باش بەت > روزا ۋە ھېيت > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ﻣﯚﮬﺘﻪﺭﻩﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺭﺍﻣﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯘ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﯩﺮﻯ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﭘﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﯗﺭ.
ﺑﯘ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ-ﺟﺎﻣﻪﻟﻪﺭ ﺗﺎﺋﻪﺕ-ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺗﻠﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﺯﯨﻜﯩﺮ-ﺗﻪﺳﺒﯩﮭﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﯗﺭ.
ﺑﯘ، ﭘﯧﻘﯩﺮ-ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﯧﺘﯩﻢ-ﻳﯧﺴﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻏﯧﺮﯨﭗ-ﻏﯘﺭﯞﺍﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺪﯗﺭ. مىڭ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮ كېچىسى ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ.
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﺴﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﺴﺎﻕ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭘﯧﻘﯩﺮ-ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯩﮕﻪ-ﭼﺎﻗﯩﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩيىنﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰ ئاللاھﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ئاللاھغا ﮬﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ، ﺑﺎﺗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺵ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﻼﻳﻠﻰ. ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍﯞﺍﺕ، ﮬﻪﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﻠﻰ!
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺧﻪﻳﺮ-ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ، ﻧﻪﭘﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ-ﻗﻮﭘﺴﺎ ئاللاھغا ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯗﺭ.
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻣﺰﺍﻥ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﻳﻠﻰ!
ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺗﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ «ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺗەﺋﺎﻻ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺋﻪﻣﻪﺱ»[1] ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺭﻭﺯﯨﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﯞﻩﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ:

ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ:

ئاللاھ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:
(ئى ئاللاھ! مېنى قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىسلا)
«ﺋﻰ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻭﺯﺍ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ.
ﺋﯘ ﺭﻭﺯﺍ ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ. ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭنىڭ ﻓﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻓﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺗﻮﻳﻐﯘﺩﻩﻙ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﺎﺋﺎﻣﺪﯗﺭ. ﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪﯕﻼﺭ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘﯕﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﯘ ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ رامزان ﺋﯧﻴﯩﺪﯗﺭ. رامزان ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﺋﺎﻳﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﮬﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﺴﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺳﯘﻥ. ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ. ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر2، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ئاللاھنى ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﯜﻛﯜﺭﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ.
ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻢ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ، ﺑﯩﻠﺴﯘﻧﻼﺭﻛﻰ ﻣﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ بەك ﻳﯧﻘﯩﻦ. مەن، ﻣﺎﯕﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﯨﺘﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺴﯘﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ.
ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ بىر يەردە بولۇش ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ كىيىمدۇر، ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻴﯩﻤﺴﯩﻠﻪﺭ. ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﻧﻪﭘﺴﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﯞﺑﻪﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئاللاھنىڭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. ﺗﺎﯕﻨﯩﯔ ئاق سىزىقىنى ﻗﺎﺭا سىزىقىدىن ﺋﯧﻨﯩﻖ ئايرىغىنىڭلارغا ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯕﻼﺭ. ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ بىر يەردە بولماڭلار. ﺑﯘﻻﺭ، ئاللاھ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍﻻﺭﺩﯗﺭ؛ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﯕﻼﺭ. ئاللاھ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ»[3].

ﺑﻪﺯﻯ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ:

ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕﺩﻩﻳﺪﯗ:
«ﺭﺍﻣﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ»[4].
«ﺭﻭﺯﺍ ﮔﯘﻧﺎﮬﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻧﺎﺷﺎﻳﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺟﯧﺪﻩﻝ-ﻣﺎﺟﺮﺍ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﻮﻗﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯘﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺴﺎ ‹ﻣﻪﻥ ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭﻣﻪﻥ› ﺩﯦﺴﯘﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﯩﯔ ﮬﯩﺪﻯ ﺋﺎﻟﻼﮬ تەﺋﺎﻻﻧﯩﯔ دەرگاھىدا ﺋﯩﭙﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺧﯘﺵ ﭘﯘﺭﺍﻗﺘﯘﺭ. ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻐﺎ ﻣﯘﻻﻗﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ؛ ﺋﯘ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻧﺎﺯﯗﻧﯧﺌﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ»[5].
«ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ- ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺗەﺋﺎﻻ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ ﺋﻪﻣﻪﺱ»[6].
«ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﺭﻩﻳﻴﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻻ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ»[7].
«ﺭﺍﻣﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻜﻪﻝ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ»[8].
«ﺋﺎﻱ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻱ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﯖﻼﺭ، ﮬﺎﯞﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﻰ 30 ﻛﯜﻥ ﻗﯩﻠﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﯕﻼﺭ»[9].
«ﺭﺍﻣﺰﺍﻥ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﻰ 30 ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ»[10].
«ﺯﻭﻟﯘﻕ ﻳﻪﯕﻼﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺯﻭﻟﯘﻗﺘﺎ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﺎﺭ»[11].
«ﺯﻭﻟﯘﻕ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺭﻭﺯﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﭘﻪﺭﻗﺘﯘﺭ»[12].
«ﺋﯩﭙﺘﺎﺭﻧﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ»[13].
«ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﻛﯜﻥ ﭘﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ»[14].
«ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰﺋﺎﭼﺴﯘﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﺴﯘﻥ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯘ ﭘﺎﻛﺘﯘﺭ»[15].
«ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﻳﻮﻕ ﻳﻪﭖ ﺳﺎﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﺎﻟﺴﺎ روزىسىنى ﺑﯘﺯﻣﺎﻱ ﺗﯘﺗﯘﯞﻩﺭﺳﯘﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ تەﺋﺎﻻ ﻳﯧﮕﯜﺯﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ»[16].
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

************************************************************************************************

 

[1]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ
[2]رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان، لېكىن سىلەر سەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن رۇخسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ ئايدىن روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ ئورنىغا سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان كۈنلەرنىڭ سانىنى تولۇقلىغايسىلەر.
[3]ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ 2/183-187.
[4]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[5]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[6]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[7]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[8]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[9]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[10]ﺗﯩﺮﻣﯩﺰى ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[11]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[12]ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[13]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[14]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[15]ﺋﻪﺑﯘﺩﺍﯞﯗﺩ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﻣﯩﺰى ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[16]ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ