باش بەت > ئەھكام > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سوئال:

ئەنئام سۈرىسىنىڭ 121- ئايىتى، گۆش ئۈچۈن مال بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ شەرتلىكىگە دالالەت قىلامدۇ؟ تەپسىلىيرەك چۈشەندۇرۈپ قويسىڭىز. ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن!
جاۋاب:
ياق، دالالەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئايەت بىر پۈتۈن ھالدا، ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېگىلى بولمايدىغانلىققا دالالەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئايەتتىن ئۇنداق بىر ھۆكۈم چىقىدىغان بولسا، مال بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق ھېچ ئىختىلاپ قىلىنمىغان بولاتتى. ھالبۇكى مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ توغرىدا ئوخشاشمىغان كۆزقاراشلىرى بار.
مەزكۇر ئايەت مۇنداق:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «وَلاَ تَأْكُلُواْ مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللّهِ عَلَيْهِ وَإِنَّهُ لَفِسْقٌ وَإِنَّ الشَّيَاطِينَ لَيُوحُونَ إِلَى أَوْلِيَآئِهِمْ لِيُجَادِلُوكُمْ وَإِنْ أَطَعْتُمُوهُمْ إِنَّكُمْ لَمُشْرِكُونَ»- (سورة الأنعام 6/ 121).
 ئايەتنىڭ كەلىمە تەرجىمىسى:
«ئۈستىگە ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنمىغان نەرسىدىن يېمەڭلار، ئۇ نەرسە فىسىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا. شەيتانلار ئۆزلىرىنىڭ دوستلىرىغا ۋەھىي قىلىدۇ، ئۇ دوستلىرىنىڭ سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشىشلىرى ئۈچۈن. ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىكلارسىلەر».
ئايەتنىڭ مەنا تەرجىمىسى:
«بىسمىللاھ دېيىلمەي بوغۇزلانغان ھايۋاندىن، ئۇ ھايۋان فىسىق بولغان ئەھۋالدا يېمەڭلار. شەيتانلار ئۆز دوستلىرىغا سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشىشلىرى ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، چوقۇم مۇشرىك بولۇپ كېتىسىلەر».
ئاللاھ تەئالا بۇئايەتتىكى فىسق «فسق» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى، يەنە شۇ سۈرىنىڭ 145- ئايىتىدە تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەۋ فىسقەن ئۇھىللە لغەيرىللاھى بىھى «أَوْ فِسْقاً أُهِلَّ لِغَيْرِ اللّهِ بِهِ» «ياكى ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ ھايۋان». بۇنىڭغا ئاساسەن ئەنئام سۈرىسىنىڭ 121 ئايىتىنىڭ باش تەرىپىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:
«بىسمىللاھ دېيىلمەي بوغۇزلانغان ھايۋاندىن، ئۇ ھايۋان ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ ھايۋان بولغان ئەھۋالدا يېمەڭلار».
بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق دېگەن بولىدۇ: بىسمىللاھ دېيىلمەي بوغۇزلانغان ھايۋان، (ئەگەر گۆش ئۈچۈن بوغۇزلانغان بولسا) ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانمىغانلا بولسا، ئۇنى يېگىلى بولىدۇ.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە (يەنى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145- ئايىتىدە) ئەۋ فىسقەن «أَوْ فِسْقاً» دەپلا توختىماي ئۇ ھىللە لىغەيرىللاھىبىھى «أُهِلَّ لِغَيْرِ اللّهِ بِهِ» دەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق «فسق» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. يەنىئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە، فىسىق «فسق» نىڭ ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇنداقلا 121- ئايەتتىكى «فسق» نى ئۆزى تەپسىر قىلىپ بېرىدۇ.
ئەنئام سۈرىسىنىڭ 121- ئايىتى ئۈستىدە قايتا توخىتىلايلى: ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتتە ۋە لاتەئكۇلۇ مىمما لەم يۇزكەرىسمۇللاھى ئەلەيھى «وَلاَ تَأْكُلُواْ مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللّهِ عَلَيْهِ (ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان نەرسىدىن يېمەڭلار)» دەپلا توختىمايۋە ئىننەھۇ لەفىسقۇن «وَإِنَّهُ لَفِسْقٌ (ئۇ نەرسە فسق بولغان ھالەتتە)» دەيدۇ.
ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىلىرىگە ئاساسەن، ۋە ئىننەھۇ لەفىسقۇن «وَإِنَّهُ لَفِسْقٌ» جۈملىسى ھالەت جۈملىسىدۇر. يەنى ھالەت ئوبيېكتىنىڭ، ھالەت ئامىلى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈم يۈكلەنگەن چاغدىكى ھالىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان جۈملىدۇر.
بۇ ئايەتتە ھالەت ئامىلى «وَلاَ تَأْكُلُواْ (يېمەڭلار)» دۇر، ھالەت ئوبيېكتى «مِمَّا (نەرسىدىن)» دىكى «مَّا (نەرسە)» دۇر. بۇ ھالەت جۈملىسى «يېمەڭلار» دېگەن ھۆكۈم «نەرسە» گە يۈكلەنگەن چاغدا، ئۇ «نەرسە» نىڭ شۇ ھالەت جۈملىسى ئىپادىلىگەن ھالەتتە بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.   
ۋە ئىننەھۇ لەفىسقۇن «وَإِنَّهُ لَفِسْقٌ» دېگەن جۈملىنى «ئۇنى يىيىش گۇناھتۇر» دەپ تەرجىمە قىلىش جۈملىنىڭ بېشىدىكى ۋە «وَ» نى دىققەتكە ئالمىغانلىق بىلەن بىرگە، ۋە ئىننەھۇ «وَإِنَّهُ» دىكى ھۇ «هُ» ئالىمىشىنى ھېچبىر سەۋەبسىز يىراققا قايتۇرغانلىق بولىدۇ. ھالبۇكى ئەلەيھى «عَلَيْهِ» دىكى ھى «هِ»، «وَإِنَّهُ» دىكى ھۇ «هُ» ئالماشلىرى ئوخشاشلا «مِمَّا (نەرسىدىن)» دىكى «مَّا (نەرسە)» گە قايتىدۇ.
شۇنىڭدەك بۇ خىل تەرجىمە يەنە، بۇ سۈرىنىڭ يەنى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 138- ئايىتىدىكى ئىفتىرائەن ئەلەيھى «افْتِرَاء عَلَيْهِ» نى، 145- ئايەتتىكى ئەۋ فىسقەن ئۇھىللە لغەيرىللەھى بىھى «أَوْفِسْقاً أُهِلَّ لِغَيْرِ اللّهِ بِهِ» نى، قۇل «قُل» دىن كېيىن كەلگەن لا «لاَّ» نى ۋە ئەن يەكۇنە «أَن يَكُونَ» دىن بۇرۇن كەلگەن ئىللا «إِلاَّ» نى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173- ئايىتى بىلەن نەھل سۈرىسىنىڭ 115- ئايىتىدە ئۆتكەن ئىننەما «إِنَّمَا» لارنى دىققەتكە ئالمىغانلىق بولىدۇ.
ئەنئام سۈرىسىنىڭ 121- ئايىتى، يۇقىرىدىكى بارلىق ئىنچىلىكلەرگە دىققەت قىلىنغان ھالدا تەرجىمە قىلىنسا، «ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان نەرسىدىن، ئۇ نەرسە ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان بولسا، يېمەڭلار» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ھايۋان بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ پەرز ئەمەس سۈننەت ئىكەنلىكى، بىسمىللاھدېيىلمەستىن بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىمۇ يېگىلى بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
بىر بۆلۈك ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «يا رەسۇلەللاھ! بەزىلەر بىزگە گۆش ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ گۆشلەرنىڭ ھايۋانلىرى بوغۇزلانغاندا بىسمىللاھ دەپ دېمىگەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئۇنىڭدىن يەيلىمۇ، يېمەيلىمۇ؟» دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىسمىللاھ دەپ يەڭلار!» دەپ جاۋاب بەرگەن (مۇۋاتتا، زەبائىھ 1؛ بۇخارى، تەۋھىد 13، زەبائىھ 21؛ ئىبنى ماجە، زەبائىھ 4؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەداھى 13 19؛ نەسەئى، داھايا 2).
 ئەلمۇھەللەب ئىبنى ئەبى سۇفرە (ۋاپاتى: 435) بۇ ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ھايۋان بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ پەرز ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى بۇ ھەدىستۇر. چۈنكى ساھابىلەرنىڭ ئۇ گۆشلەرنى يەيدىغان چاغدا دېگەن بىسمىللاھ سى ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا دېيىلمىگەن بىسمىللاھ نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇ، ئۇنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى سۈننەت پەرزنىڭ ئورنىنى ئالمايدۇ.
ئەلخەتتابى «ۋاپاتى: 388)بولسا: «بۇ ھەدىس، ھايۋان بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەگەر شەرت بولسا ئىدى، بوغۇزلانغاندا بىسمىللاھدېيىلىپ دېيىلمىگەنلى شۈبھىلىك بولغان ئۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن مۇباھ دېيىلمىگەن بولاتتى» (مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەششەۋكانى، نەيلۇلئەۋتار شەرھۇ مۇنتەقەلئەخبار، دارۇ ئىھيائىت تۇراسىل ئەرەبى، 8 جىلد، 158 بەت، بېرۇت).
خۇلاسە
1- قۇربانلىق ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغان مالنى بوغۇزلىغاندا «بىسمىللاھ» دېيىش پەرزدۇر. ھەج سۈرىسىنىڭ 28-، – 34 ۋە 36- ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
2- ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ تۇرۇپ بوغۇزلانغان مالنىڭ گۆشى ھارامدۇر. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173- ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتى، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145- ئايىتى ۋە نەھل سۈرىسىنىڭ 115- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
3- گۆش ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغان مالنى بوغۇزلىغاندا «بىسمىللاھ» دېيىش سۈننەتتۇر، دېيىلسە ئەۋزەل ئىش قىلىنغان بولىدۇ. ئەگەر گۆش ئۈچۈن بوغۇزلانغان مالنى بوغۇزلىغاندا «بىسمىللاھ» دېيىلمىگەن بولسا، گۆشنى يېگەندە «بىسمىللاھ» دەپ يېيىشكە بولىدۇ.
مەزھەبلەرنىڭ بو توغرىدكى كۆزقاراشلىرى:
ھايۋان بوغۇزلاشتا بىسمىللاھ دېيىش توغرىسىدا ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىداھەر خىل كۆزقاراشلار بار. «ئەھكامۇلقۇرئان» نىڭ مۇئەللىپى ئىبنۇلئەرەبى (ۋاپاتى: 543) ئۇ كۆزقاراشلارنى تۆۋەندىكى 6 باشلىقتا جەملەيدۇ:
1- ھايۋان بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، تەرك ئېتىلگەن بولسا، ئۇ ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ؛ قەستەن تەرك ئېتىلگەن بولسا، يېگىلى بولمايدۇ. تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى جۇبەير (ۋاپاتى: 95) ۋە ئەتا ئىبنى رەباھ (ۋاپاتى: 115)، فۇقەھادىن ئەبۇ ھەنىپە (ۋاپاتى: 150)، سۇفيان ئەسسەۋرى (ۋاپاتى: 161)، ھەسەن ئىبنى ھەي (ۋاپاتى: 169)، ئىمام مالىك (ۋاپاتى: 179)، ئىبنۇلقاسىم (ۋاپاتى: 191)، ئەسبەغ (ۋاپاتى: 225)، بۇ كۆزقاراشتىدۇر. بۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئىسھاق ئىبنى راھىۋەيھ (ۋاپاتى: 238) نىڭ كۆزقارىشىدۇر. ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ (ۋاپاتى: 241) بىر كۆزقارىشىدۇر.
2- قەستەن تەرك ئېتىلسۇن، سەھۋەن تەرك ئېتىلسۇن يېگىلى بولىدۇ. ھەسەن بەسرى (ۋاپاتى: 110) ۋە ئىمام شافىئىي (ۋاپاتى: 204) بۇ كۆزقاراشتىدۇر. ئەبۇ رافىئ (ۋاپاتى: 40)، ئەبۇ ھۇرەيرە (ۋاپاتى: 58)، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس (ۋاپاتى: 68)، جابىر ئىبنى زەيد (ۋاپاتى: 93)، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب (ۋاپاتى: 94)، ئىبراھىم ئەننەخەئى (ۋاپاتى: 96)، ئىكرەمە (ۋاپاتى: 105)، تاۋۇس (ۋاپاتى: 107)، ئەبۇ ئىياز، قەتادە (ۋاپاتى: 118)، ئابدۇ راھمان ئىبنى ئەبى لەيلا (ۋاپاتى: 148) قاتارلىقلارنىڭمۇ بۇ كۆزقاراشتا ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. زەھراۋى (ۋاپاتى: 454) ئىمام مالىكنىڭمۇ بۇ كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ. رەبىئەتۇررەي (ۋاپاتى: 136) دىنمۇ مۇشۇنداق كۆزقاراش نەقىل قىلىنىدۇ.
3- قەستەن تەرك ئېتىلسۇن، سەھۋەن تەرك ئىتىلسۇن بىسمىللاھ دېيىلمىگەنلا بولسا يېگىلى بولمايدۇ. ساھابىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەيياش (ۋاپاتى: 64)، ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد (ۋاپاتى: 69)، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (ۋاپاتى: 73)؛ تابىئىنلاردىن شەئبى (ۋاپاتى: 103)، مۇھەممەد ئىبنى سىرىن (ۋاپاتى: 110)، ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى نافىئ (ۋاپاتى: 117) قاتارلىقلار بۇ كۆزقاراشتىدۇر. ئەينى زاماندا ئەبۇ سەۋر (ۋاپاتى: 240)، داۋۇد ئىنبى ئەلى (ۋاپاتى: 279) مۇشۇ كۆزقاراشتىدۇر. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ بىر كۆزقارىشى مۇشۇنداقتۇر.
4- قەستەن تەرك ئېتىلسە، ھارام ۋە مەكرۇھتۇر. قازى ئەبۇلھەسەن (ۋاپاتى: 340) ۋە مالىكىيلاردىن ئەبۇ بەكىر بۇ كۆزقاراشتىدۇر. ئىمام شافىئىنىڭ سۆزىدىن، بۇ كۆزقاراشتا ئىكەنلىكى چىقىدۇ.
5- ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئوۋغا قويۇپ بەرگەندە بىسمىللاھ دېيىش شەرتتۇر، لېكىن ئوق ئاتقاندا شەرت ئەمەستۇر. بۇ، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن رىۋايەت قىلىنغان ئىككى كۆزقاراشنىڭ بىرىدۇر. قۇرتۇبى ئەشھەب (ۋاپاتى: 204) نىڭ تۆۋەندىكى كۆزقارىشىنى، 5 كۆزقاراش سۈپىتىدە زىكىر قىلىدۇ: قەستەن بولسۇن، سەھۋەن بولسۇن بىسمىللاھ سىز بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېگىلى بولىدۇ. لېكىن بىسمىللاھنى مەنسىتمەي (كۆزگە ئىلمەي) تەرك ئەتكەن بولسا يېگىلى بولمايدۇ.
6- بىسمىللاھ سىز بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىش ھارامدۇر. ئايەت ۋە ھەدىسلەر بۇنى ئوچۇق بىر شەكىلدە كۆرسىتىدۇ. لېكىن بىسمىللاھ نى ئۇنتۇپ قېلىپ بوغۇزلىغۇچىنىڭ بوغۇزلىغان ھايۋىنى ھارام ئەمەستۇر. چۈنكى ئايەتتىكى فىسىق «فسق» ئىپادىسىنىڭ ئۇنتۇپ قالغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىجما بار. بۇ، ئىبنۇلئەرەبىنىڭ ئۆز كۆزقارىشىدۇر. (ئىبنۇئەرەبى، ئەھكامۇلقۇرئان 11جىلد، 749 750 بەتلەر، قۇرتۇبى ئەلجامىئۇ لىئەھكامىلقۇرئان 7 جىلد، 50بەت).
 ئىبنۇلئەرەبى بىر كىشىنىڭ قەستەن بىسمىللاھ دېمەسلىكىنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەبنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
1- ھايۋان بوغۇزلىغان كىشى: «مەن بىسمىللاھ نى ئىچىمدە دەيمەن، تىل بىلەن سۆزلىشىمگە كېرەك يوق» دېيىشى مۇمكىن،
 2- ياكى «بۇ بىر ئىبادەت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىسمىللاھ دېيىشكە كېرەك يوق» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەرنىڭ بوغۇزلىغان ھايۋانلىرىنى يېگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا بىر گۇناھ يوقتۇر.
3- ئەگەر بىر كىشى: «نېمىشقا بىسمىللاھ دېگۈدەكمەن، بۇنىڭ نېمە كېرىكى بار!» دېسە، مانا بۇ كىشى فاسىقتۇر، كافىردۇر. بۇنىڭ بوغۇزلىغىنىنى يېگىلى بولمايدۇ(ئىبنۇلئەرەبى، ئەھكامۇلقۇرئان 11 جىلد 751 بەت).
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر. 

 


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ