مۇسۇلمانلار

سىزمۇ ۋاھابىمۇ؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازىم! سۇئاللىرىم تۇغرا بولماي قالسا رەنجىمىگەيسىز، سىزنىڭ ئايەت-ھەدەسلەرنى دەلىل قىلىپ بېرىۋاتقان جاۋاپلىرىڭىزغا مەن ناھايىتى قايىل. مەن سىزنىڭ بەزى جاۋاپلىرىڭىزنى بەزى قېرىنداشلىرىمغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇلار بۇ ۋاھابىلارنىڭ تۇتقان يۇلى دەيدۇ. ۋاھابى دېگەن قانداق گەپ؟ سىزمۇ ۋاھابىمۇ؟ ئارتۇقچە سوئاللارنى سوراپ قويغان بولسام كەچۇرگەيسىز.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن زامان ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ يولىدىن يىراقلىشىپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ قۇرئان-ھەدىستىكى شەكلى ئاستا ـ ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدى: كىتابى بىر، پەيغەمبىرى بىر بولغان دىنىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە بىرقانچە مەزھەب ئوتتۇرىغا چىقتى ياكى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.
شۇنىڭ بىلەن «مۇسۇلمانلار» ئاللاھ تەئالانىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن مەھرۇم قالدى. يەنى مۇسۇلمانلار قۇرئان ـ ھەدىستىكى ئىسلامغا ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەكىللەنگەن «ئىسلام» غا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان دەپ ئاتالدى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى.
ئارىدىن ئۆتكەن ئون تۆت ئەسىرلىك «ئىسلام تارىخى» غا بىر نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا «مۇسۇلمانلار» نى قۇرئان ـ ھەدىستىكى ئىسلامغا دەۋەت قىلغانلارنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەكىللەنگەن «ئىسلام» نىڭ ئېتىقادچىلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلىقىنى، ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك تۆھمەت ۋە بوھتانلار چاپلانغانلىقىنى، ھەتتا بەزىسىنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىسىز.
جۈملىدىن ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىسلام دۇنياسىغا تارقىلىپ كەتكەن شېرىك ۋە بىدئەتلەرگە قارشى تۇرغان، شۇنداقلا ئىلمىي كۆرەش ئېلىپ بارغان ئالىملار «ۋەھھابىي» دېيىلىپ چەتكە قېقىلغان. چۈنكى ئۇ ئالىملارنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ بېشىدا مۇھەممەد ئەبنى ئابدۇلۋەھھاب دەپ بىر ئالىم بار ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تەۋھىد، شېرىك، سۈننەت، بىدئەت توغرۇلۇق تەبلىغ قىلغان ئالىملار (ئەنە شۇ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچى دېگەن مەنادا) «ۋەھھابىي» دەېيىلگەن.
كۈنىمىزدە بۇ ۋەھھابىي دېگەن سۆز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇ قەدەر كۆپ ئىستېمال قىلىندىكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان ئىكەن دەپ نامازنىڭ بەزى يەرلىرىدە قول كۆتۈرسە، «ۋەھھابىي» دېيىلگەن، مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ـ مەرىپەتكە، بىرلىك ـ ئىتتىپاقلىققا چاقىرغان زىيالىيلار «ۋەھھابىي» دېيىلگەن. ھەتتا كىيىم ـ كېچىكىنى يۇيۇپ دەزماللاپ پاكىز كىيگەنلەرمۇ، چاچلىرىنى ۋاقتى ـ ۋاقتىدا يۇيۇپ ـ تاراپ تۇرىدىغانلارمۇ… «ۋەھھابىي» دەپ ئاتالماقتا.
قېرىندىشىم! ئەمدى سىزنىڭ: «سىزمۇ ۋاھابىمۇ؟» دېگەن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىمەن:
جاۋاب: مەن مۇسۇلمان! ئاللاھ تەئالا ھەج سۈرىسىنىڭ 78 ـ ئايىتىدە مېنى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىدى. مەن بۇ شەرەپلىك ئىسمىمنىڭ كەينىگە ھېچبىر ئىسىم قوشمىدىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوشمايمەن. كىشىلەر نېمە دېسە دېسۇن، مەن ئۆز يولۇمغا مېڭىۋېرىمەن. يەنى ئىنسانلارغا قۇرئان ـ ھەدىستىكى ئىسلامنى قولۇمدىن كېلىشىچە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمەن.
ھازىرغىچە مېنى بۇ يولۇمدا يالغۇز قويمىغان ۋە سىزگە ئوخشاش مەندىن مەنىۋى ياردىمىنى ئايىمىغان دوستلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. ماڭا پەقەت مۇشۇ يولدا بولغانلىقىم ئۈچۈنلا جەمئىيەتتە ياكى تور دۇنياسىدا تەنە ھاقارەت قىلغان، تەھدىت سالغان، بۇ تورغا يەنى مۇسۇلمانلار تورىغا ئەدەپسىزلەرچە ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق مېنى مەسخىرە … قىلغانلار بىلەن قىيامەت كۈنى ھېسابلىشىمەن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر