلىپ ئوقۇش كېرەك. نامازنىڭ سىرتىدا چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش نىيىتى بىلەن (ئەرەبچە بىلمەيدىغانلار تەرجىمىسىنى، تەپسىرىنى) قايتا – قايتا ئوقۇش كېرەك. «تەدەببۇر» نىڭ مەنىسى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت.  ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنى «تەدەببۇر» ئۈچۈن نازىل قىلغان (ساد سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتگە).
ساۋابنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ئەمەل قىلىش بىلەن بەلگىلىنىدۇ، خالاس. ئادەتتە ھۈنەر ئۆگەنگەنلىككە ئەمەس، ھۈنەر قىلغانلىققا ئىش ھەققى بېرىلىدۇ، شۇنداققۇ!
 لېكىن ئاللاھ ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ زات بولغانلىقى ئۈچۈن ھۈنەر قىلىش نىيىتى بىلەن ھۈنەر ئۆگەنگۈچىگىمۇ ئىش ھەققى بېرىدۇ. يەنى ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنى ئەمەل قىلىش غايىسى بىلەن ئوقۇغانلارنىڭ ئەمەل قىلغانلىقلىرىغا ساۋاب بەرگەندەك، قۇرئاننى ئوقۇغانلىقلىرىغىمۇ ساۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭ ئاز – كۆپلۈكىنى ئاللاھ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ نىيىتىگە قارىتا بەلگىلەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر