مۇسۇلمانلار

ئەۋلىيا كىمدۇر؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال: ئەۋلىيا كىمدۇر؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب: ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«دىققەت! ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى (دوستلىرى) ھەرگىزمۇ قورقمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەردۇر»- (يۇنۇس 10/62-63).
ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايىتىدە ئەۋلىيانىڭ ئىككى شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ بىرى مۇئمىن بولۇش، يەنە بىرى تەقۋادار بولۇش. دېمەك، ئەۋلىيا بولۇش ئۈچۈن مۇئمىن ۋە تەقۋادار بولۇش كېرەك. مۇئمىن ۋە تەقۋادار بولۇش ئۈچۈن بولسا، تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك:
«تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇيدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ياخشىلىققا سەرپ قىلىدۇ.
ئۇلار يەنە ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ. ئاخىرەتكە بولسا، ھەقىقىي ئىشىنىدۇ»- (بەقەرە 2/3-4).
«مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس؛ لېكىن ياخشىلىق كىشىنىڭ ئاللاھغا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشى؛ مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا، يولدا قالغانلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بېرىشى؛ نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇشى؛ زاكاتنى بېرىشى؛ قىلشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشى؛ قىيىنچىلىقتا، كېسەللىكتە ۋە قاتتىق ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلشى قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر»- (بەقەرە 2/177).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر