باش بەت > ئەھكام > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 5- رەجم جازاسىنىڭ نەسخ قىلىنىشى (ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى):

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىنا جازاسى توغرۇلۇق دەسلەپتە نازىل بولغان ئايەت نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرىدۇر. بۇ ئايەتلەر زىنا جىنايىتى ئۈچۈن يېڭى بىر جازا بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا بۇرۇنقى رەجم جازاسىنى نەسخ قىلىدۇ. يەنى ئۇ ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن يېڭى جازا بىلەن بۇرۇنقى ئۆلۈم (رەجم) جازاسى  ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتلەردە مۇنداق دەيدۇ:
«ئاياللىرىڭلاردىن زىنا قىلغانلارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن تۆت كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئەگەر بۇ تۆت كىشى گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇلارنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگۈچىلىك ئۆيلەردە تۇتۇڭلار.
سىلەردىن زىنا قىلغانلارنىڭ ھەر ئىككىسىىگە ئازار بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئازار بېرىشتىن توختاڭلار. ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر».
بۇ ئايەتلەردىكى يېڭى جازالار تۆۋەندىكىچە:
ئا- زىنا قىلغان ئاياللارغا ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگۈچىلىك ئازار بېرىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئە- زىنا قىلغان ئەرلەرگە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگۈچىلىك ئازار بېرىش جازاسىلا بېرىلىدۇ.
دېمەك، ئاياللارغا ئىككى جازا، ئەرلەرگە بىر جازا بېرىلىدۇ
بىرىنچى ئايەتنىڭ «…ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگۈچىلىك…» دېگەن قىسمى، بۇ جازالارنىڭ كېيىنچە تېخىمۇ يەڭگىل بىر جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت ياكى ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن نەسخ قىلىنىدىغانلىقىنى (ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى) كۆرسىتىدۇ.
يەنى ئاللاھ تائالا بۇئىككى ئايەتنى نازىل قىلىش بىلەن ھەم تەۋراتتىكى زىنا جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى نەسخ قىلىدۇ ھەم كېيىنچە بۇ ئىككى ئايەتنىمۇ نەسخ قىلىپ زىنا جىنايىتىگە تېخىمۇ يەڭگىل بىر جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت ياكى ئايەتلەر نازىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
دەرۋەقە بىرمۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا نۇر سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتىنى نازىل قىلىپ، يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتنى (نىسا سۈرىسىنىڭ 15 – ۋە -16   ئايەتلىرىنى) نەسخ قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەر بارغۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى يۈزدەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئەگەر ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىپ قالمىسۇن. مۇئمىنلاردىن بىر توپ كىشى ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن».
بۇ ئايەت، ئەر- ئايال، توي قىلغان – توي قىلمىغان دەپ ھېچ ئايرىماستىن زىنا قىلغۇچىنىڭ جازاسىنى يۈز دەررە قىلىپ بېكىتىدۇ. بۇ جازا، نىسا سۈرىسىدە ئۆتكەن ئۆمۈر بويى قاماقتا يېتىشتىن ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغانلىقى پەرەز قىلىنغانغا قەدەر ئازار ئىشىتىشتىن  يەڭگىلدۇر، شۇنداقلا «بىر چىقىش يولى» دۇر. تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
ئا- زەيد ئىبنى ئەسلەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامنىڭ زامانىدا بىر كىشى ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئۇرۇش ئۈچۈن بىر قامچا تەلەپ قىلدى. ئىشلىتىلىپ كونىراپ كەتكەن بىر قامچا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭدىن ئۇبدانراقىنى» دېدى. ھېچ ئىشلىتىلمىگەن يېڭى بىر قامچا كەلتۈرۈلگەن ئىدى، «بۇنىڭدىن تۆۋەنراقىنى» دېدى. بۇ قېتىم بىرئاز ئىشلىتىلگەن ۋە يۇمشىغان بىر قامچا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمر قىلدى، ئۇ كىشى قامچىلاندى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
«ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ، ئاللاھ بەلگىلىگەن جازالاردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنىڭ ۋاقتى كەلدى. كىم بۇ قەبىھ ئىشلاردىن بىرىنى قىلسا، ئاشكارا قىلمىسۇن، تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ مەغىپىرىتىگە سېغىنسۇن. چۈنكى كىم بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلىمىز»- (مۇۋەتتا، ھۇدۇد 2/12).
بۇ ھادىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كىشىگە توي قىلىپ-قىلمىغانلىقىنى ھېچ سۈرۈشتە قىلماستىنلا يۈز قامچا ئۇرۇشقا ئەمر قىلىشى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى سۆزلىشى پۈتۈن شۈبھىلەرنى يوق قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابىدا زىنا جىنايىتى ئۈچۈن «يۈز دەررە ئۇرۇش» دىن باشقا جازا يوقتۇر.
ئە- شەيبانىي مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفادىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەجم قىلغانمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ: «ھەئە» دېدى. مەن: «نۇر سۈرىسى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ؟» دېگەن ئىدىم. ئۇ: «بىلمەيمەن» دېدى- (بۇخارى، ھۇدۇد 21.).
6- خۇلاسە
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرى نازىل بولۇشتىن بۇرۇن رەجم قىلغانلىقىنى بايان قىلىدىغان رىۋايەتلەرگە قاراپ، نۇر سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتىنىڭ، توي قىلمىغان زىنا قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، قۇرئان كەرىمدە توي قىلغان زىنا قىلغۇچىلارغا بىر جازا بەلگىلەنمىگەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن توي قىلغان زىنا قىلغۇچىلارغا رەجم جازاسى بېرىشنىڭ لازىملىقى چۈشەنچىسىگە كېلىپ، بۇ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار بار. ھالبۇكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈچ ئايىتىدە، توي قىلغان زىنا قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازانىڭمۇ يۈز دەررە بولۇشىنىڭ لازىملىقى ئېنىق بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەر مۇنداق:
1- ئايالىنى زىنا بىلەن قارىلىغانلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر:
«ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىلىرى بولمىغان كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئۆزىنىڭ چوقۇم توغرا سۆزلىگۈچىلەردىن ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى تۆت قېتىم گۇۋاھ قىلىشىدۇر.
ئۇنىڭ بەشىنچى گۇۋاھلىقى بولسا، ‹ئەگەر مەن يالغان سۆزلىگۈچىلەردىن بولسام، ئاللاھنىڭ لەنىتى ماڭا بولسۇن› دېيىشىدۇر.
قارا چاپلانغان ئايال، ئېرىنىڭ چوقۇم يالغان سۆزلىگۈچىلەردىن ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى تۆت قېتىم گۇۋاھ قىلسا ئازابتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئۇنىڭ بەشىنچى قېتىمدا: ‹ئەگەر ئېرىم توغرا سۆزلىگۈچىلەردىن بولسا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ماڭا بولسۇن› دېيىشى لازىم»- (نۇر 24/6- 9).
8- ئايەتتە (نۇر سۈرىسىنىڭ 8- ئايىتىدە) ئۆتكەن «ئازاب»، 2- ئايەتتىكى (نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدىكى) «يۈز دەررە» جازاسىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ «ئازاب» نىڭ ئەرەبچىسى ئەلئەزابە «الْعَذَابَ» دۇر. بۇ كەلمىنىڭ بېشىدىكى ئەل «الْ» ئەرەب تىلى قائىدىسى بويىچە كەلىمىگە ئېنىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. يەنى بىر كەلىمىنىڭ بېشىدا بۇ خىل ئەل «الْ» كەلسە، بۇ ئۇ كەلىمىنىڭ باشتا ئۆتكەن بىر كەلىمە ئىپادىلىگەن مەنىنىڭ ئۆز ئەينىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن 8- ئايەتتىكى ئەلئەزابە «الْعَذَابَ»، 2 – ئايەتتە ئۆتكەن ئەزابەھۇما «عَذَابَهُمَا» دىكى ئازابنى كۆرسىتىدۇ. 2- ئايەتتىكى ئەزابەھۇما بولسا، شۇ ئايەتتىكى «يۈز دەررە ئۇرۇش» جازاسىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتتە (2- ئايەتتە) زىنا قىلغان ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىنى «يۈز دەررە» دىن ئۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭ «ئازاب» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەرەب تىلى قائىدىلىرىگە ئاساسەن، بۇ ئەلئەزابە «الْعَذَابَ» كەلىمەسىنىڭ ئۇ «يۈز دەررە» دىن باشقا بىر نەرسىگە دالالەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئېرى تەرىپىدىن زىنا بىلەن قارىلانغان ئايالنىڭ توي قىلغان ئايال ئىكەنلىكىدە شەك-شۈبھە يوقتۇر.
2- ياتلىق قىلىنغان چۆرىلەر زىنا قىلسا، ئۇلارغا زىنا قىلغان ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمىنى بېرىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئايەت:
«…چۆرىلەر ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن زىنا قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئازابنىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك»- (نىسا 4/25).
توي قىلغاندىن كېيىن زىنا قىلغان ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازا، رەجم  بولىدىغان بولسا، ئۇ چۆرىلەرنىڭ جازاسى ئۇنىڭ يېرىمى بولمايتتى. چۈنكى رەجم (تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش) نىڭ يېرىمى بولمايدۇ. 
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئاياللىرى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك ئايەت:
«ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەردىن كىم ئاشكارا بىر پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ. بۇ، ئاللاھقا ئاساندۇر»- (ئەھزاب 30/33).
«پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن توي قىلغان ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئاياللار» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئەگەر بۇلاردىن بىرى پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭغا، پاھىشە قىلغان باشقا ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ ئىككى ھەسسىسى بېرىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى ھەسسە قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن يۈز دەررىنى ئىككى ھەسسە قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايەتتە ئۆتكەن ئەلئەزابۇ «الْعَذَاَبُ»  كەلىمىسىمۇ نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدىكى «يۈز دەررە» جازاسىنى كۆرسىتىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىنا جىنايىتى ئۈچۈن تەۋراتقا ئاساسەن بەرگەن رەجم جازاسى، نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغان ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگەنگە قەدەر ئازار بېرىش جازاسى بىلەن نەسخ قىلىنىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرىدە بەلگىلەنگەن ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگەنگە قەدەر ئازار بېرىش جازاسى، نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدىكى «يۈز دەررە ئۇرۇش» جازاسى بىلەن نەسخ قىلىنىدۇ.
نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدە زىنا جىنايىتى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن جازا، «زىنا قىلغان ئەر-ئايالدىن ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇش» تۇر. يەنى قۇرئان كەرىمدە زىنا جىنايىتىنىڭ بىرلا جازاسى بار. ئۇ بولسا، «يۈز دەررە ئۇرۇش» جازاسىدۇر.
 
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر
 
بۇ ئەسەرنىڭ بېشىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئوقۇڭ:
 

 


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ