مۇسۇلمانلار

ئېرىمگە زاكات بەرسەم بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئايال كىشى مال ـ دۇنياسىنڭ زاكىتىنى ئۆز ئىرىگە بېرىشنىڭ ھۆكمى نىمە؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
جائىز، يەنى زاكات ئايرىغۇدەك مال-دۇنياسى بولغان بىر ئايالنىڭ ئېرى پېقىر ياكى مىسكىن ۋە ياكى قەرزدار بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ ئايال مال-دۇنياسىنىڭ زاكىتىنى  ئۆز ئېرىگە بەرسە بولىدۇ. ھەتتا ئۇ كىشى ئايالى بەرگەن زاكاتنى ئېلىپ ئۆيىگە خىراجەت قىلسا، زاكاتنى بەرگەن ئايال ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ بالىلىرى ئۇنىڭدىن پايدىلانسسا (ئېلىنغان يېمەك-ئىچمەكنى يەپ-ئىچسە ۋە ئېلىنغان كىيىم-كېچەكنى كەيسە) بولىدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئېرىنى ۋە ئائىلىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى يوق. قولىدىكى مال-دۇنياسى ئۆزىنىڭ مۈلكىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىگە زاكىتىنى بەرسە، ئېرى بۇ زاكاتنى ئېلىپ خەجلىسە ياكى ئۆيىگە چىقىم قىلسا بولىدۇ.
«ئايال كىشى ئېرىگە سەدىقىسىنى بەرسە بولىدۇ، زاكىتىنى بەرسە بولمايدۇ»، دەپ قارايدىغانلار بار. ھالبۇكى قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە كەلگەن «الصدقة (سەدىقە)» كەلىمىسى پەرز زاكاتلارنى ۋە نەپلە سەدىقىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
1- «إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاء وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِّنَ اللّهِ وَاللّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ » – (التوبة 9/60).
تەرجىمىسى:
«سەدىقىلەر، پەقەت پېقىرلەرگە، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، قەلبلىرى ئىسلامغا كۈندۈرۈلىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. قۇللارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن، قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ئۈچۈن ۋە يولدا قالغانلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- (تەۋبە 9/60).
بۇ ئايەتتىكى «الصَّدَقَاتُ (سەدىقىلەر)» نەپلە سەدىقىلەرنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە پەرز زاكاتلارنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.
2- «خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ إِنَّ صَلاَتَكَ سَكَنٌ لَّهُمْ وَاللّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ»- (التوبة 9/103).
تەرجىمىسى:
  «ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئىشىتكۈچىدۇر، بىلگۈچىدۇر»- (تەۋبە 9/103).
بۇ ئايەتتىكى سەدەقەتەن «صَدَقَةً (سەدىقە)» كەلىمىسىمۇ پەرز ۋە نەپلە سەدىقىلەرنى ئوخشاشلا ئىپادىلەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تَصدَّقنَ يا مَعْشَرَ النِّسَاءِ ولَو مِن حُلِيِّكُنَّ (ئى ئاياللار جامائەسى! زىننەت بۇيۇمىڭلاردىن بولسىمۇ سەدىقە قىلىڭلار!) » دېگەن سۆزىدىكى «تَصدَّقنَ (سەدىقە قىلىڭلار!)»  ئىپادىسىمۇ پەرز ۋە نەپلە سەدىقىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەدىس مۇنداق:
زەينەب سەقەفى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تَصدَّقنَ يا مَعْشَرَ النِّسَاءِ ولَو مِن حُلِيِّكُنَّ (ئى ئاياللار جامائەسى! زىننەت بۇيۇمىڭلاردىن بولسىمۇ سەدىقە قىلىڭلار!)»، دېدى. مەن ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: « سەن ھەقىقەتەن ئاجىز، قولۇڭ قىسقا ئادەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇدى. سەن بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراپ باققىنكى، سەدىقىنى دۇرۇس بولسا ساڭا بېرەي، بولمىسا باشقىسىغا بېرەي»، دېدىم. ئابدۇللاھ: «ئۆزۈڭ بېرىپ سورىغىن»، دېدى. مەن بارسام رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشىكىدە ئەنسارىيلاردىنمۇ بىر ئايال بار ئىكەن. ئۇنىڭ سورىماقچى بولغان مەسىلىسى مېنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. بىلال بىز تەرەپكە چىقىپ كەلدى. بىز ئۇنىڭغا: «سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئىشىك ئالدىدا ئىككى ئايال تۇرۇپتۇ، ئۇلار سەدىقىلەرنى ئەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىدىكى ئۇششاق بالىلارغا بەرسە دۇرۇس بولۇش-بولماسلىقىنى سوراۋاتىدۇ، دېگىن ۋە بىزنىڭ كىملىكىمىزنى دېمىگىن»، دېدۇق. بىلال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرىپ بىز دېگەن ئىشنى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار كىم؟»، دەپ سورىدى. بىلال: «ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر ئايال ۋە زەينەب»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قايسى زەينەب؟»، دېدى. بىلال: «ئابدۇللاھنىڭ ئايالى زەينەب»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ئىككىسىگە قوش ساۋاب بېرىلىدۇ. بىرى، تۇغقانلىرىغا سىيلە-رەھىم قىلغاننىڭ ساۋابى ۋە يەنە بىرى سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى»، دېدى.- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىسمۇ ئايال كىشىنىڭ سەدىقە ۋە زاكاتلىرىنى ئېرىگە بېرىشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
خوش! بۇ پەتىۋانى كۆرۈپ بەزىلەر، ئۇنداقتا ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ زاكىتىنى ئۆزى يېگەن بولمامدۇ؟ دەپ سورىشى ياكى كۆڭلىگە شۇنداق بىر شۈبھە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن تۆۋەندىكى ھەدىس بۇ سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرىدۇ ۋە ئۇ شۈبھىنى يوق قىلىدۇ:
بەرىرە ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان چۆرىگە سەدىقە قىلىنغان گۆشتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇگۆشنىڭ سەدىقە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندا: «ئۇ بەرىرە ئۈچۈن سەدىقە، بىز ئۈچۈن ھەدىيەدۇر» دېگەن.- (بۇخارى، زەكات 62، ھىبە 5؛ مۇسلىم زەكات 170؛ ئەبۇ داۋۇد، زەكات 30).
ھالبۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەدىقە يىيىش ھارام قىلىنغان. بۇنى ھەر بىر مۇسۇلمان بىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق دېيىشى سەدىقە ۋە زاكاتنىڭ، ئالغان كىشىنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەنلا سەدىقىلىكتىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر