مۇسۇلمانلار

سىز قۇرئانچىمۇ؟

 سىزدىن سورايدىغان سوئاللىرىم بار:

1- سوئال:
ئەقىل بىلەن شەرىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئەقىل ئىتراپ قىلغاننى شەرىئەت ئىتراپ قىلىشى كېرەكمۇ ياكى شەرىئەتنى ئەقىل چوقۇم ئىتراپ قىلىشى كېرەكمۇ؟
1- جاۋاب:
ئىنساندا بىر ئەقىل، بىر نەپىس ۋە بىر قەلب بار. ئەقىل توغرا- خاتانى ئايرىيدۇ، نەپىس پايدا – زىيان بىلەن ھېسابلاشماي داۋاملىق راھەتنىلا خالايدۇ، قەلب ھۆكۈم چىقىرىدۇ. پۈتۈن ۋۇجۇد بۇ ھۆكۈم بويىچە ئىش قىلىدۇ. قەلب ئەقىلگە بويسۇنۇپ ھۆكۈم چىقارسا توغرا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. نەپىسگە بويسۇنۇپ ھۆكۈم چىقارسا خاتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «دىققەت! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. بۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قەلبتىن ئىبارەت» — (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن سۆزى مانا مۇشۇ مەناغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى قەلب نەپىسنىڭ كەينىگە كىرىپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويسا، پۈتۈن بەدەن ئۇ ھۆكۈمنى ئەينەن ئىجرا قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇزۇلىدۇ. ئەگەر قەلب ئەقىلنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھۆكۈم چىقارسا، پۈتۈن بەدەن ئۇ توغرا ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىپ تۈزىلىدۇ.
 شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرى مۇتلەق توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىل قەلبكە بۇلارنىڭ توغرىلىقىنى يەتكۈزىدۇ. قەلب مەنپەئەتپەرەس بولغانلىقى ئۈچۈن تولا چاغدا ئەقىلگە ئەمەس، نەپىسكە بويسۇنۇپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنساندىن يامان ئىشلار سادىر بولىدۇ.
يەنى ئەقىل شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى توغرا دېيىشكە مەجبۇر، چۈنكى ئۇنىڭ يارىتىلىش تەبىئىتى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەگەر ئەقىل شەرىئەتنىڭ بىرەر ھۆكمىنى توغرا تاپمىسا، ئۇ ئەقىلدە بىر بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ.
تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا ئەقىل بىلەن شەرىئەت ئىنساننى توغرىغا باشلايدۇ، نەپىس بىلەن شەيتان ئىنساننى خاتاغا باشلايدۇ. قەلب ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بەدەن بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدۇ.
2- سوئال:
جىلباب سۆزىنى ئاياللار كىيىدىغان ئۇزۇن كۆينەك دەپسىز، لېكىن نېمىشقا ئاياللارغا ئەھزاب سۈرىسى بويىچە ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشنى ئەمەس، بەلكى نۇر سۈرىسىنىلا ئاساس قىلىپ ئەۋرەتنى يۆگەشنىلا تەرغىب قىلىسىز.
2- جاۋاب:
«جىلباب» نىڭ مەنىسىنىڭ «ئۇزۇن كۆڭلەك» ئىكەنلىكىنى مەن ئەمەس، پۈتكۈل لۇغەت ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاياللار نورمالدا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ، بۇنى قايتا تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلە بېشىغا ياغلىق ئارتىش مەسىلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن ياغلىق ئارتىش ئۈستىدە توختالدىم.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى ئالىم قىياپەتلىك جاھىللار «جىلباب»  دەپ بىر كىيىم مودىسى چىقىرىپ كەڭ مۇسۇلمانلارنى ئالداۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنى ياشاۋاتقان رايونىدا «دىققەت قىلىنىدىغان» ھالەتكە كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، مەن بۇ توردا ئەھزاب سۈرىسىنىڭ مەزكۇر ئايىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۇ جاھىللارغا بىرقانچە قېتىم رەددىيە يازدىم. سىز ئۇلارنى ئوقۇمىغان ئوخشايسىز.
3- سوئال:
سىزنى باشقىلاردىن قۇرئانچى دەپ ئاڭلىدىم، لېكىن پەتىۋالىرىڭىزدىن قۇرئانچىلىق ئىدىيىسىنى بايقىيالمىدىم. سىز راس قۇرئانچىمۇ؟
 3- جاۋاب:
ھەئە، مەن قۇرئانچى!
يەھۇدىيلار تەۋراتچى، خرىستىئانلار ئىنجىلچى، دىنسىزلەر ھېچنېمىچى، مۇسۇلمانلار قۇرئانچى. مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن قۇرئانچىدۇرمەن. قۇرئانچىلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.
مېنى تىللاش مەقسىتى بىلەن قۇرئانچى دېگەنلەر، مەن مۇسۇلمان ئەمەس، مەن يەھۇدىي، ياكى مەن خرىستىئان ۋە ياكى مەن دىنسىز دېگەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان بولىدۇ.
سىز مېنى «قۇرئانچى» دەپ ئۆزىچە ماڭا ھاقارەت قىلغانلىقىنى چۈشىنىۋاتقان «مەخلۇقاتلار» دىن سوراپ بېقىڭ: ئۇلار «نېمىچى» ئىكەن؟

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر