مۇسۇلمانلار

مېيىت چىققان ئويدە قۇرئان ئوقۇشقا بولامدۇ؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

سوئال:
 مېيىت چىققان ئويدە قۇرئان ئوقۇش قانداق بولىدۇ؟ قۇرئان ئوقۇشتىكى مەقسەت مېيىتنىڭ گۇناھى يەڭگىللەمىكىن دەپ. ئەمدى قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنمىسا ئۇنماي كوڭلىمىز دەپ پۇل قويىدىغان ئىشلار بار. بۇ پۇللارنى ئالسا ئاللاھنىڭ: «ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار» دېگەن سۆزىگە چۇشۇپ قالامدۇ؟ بۇنى چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ۋە ئەلەيكۇمئەسسەلام
«مېيىت چىققان ئويدە قۇرئان ئوقۇش قانداق بولىدۇ؟»
 مېيىت چىققان ئۆيدە مېيىتنىڭ بالا ـ چاقىلىرى قۇرئان ئوقۇپ مېيتنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن دۇئا قىلسا بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان ئوقۇش ئىبادەتتۇر، ئىبادەتتىن كېيىن دۇئا قىلىش ياخشى ئىشتۇر.
دۇئانىڭ مەنىسى، ئاللاھغا يېلىنىپ تۇرۇپ ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئاللاھدىن ياخشىلىق تىلەش، دېگەن بولىدۇ. دىنىمىزدا ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان بىر ئىشنى قىلىپ، ئاندىن ئائىلە ئىچىدىن ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئاللاھدىن بىر نەرسە تىلەش، ئەڭ ياخشى دۇئادۇر.
«قۇرئان ئوقۇشتىكى مەخسەت مېيىتنىڭ گۇناھى يەڭگىللەمىكىن دەپ»
 ھايات قالغانلار قۇرئان ئوقۇسا، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ گۇناھى يەڭگىللەپ قالىدىغان ئىش يوق. چۈنكى «ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»[1]. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىنساننىڭ بالاغەتكە يەتكەندىن باشلاپ، ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك بولغان ئارلىقتا قىلغان قىلمىشلىرى ئىككى پەرىشتە تەرىپىدىن يېزىلىپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى شۇ ئىككى پەرىشتە، يازغان دەپتەرلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قىيامەتتە دەپتەرلەرنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئىنسان ھېسابىنى شۇ دەپتەرلەردىكىگە قارىتا بېرىدۇ.
«ئەمدى قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنمىسا ئۇنماي كوڭلىمىز دەپ پۇل قويىدىغان ئىشلار بار»
 مانا بۇ، بىرقانچە گۇناھنىڭ جەم بولغان يېرىدۇر:  قۇرئان ئوقۇش يىغىلىش، قۇرئان ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئادەم يىغىش ۋە ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە ۋەدە قىلغان ساۋابىنى پۇلغا سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش.  بۇنىڭدا ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوخشاشلا گۇناھكار بولىدۇ.
دىنىمىز پەرز نامازلار، ھېيت نامازلىرى، مېيت نامىزى، كۇسۇف نامىزى (كۈن تۇتۇلغاندا ئوقۇلىدىغان ناماز)، خۇسۇف نامىزى (ئاي تۇتۇلغاندا ئوقۇلىدىغان ناماز) ۋە ئىستىسقا نامىزى (ئاللاھدىن سۇ تىلەپ ئوقۇلىدىغان ناماز) قاتارلىق نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا يول قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بۇ نامازلارنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسچىت ـ جامە ۋە نامازگاھلارغا يىغىلىدۇ. ھەج مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ مەلۇم كۈنلەردە، بەلگىلەنگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدۇ. باشقا بىر ئىبادەتنى قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلىش بىدئەتتۇر.
يىغىپ ئېيتقاندا بىر يەرگە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن يىغىلىش بىدئەتتۇر، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇچىغا پۇل قويۇشى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ پۇل ئېلىشى ھارامدۇر.


[1]– نەجم 53/39.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر