باش بەت > ئەھكام > پەتىۋالار > روزا > روزا ۋە ھېيت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

مەن مۇنداق بىر سوئالنى سورىماقچى ئىدىم: پەرز روزىسىنى تۇتالمىغان ۋاقىتتا ئۇنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟ بۇ ھەقتە ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمەن. ھۆرمەت بىلەن: ئادىلە
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئاللاھ تەئالا رامزان روزىسى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:
«ﺋﻰ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻭﺯﺍ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ»[1].
بۇ ئايەتكە ئاساسەن رامزان ئېيىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزۈش بارلىق مۇئمىنلارغا پەرزدۇر. لېكىن ئاللاھ تەئالا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدا: «…ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ…»[2] دەپ ئىككى تۈرلۈك مۇئمىنغا رامزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماي كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش رۇخسىتى بەرگەن.  دېمەك، يولۇچى ۋە كېسەل كىشىدىن باشقا ھېچبىر مۇئمىننىڭ رامزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماسلىق رۇخسىتى يوق.
رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، رامزان كۈنلىرى «تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە ئەر – خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇش» دېمەكتۇر. بۇ، پەرزدۇر. بۇ پەرزنى ئادا قىلىۋاتقان يەنى روزا تۇتۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننىڭ تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا  بىر نەرسە يېيىشى، بىر نەرسە ئىچىشى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى ھارامدۇر، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر، چوڭ گۇناھتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامزاندىن بىر كۈننىڭ روزىسىنى ئۆزرىسىز ۋە كېسەللىكسىز سۇندۇۋەتسە، ئۇ بىر كۈننىڭ ئورنىغا ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئادا بولمايدۇ»[3].
بۇ ھەدىسقا ئاساسەن رامزاندا بىر كۈنلۈك روزىسىنى قەستەن سۇندۇرۇۋاتقان بىر كىشى، پۈتۈن ھاياتى بويىچە قازا روزا تۇتسىمۇ ئۇ بىر كۈنلۈك روزىسى ئورنىغا كەلمەيدۇ.
 ئۇ كىشىنىڭ تەۋبە قىلىشى ۋە سەدىقە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۇبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئۇلار ئاللاھنىڭ، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغان، سەدىقىلەرنى ئالىدىغان زات ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، كۆپ رەھىم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟»[4].
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن بىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى ئەگەر ئۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلسا كۈچىنىڭ يېتىشىچە (پېقىر مىسكىنلەرگە) سەدىقە قىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر رامزاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئىدى، بىر كىشى يېنىغا كېلىپ: يا رەسۇلەللاھ! «كۆيدۈم، كۆيدۈم» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «ئايالىم بىلەن بىر يەردە بولدۇم» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «سەدىقە بەرگىن» دېدى. ئۇ ئادەم: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ ھېچ نەرسەم يوق، سەدىقە بېرىشكە قادىر بولالمايمەن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئولتۇر، ئولتۇر» دېدى، ئادەم ئولتۇردى. بۇ ئەسنادا بىر كىشى ئۈستىگە يېمەكلىك يۈكلەنگەن بىر ئېشەك ھەيدەپ كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بايا كۆيگەن ئادەم نەدە؟» دېدى. ئادەم ئورنىدىن تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنى ئالغىن ۋە سەدىقە قىلىپ تارقاتقىن» دېدى. ئادەم: «يا رەسۇلەللاھ! بىزدىن باشقىسىغا سەدىقە قىلامدىم؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئاچ قالغۇچىلارمىز، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىز يوق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا، ئۇنى سىلەر يەڭلار» دېدى[5].
بۇ ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئولتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا يېنىغا كېلىپ: «يارەسۇلەللاھ! كۆيدۈم، كۆيدۈم» دېيىشى، ئۇنىڭ تەۋبە قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ: «سەدىقە بەرگىن» دېيىشى بىر گۇناھتىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ كۈچى يەتسە سەدىقە قىلىشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ ئادەمگە: «ئۇنداق بولسا، ئۇنى سىلەر يەڭلار» دېيىشى، كۈچى يەتمىگەنلەرنىڭ سەدىقە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ…»[6].
 ———————————————————

[1]بەقەرە 2/183.
[2]بەقەرە 2/185.
[3]بۇخارى، سەۋم 29.
[4]تەۋبە 9/103-104.
[5]بۇخارى ھۇدۇد 26، سەۋم 29؛ مۇسلىم، سىيام 87؛ ئەبۇداۋۇد، سەۋم 37.
[6]بەقەرە 2/286.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ