باش بەت > پەتىۋالار > قۇرئان  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

بىرىنچى سوئالنىڭ جاۋابى تور بېتىمىزدە بار. بۇ سوئالغا قايتا جاۋاب بېرىش ھاجەتسىز.

ئىككىنچى سوئالنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، قۇرئان ئوقۇپ بەرگۈچى ياكى نىكاھ ئوقۇپ قويغۇچى بىلەن قۇرئان ياكى نىكاھ ئوقۇتقۇچى ئىككى تەرەپ ئالدىن باھاسىنى دېيىشىپ، ئاندىن ئىش پۈتكەندە ئۇلارنىڭ دېيىشكەن پۇلنى بېرىشلىرى ۋە ئېلىشلىرى قەتئىي ھارام. چۈنكى بۇنىڭدا ئېلىش ـ سېتىش شەكىللىنىدۇ. قۇرئان ياكى نىكاھ ئوقۇشنى ئېلىش ۋە ستىش ھارامدۇر.

ئەگەر ئالدىن دېيىشمەي بىرقانچە كىشىنى چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇپ ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەرەپ ئوقۇغۇچى تەرەپنىڭ ياكى تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا مىقدارىنى ئۆزى بەلگىلەپ بىر مىقداردىن پۇل قويسا، بۇ پۇلنى ئوقۇغۇچى تەرەپلەر قوبۇل قىلسا، بۇ ئىشتا تۆۋەندىكى خاتالىقلار مەيدانغا كېلىدۇ:

1 ـ دىنىمىز ئۆزىنىڭ ھەر مەنسۇبىنى، ئۆزىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن \“ئىبادەتكە نىمكار سېلىش\“، \“نىمكار\“ سالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى بىدئەت يوللار بىلەن\“ھەل قىلىش\“ قا ئۇرۇنغانلىقى بولسا، \“نىمكار\“ لارنىڭ پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جان ساقلاش ئۈچۈن قىلغانلىقى بولىدۇ.

2 ـ بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ نەزىر ـ چىراغ بولمىسا گۆش يېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئىسقات ئالمىسا پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان \“تەييارتاپ\“ لار گۇرۇھىنى پەيدا قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بۇ تەييارتاپلار جەمئىيەتتە \“ئىسسىتقۇ ـ سوۋۇتقۇ قىلىش\“، \“رەدنامە ئوقۇش\“، \“قەسىدە ئوقۇش، \“خەتمە ئوقۇش\“، \“مەۋلۇت ئوقۇش\“… قاتارلىق دىنىمىزغا تامامەن زىت بولغان ئىشلار بىلەن \“كەسىپ\“ قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا ساھەلەردە بولغاندەك دىنى ساھەلەردىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىلىمدىن يىراق ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ تەييارتاپلار گۇرۇھىنىڭ بازىرىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن بولمايدۇ.

3 ـ بىدئەت ۋە خۇراتلار بازار تاپقانسېرى، تەۋھىدنىڭ ئورنىنى شېرىك، ئىبادەتنىڭ ئورنىنى ئادەت، سۈننەتنىڭ ئورنىنى بىدئەت ئالىدۇ. نەتىجىدە (كۈنىمىزدىكىگە ئوخشاش) مۇسۇلمانلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان \“دىن\“، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغان (يەتكۈزگەن) دىندىن تامامەن پەرقلىق بولىدۇ.

ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغان دىننى تەبلىغ قىلغانلار، ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئۇ \“دىن\“ نىڭ مۇرىتلىرى تەرىپىدىن \“دىنسىز\“، \“كاپىر\“، \“بەدمەزھەپ\“ دەپ ئەيبلىنىدۇ، ھەتتا بەزىدە \“تېگىشلىك جاجىسى\“ بېرىلىدۇ.

ئەسلىدە يۇقىرىدىكى \“دىنسىز\“، \“كاپىر\“، \“بەدمەزھەپ\“ دېگەن سۆزلەر توغرا. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار، ئىنسانلار ئويدۇرغان دىننىڭ دىنسىزى، ئىنسانلار ئويدۇرغان دىننىڭ كاپىرى بولىدۇ. بۇنى ئۇلارمۇ مۇشۇ مەنىدە سۆزلەيدۇ.

ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان ئىززەت، ھۆرمەت ۋە بەختىيارلىقلارنىڭ بۈگۈنكى مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارغا بېرىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ مانا مۇشۇ يەردە. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۇلارنى (ئىززەت، ھۆرمەت ۋە بەختىيارلىقلارنى) ئۆزىنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇئمىن ـ مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان، ئۆزلىرى ياكى باشقىلىرى ئويدۇرغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى مۇئمىن ـ مۇسۇلمان دەپ ئاتىشىۋالغانلارغا ئەمەس!

يىغىپ ئېيتقاندا قۇرئان ئوقۇپ، نىكاھ ئوقۇپ پۇل ئېلىش قەتئىي توغرا ئەمەس. بۇ ئىشتا پۇل ئالغانلار بىلەن پۇل قويغانلار ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ