باش بەت > ئەھكام > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۇقەددىمە
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاياللىرىڭلاردىن زىنا قىلغانلارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن تۆت كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئەگەر بۇ تۆت كىشى گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇلارنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگۈچىلىك ئۆيلەردە تۇتۇڭلار.
سىلەردىن زىنا قىلغانلارنىڭ ھەر ئىككىسىىگە ئازار بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئازار بېرىشتىن توختاڭلار. ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- (نىسا 5/15- 16).
«زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەر بارغۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى يۈزدەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئەگەر ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىپ قالمىسۇن. مۇئمىنلاردىن بىر توپ كىشى ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن»- (نۇر 24/2).
بۇ ئۈچ ئايەتنىڭ بىرىنچىسىدە زىنا قىلغان ئايالغا بېرىلىدىغان ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش جازاسى بايان قىلىنىدۇ. ئىككىنچىسىدە زىنا قىلغان ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىگە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگەنگە قەدەر ئازار بېرىش جازاسى بايان قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى ئايەتتە  (نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدە) بولسا، يۇقىرىدىكى جازالار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا «زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇش» جازاسى بېكىتىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە زىنا جىنايىتى ئۈچۈن بېرىلگەن جازالار ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت. لېكىن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنا قىلغۇچىلارغا رەجم (تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش) جازاسى بەرگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. مەزھەپچىلەر بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ، يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى يا مەنسۇخ دەپ ياكى مەنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ رەجم جازاسىنى «قۇتقۇزۇپ» قېلىشىدۇ.
 ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنا قىلغۇچىلارغا رەجم  جازاسى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىنسا، رەجم جازاسىنىڭ تەۋراتقا ئاساسلانغان بىر جازا ئىكەنلىكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇ جازانى مەنسۇخ قىلغانلىقى (ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى) ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بۇ مەسىلىنى ئۇبدان چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ ئايىتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك:
«بىز بىر ئايەتنى نەسخ قىلساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا تېخىمۇ ياخشىسىنى ياكى ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟»- (بەقەرە 2/106).
ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش لازىم. شۇنداق بولغاندا مەسىلىنىڭ ئەسلى ئايەت-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە ھەدىسنى قۇرئاندىن ئايرىغانلارنىڭ بۇ دىنغا نېمىلەرنى قىلغانلىقى بىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ تەتقىقاتىمىزدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
1- نەسخ
نەسخ، بىر نەرسىنى بىكار قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىر نەرسىنى تۇرغۇزۇش دېگەن بولىدۇ.- (لىسانۇلئەرەب، ن س خ). بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىمۇ تەكىتلەيدۇ
«بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتكە ئالماشتۇرغاندا- ئاللاھ ئۆزىنىڭ نازىل قىلىدىغان ئايەتلىرىنى ئۇبدان بىلىدۇ- ئۇ مۇشرىكلار ساڭا: ‹سەن چوقۇم ئويدۇرۇۋاتىسەن› دېيىشتى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- (نەھل 16/101).
بۇنىڭغا ئاساسەن نەسخ، «بىر ئايەتنى، ئۇ ئايەتنىڭ ئوخشىشى ياكى تېخىمۇ ياخشىسى بىلەن ئالماشتۇرۇش» دېگەن بولىدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزى «نەسخ» نىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«ئاللاھ سىلەرگە دىندىن ئۆزى نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھيى قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى يولغا قويۇپ بەردى…»- (شۇرا 42/13).
بۇ ئايەتكە ئاساسەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنىڭ بىر قىسمى نۇھقا، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا ۋەھيى قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئوخشىشى بولغان بولىدۇ. بىر قىسمى بولسا، ئۇلاردىن ياخشى ئايەتلەر بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا ۋەھىي قىلىنغان يېڭى ئايەتلەر بولغان بولىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇرۇن نازىل قىلغان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى نەسخ قىلغان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: نەسخنىڭ ئىككى شەرتى بار:
1- ئايەتلەر ئارىسىدا بولۇشى.
2- نەسخ قىلغۇچى ئايەتنىڭ نەسخ قىلىنغۇچى ئايەت بىلەن ئوخشاش ياكى تېخىمۇ ياخشى بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى.
ھەدىسلەر ئايەتلەرنىڭ تەتبىقاتى، بايانى ۋە ئىزاھى بولغانلىقى ئۈچۈن ئايەتلەرگە ئەگەشكۈچىدۇر. ئەگەشكۈچىگە ئايرىم بىر ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ھۇزۇرىمىزغا چىقىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار ساڭا: ‹بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن› دېيىشتى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹مەن قۇرئاننى ئۆزۈم چاغلاپ ئۆزگەرتەلمەيمەن. مەن، ماڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. ئەگەررەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن›»- (يۇنۇس 10/15).
خۇلاسە
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىن مۇنۇ قائىدىلەر چىقىدۇ:
ئا- بىر ئايەت نەسخ قىلىنغان ھامان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىمۇ نەسخ قىلىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە نېمە ۋەھىي قىلىنسا ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىيگە خىلاپ ھالدا بىر نەرسە سۆزلەش ياكى بىر ئىش قىلىش ھوقۇقى يوق.
ئە- بىر ئايەت نەسخ قىلىنسا، ئۇنىڭ مەنىسىمۇ بىرلىكتە نەسخ قىلىنىپ كېتىدۇ. بىرەر ئايەتنىڭ لەۋزى مەنسۇخ بولۇپ كېتىپ، ھۆكمى باقىي قالىدىغان ئىش يوق. چۈنكى بىر ئايەتنىڭ نەسخ قىلىنىشى، باشقا بىر يېڭى ئايەت بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇ يېڭى ئايەت، ئۆزىنىڭ لەۋزى ۋە مەنىسى بىلەن بىرلىكتە نازىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇرۇنقى ئايەتنىڭ لەۋزىنى ۋە مەنىسىنى بىرلىكتە نەسخ قىلىدۇ.
ب- نەسخ قىلغۇچى ئايەت، نەسخ قىلىنغۇچى ئايەتتىن ئېغىر بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بايان قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ تەقەززاسىدۇر:
«ئۇلار ئەلچىگە، يەنى ئۆزلىرىنىڭ يېنىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئەگىشىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇ، ئۇلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈكلەرنى، بويۇنلىرىدىكى ئىشكەللەرنى ئېلىۋېتىدۇ»- (ئەئراف 7/157).
بىر ئايەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر ئايەت بىلەن نەسخ قىلىنغانلىقىغا زىنا جازاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مىسال بولىدۇ. تەۋراتتا ۋە ئىنجىلدا زىنانىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر. بۇنى پەيغەمبىرىمىزمۇ بىر مۇددەت ئىجرا قىلغان. ئاندىن قۇرئان كەرىم ئۇ ھۆكۈمنى نەسخ قىلغان.
2- تەۋراتتا زىنا جازاسى:
«10 باشقىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغان كىشى، قوشنىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغان كىشى ۋە ئۇ خوتۇنلار چوقۇم ئۆلتۈرۈلىدۇ. 11 دادىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە ياتقان كىشى، دادىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقان بولىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلۈمگە لايىقتۇر.
12 بىر كىشى كېلىنى بىلەن بىللە ياتسا، ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەن رەزىللىكتۇر. ئىككىلىسى ئۆلۈمگە لايىقتۇر.13  بىر ئەر كىشى باشقا بىر ئەر كىشى بىلەن، ئايال كىشى بىلەن بىللە ياتقاندەك بىللە ياتسا، ئىككىلىسى قەبىھ ئىش قىلغان بولىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلۈمگە لايىقتۇر»- (لاۋىين (لاۋىيلىقلار) 20- باب).
«20 ياتلىق قىلىنغان بىر قىزنى ئېرى قىز ئەمەسكەن دېسە ۋە بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانسا، 21 يۇرت خەلقى ئۇ قىزنى دادىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تاش ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.
23  بىر كىشى باشقا بىر كىشى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بىر قىزنى شەھەردە ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، 24 ئىككىلىسىنى ئۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈڭلار»- (تەسنىيە 22- باب).
3- ئىنجىلدا زىنا جازاسى:
«1 ئىيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. 2 ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغان ئىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 3 شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 4 ھەزرىتى ئىيسادىن:
– ئۇستاز! بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. 5 مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟- دەپ سوراشتى.
6 ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى ھەزرىتى ئىيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىپلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق ھەزرىتى ئىيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.
7 ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى. شۇڭا ھەزرىتى ئىيسا رۇسلىنىپ ئۇلارغا: – ئاراڭلاردا كىم گۇناھسىز بولسا، بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى شۇ ئاتسۇن- دېدى. 8 ئاندىن يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. 9 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى.
ئاخىرىدا، ھەزرىتى ئىيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. 10 ھەزرىتى ئىيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: – خانىم! سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى جازالايدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟- دېدى. 11 – چىقمىدى، ھەزرەتلىرى- دېدى ئايال. ھەزرىتى ئىيسا: – مەنمۇ سزنى جازالىمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ!- دېدى»- (يۇھاننا 8- باب).
ئىيسا ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزى بىلەن تەۋراتتىكى رەجم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. لېكىن گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ خەۋىرى ۋە شاھىتلىقىغا ئاساسلىنىپ بۇنداق ئېغىر بىر جازانى ئىجرا قىلمىغان. چۈنكى ئۇنىڭ تەۋرات توغرىسىدا تۆۋەندىكى سۆزلىرى بايان قىلىنىدۇ:
«17 مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى دەپ قالماڭلار. مەن بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم»- (مەتتا 5 – باب).
4- پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەتبىقاتى:
ئا- بەرائىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن يۈزى كۆمۈر بىلەن قارايتىلغان ۋە دەررە ئۇرۇلغان بىر يەھۇدىي ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى چاقىرىپ: «كىتابىڭلاردا زىنا قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن جازا مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ھەئە» دېدى.
ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالىملىرىدىن بىرىنى چاقىردى ۋە: «تەۋراتنى مۇساغا نازىل قىلغان ئاللاھ ھەققى سورايمەنكى، كىتابىڭلاردا زىنا قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن جازا مۇشۇنداقمۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئالىم مۇنداق دېدى:
«ياق، ئەگەر مەندىن بۇنداق سورىمىغان بولساڭ، ساڭا ئېيتىپ بەرمەيتتىم. كىتابىمىزدا زىنا قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن جازا رەجمدۇر. لېكىن زىنا شەرەپلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن شەرەپلىك بىرىنى بۇ گۇناھ بىلەن تۇتۇۋالساق قويۇۋېتىدىغان، ئاجىزنى تۇتۇۋالساق بەلگىلەنگەن جازانى ئىجرا قىلىدىغان بولدۇق. ئاندىن ئۆزئارىمىزدا: ‹كېلىڭلار، شۇنداق بىر جازا ئۈستىدە بىرلىشەيلىكى، ئۇنى شەرەپلىككىمۇ، ئاجىزغىمۇ ئوخشاشلا ئىجرا قىلايلى› دېيىشىپ، رەجم جازاسىنىڭ ئورنىغا يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ، دەررە ئۇرۇش جازاسىنى بېكىتتۇق».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئۇلار ئۆلتۈرگەن ئەمرىڭنى دەسلەپ تىرىلدۈرگەن كىشى مەن بولاي» دېدى ۋە رەجم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇدى، زىنا قىلغۇچى رەجم قىلىندى. ئاندىن ئاللاھ تەئالا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى:
«ئى پەيغەمبەر! كاپىرلىقتا مۇسابىقىلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرىدە ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: ‹ئىمان ئېيتتۇق› دەپ قويىدىغانلاردۇر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالىدۇ. ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇلار: – ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، قوبۇل قىلىڭلار؛ ئەگەر ئۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار- دەيدۇ»- (مائىدە 5/41).
ئۇلار ئۆزئارا: «مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىڭلار. ئەگەر ئۇ سىلەرنى، يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ، دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇسا قوبۇل قىلىڭلار؛ ئەگەر رەجم قىلىشقا بۇيرۇسا قوبۇل قىلماڭلار» دېيىشەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلدى:
«ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار كاپىرلاردۇر»،
«ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار زالىملاردۇر»،
«ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر»- (مۇسلىم، ھۇدۇد 28؛ ئەبۇ داۋۇد، ھۇدۇد 26).
ئە- يەھۇدىيلاردىن بىر ئەر بىلەن بىر ئايال زىنا قىلغان ئىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇنداق دېيىشتى:
«شۇ پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا بارايلى. چۈنكى ئۇ يەڭگىللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر. ئەگەر ئۇ بىزگە رەجمدىن باشقا بىر پەتىۋا بەرسە قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەلىل قىلىپ: ‹بۇ، پەيغەمبەرلىرىڭدىن بىر پەيغەمبەرنىڭ پەتىۋاسىدۇر›دەيمىز».
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئەبۇلقاسىم! زىنا قىلغان ئەر-ئايال توغرۇلۇق كۆز قارىشىڭ نېمە؟» دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئۇلارنىڭ بەيتى مىدراسىغا (تەۋرات ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆيىگە) كەلگەنگە قەدەر ئۇلارغا ھېچ نەرسە دېمىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ: «تەۋراتنى مۇساغا نازىل قىلغان ئاللاھ ھەققى سورايمەنكى، توي قىلغانلار زىنا قىلسا، ئۇلارغا تەۋراتتا قانداق جازا بار؟» دېدى. ئۇلار: «يۈزى كۆمۈر بىلەن قارايتىلىدۇ، ئىككىسى ئارقىسى ئارقىسىغا قىلىنىپ، بىر ئىشەككە مىندۈرۈلۈپ، ئايلاندۇرۇلىدۇ ۋە دەررە ئۇرۇلىدۇ» دېيىشتى. لېكىن ئۇلاردىن بىر ياش كىشى ھېچ نەرسە دېمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ: «تەۋراتنى مۇساغا نازىل قىلغان ئاللاھ ھەققى سورايمەنكى، توي قىلغانلار زىنا قىلسا، ئۇلارغا تەۋراتتا قانداق جازا بار؟» دېگەن سوئالىنى قايتا سورىدى. ئۇ ياش كىشى: «ۋاي ئاللاھ، سەن بىزدىن ئاللاھنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئېلىپ تۇرۇپ سورىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئېيتىپ بېرىمەن: تەۋراتتا چوقۇم رەجم جازاسى بار» دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئەرزان ھېسابلىشىڭلارنىڭ دەسلىپى قانداق بولغان؟» دەپ سورىدى. ياش كىشى مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
«پادىشاھلىرىمىزدىن بىرىنىڭ تۇغقىنى زىنا قىلغان ئىدى، پادىشاھ ئۇنىڭدىن رەجمنى كېچىكتۈردى. كېيىن خەلقتىن بىرى زىنا قىلغان ئىدى، پادىشاھ ئۇنى رەجم قىلماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى ئارىغا كىرىپ: ‹سەن تۇغقىنىڭنى ئېلىپ كىلىپ رەجم قىلمىغۇچە، بىزنىڭ تۇغقىنىمىز رەجم قىلىنمايدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز ئارىلىردا زىنا قىلغۇچىغا بۇ جازانى بېرىشكە كېلىشتى».
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «مەن، چوقۇم تەۋراتتىكى ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن» دېدى. ئارقىدىنلا ئەمر قىلدى، ئۇ ئىككى كىشى رەجم قىلىندى.
بۇ ھەدىسنىڭ راۋىلىرىدىن زۆھرىي مۇنداق دەيدۇ: بىزگە تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ بۇلار ھەققىدە نازىل بولغانلىقى يېتىپ كەلدى:
«بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۆزلىرىنى ئاللاھقا تەسلىم قىلغان پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ»- (مائىدە 5/44) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىندۇر.- (ئەبۇ داۋۇد، ھۇدۇد 26).
ب- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا زىنا قىلغان بىر ئەر يەھۇدىي بىلەن، زىنا قىلغان بىر ئايال يەھۇدىينى ئېلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «كىتابىڭلاردا قانداق ھۆكۈم بار؟» دېدى. ئۇلار: «ئالىملىرىمىز يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ ئۇلاغقا تەتۇر مىندۈرۈشنى پەيدا قىلدى» دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام (مۇسۇلمان بولغان بىر يەھۇدىي ئالىم) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇلاردىن تەۋراتنى تەلەپ قىلسىلا» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تەۋرات كەلتۈرۈلدى.
ئۇلارنىڭ بىرى تەۋراتنى ئېچىپ، رەجم ئايىتىنىڭ ئۈستىدە قولىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۈستىنى ۋە ئاستىنى ئوقۇغىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى كۆتۈر!» دېدى. ئۇ كىشى قولىنى كۆتۈرگەن ئىدى، رەجم ئايىتى ئۇنىڭ قولى قويۇلغان يەردە كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىنا قىلغان ئۇ ئەر- ئايال توغرۇلۇق ئەمر قىلدى، ئىككىسى رەجم قىلىندى.- (بۇخارى، ھۇدۇد 25).
خۇلاسە
يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، رەجم جازاسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن زىنا قىلغۇچىلارغا ئۇ جازانى بەرگەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ .تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
ئا- ئايەت: «ئۇلار قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟- ھالبۇكى ئۇلارنىڭ يېنىدا تەۋرات بار، تەۋراتنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار- ئاندىن نېمىدەپ سەن چىقارغان ھۆكۈمدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇئمىن ئەمەس»- (مائىدە 5/43)، (ئەسكەرتىش: تەبەرى، جەسساس ۋە قۇرتۇبى قاتارلىق مەشھۇر مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ، يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى زىنا توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلغان چاغدا نازىل بولغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ).
بۇ ئايەت تەۋراتتىكى، زىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلغان مەسىلە زىنا مەسىلىسىدۇر. بۇ ئايەت، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تەۋراتتا بۇ مەسىلە توغرۇلۇق بولغان ھۆكۈمنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىشىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئەسلىدە يەھۇدىيلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىشى، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ قوبۇل قىلغانلىقتىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ كىتابدىكى ھۆكۈمدىن قېچىش ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن ئادەملىرىگە: «… ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە قوبۇل قىلىڭلار؛ ئەگەر ئۇھۆكۈم بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار…»- (مائىدە 5/41) دېگەن ئىدى.
ئە- ھەدىس: ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە زەيد ئىبنى خالىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) مۇنداق دەيدۇ:
بىر بەدەۋى (سەھرالىق) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئاللاھ ھەققى، ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىشىڭنى سورايمەن» دېدى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ رەقىبى – بۇ ئۇنىڭدىن ئاڭلىقراق ئىدى-: «شۇنداق، ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلغىن ۋە ماڭا گەپ قىلىشىم ئۈچۈن رۇخسەت قىلغىن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قېنى سۆزلەڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئوغلۇم بۇنىڭ يېنىدا ئىشلەيتتى، ئىشلەش ئەسناسىدا بۇنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلدى. بۇ ئارىدا ئوغلۇمغا رەجم جازاسى بېرىش لازىملىقى ماڭا خەۋەر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوغلۇمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن يۈز قوي ۋە بىر خىزمەتچى فىدىيە بەردىم. ئاندىن ئىلىم ئەھلىدىن بۇ مەسىلىنى سورىدىم. ئۇلار ماڭا:  ‹ئوغلۇڭغا يۈز دەررە ئۇرۇش ۋە بىر يىل سۈرگۈن قىلىش جازاسى بېرىش كېرەك. بۇ كىشىنىڭ ئايالىغا بولسا، رەجم جازاسى بېرىش كېرەك› دەپ جاۋاب بېرىشتى».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:
«جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن: يۈز قوي بىلەن خىزمەتچى ساڭا قايتۇرۇلىدۇ. ئوغلۇڭغا يۈز دەررە ئۇرۇش ۋە بىر يىل سۈرگۈن قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ» دېدى ۋە ئۇنەيس ئىسىملىك بىر كىشىگە  :«ئى ئۇنەيس! بۇ كىشىنىڭ ئايالىنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىغىن، ئەگەر ئىقرار قىلسا ئۇنىڭغا رەجم جازاسىنى ئىجرا قىلغىن» دەپ، ئۇ كىشىنى رەجم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنەيس ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا باردى، ئايال گۇناھىغا ئىقرار قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرى بويىچە رەجم قىلىندى- (بۇخارى، ھۇدۇد 30، ۋەكالەت 13، شەھادات 6، سۇلھى 5، شۇرۇت 9، ئەيمان 3، ئەھكام 39، ئەخبارۇلئاھاد 1، ئىئتىسام 2؛ مۇسلىم، ھۇدۇد 25؛ مۇۋەتتا، ھۇدۇد 6؛ تىرمىزى، ھۇدۇد 8؛ ئەبۇ داۋۇد، ھۇدۇد 25؛ نەسەئى، قۇزات 21؛ ئىبنى ماجە، ھۇدۇد 7).
بۇ ھەدىستىكى «ئاللاھنىڭ كىتابى» تەۋراتتۇر، چۈنكى:
بىرىنچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا «ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن» دەپ ئۇلارغا يۇقىرىدىكى جازالارنى بېرىدۇ. ھالبۇكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابى قۇرئاندا بىر يىل سۈرگۈن قىلىش جازاسى بىلەن رەجم جازاسى يوق.
ئىككىنچىدىن بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەھۋال، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە مائىدە سۈرىسىنىڭ 41 – ئايىتىدىن 44 ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن، تەۋراتتا بايان قىلىنغان رەجم جازاسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنگەندىن كېيىن بولغان.
كۈنىمىزدىكى تەۋراتتا دەررە ئۇرۇش جازاسى يوق. بۇنىڭ، شۇ چاغدىكى مەدىنە يەھۇدىيلىرىنىڭ قولىدىكى تەۋرات نۇسخىلىردا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ بىر يىغىندا ياكى بىر بايرام كۈنى خۇتبىسىدە: «توي قىلمىغان كىشى زىنا قىلسا دەررە ئۇرۇمىز. توي قىلغان كىشى زىنا قىلسا رەجم قىلىمىز» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.- (بۇ رىۋايەتنى تەبەرى، بەغەۋى، ئالۇسى، رازى، بەيزاۋى، نەسەفى، زەمەخشەرى ۋە ئەبۇسسۇئۇد قاتارلىق مۇپەسسىرلەر قەسەس سۈرۈسىنىڭ 81- ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىدۇ.
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئوقۇڭ:
 

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ