مۇسۇلمانلار

بەقەرە سۈرىسى

 ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

1- ئەلىف، لام، مىيم.
2- ئۇ، بۇ كىتابتۇر. ئۇنىڭدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر. ئۇ، تەقۋادارلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر.
3- ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى تولۇق ئۆتەيدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ياخشىلىققا سەرپ قىلىدۇ.
4- ئۇلار يەنە ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ. ئاخىرەتكە بولسا، ھەقىقىي ئىشىنىدۇ.
5- ئەنە شۇلار، رەببىدىن كەلگەن توغرا يول ئۈستىدىدۇر ۋە مۇرادىغا يەتكۈچى كىشىلەردۇر.
6- كافىرلار بارغۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىردۇر؛ ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
7- ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى مۆھۈرلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگىمۇ بىر پەردە چۈشتى. ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بىر ئازاب بار.
8- شۇنداق ئىنسانلارمۇ باركى، ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ «بىز ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەيدۇ.
9- ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
10- ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىر كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل ئارتتۇردى. ئۇلارغا، يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك بىر ئازاب بار.
11- ئۇلارغا: «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا تۈزىتىدىغان كىشىلەر» دەيدۇ.
12- دىققەت، ئۇلار بۇزغۇنچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ.
13- ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار قانداق ئىمان ئيتقان بولسا، سىلەرمۇ شۇنداق ئىمان ئيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر قانداق ئىمان ئيتقان بولسا، بىزمۇ شۇنداق ئىمان ئيتامدۇق؟» دەيدۇ. دىققەت، ئۇلار ئەخمەقلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر؛ لېكىن ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ.
14- ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىزمۇ ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن ئۆزئارا يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «خاتىرجەم بولۇڭلار بىز سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلماقتىمىز» دەيدۇ.
15- ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر مۇددەت تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
16- ئەنە شۇلار، زالالەتنى ھىدايەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قىلغان تىجارىتىدىن ھېچبىر پايدا قولغا كەلتۈرەلمىدى. چۈنكى ئۇلار پايدا يولىنى تۇتمىدى.
17- ئۇلارنىڭ ئەھۋالى شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشكى، ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن بىر ئوت ياقىدۇ، ئوت ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە تاشلىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
18- ئۇلار گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتكە قايتمايدۇ.
19- ياكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قاتتىق بۇلۇتلۇق، گۈلدۈرمامالىق ۋە چاقماقلىق بىر ئاسماندىن قۇيۇلغان يامغۇرغا مۇپتىلا بولغان، ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ چاقماقلارغا قارشى بارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
20- چاقماق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قۇيىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار چاقماق چېقىلسا ئۇنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ، قاراڭغۇلۇق باستىمۇ تۇرغان يېرىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋىتەتتى. چۈنكى ئاللاھ، ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
بەقەرە سۈرىسى 1 ـ ئايەتتىن 20 ـ ئايەتكىچە

دىققەت!

بۇ ئايەتلەردە ئىنسانلارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەردىن ئىبارەت بولغان مەنىۋى ئەينەككە قارىغان ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر