مۇسۇلمانلار

ئۆشرىنىڭ نىسابى بارمۇ؟

 ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

 دېھقانلارنىڭ يەردىن چىققان مەھسۇلاتىغا ئۆشرە ئارىشتا بەلگىلىك بىر سان بارمۇ؟ مەسىلەن: بۇغداي 1000 جىڭغا، قوناق 500 جىڭغا يەتسە دەيدىغان ئۆلچەم بارمۇ ياكى قانچىلىك مەھسۇلات چىقسا شۇنچىلىككە ئايرىمدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! بۇ مەسىلە ھەققىدە تور بېتىمىزنىڭ «فىقىھ» بۆلۈمىدىكى «زاكات ھەققىدە قىسقىچە ساۋات» دا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن ئىدى. سىز ئۇ تېمىنى كۆرمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سوئالىڭىزغا قىسقىچە جاۋاب بېرىمەن:
يەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر بىر تۈرىگە ئۆشرە كېلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايرىم ھالدا 5 ۋەسق كە يېتىشى لازىم. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق تەلىمات بەرگەن. ھەدىس كىتابلىرىنىڭ زاكات بۆلۈمىدە بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر زىكىر قىلىنىدۇ.
5 ۋەسق كۈنىمىزدىكى ئېغىرلىق ئۆلچىمىدە 650 كىلوگرام كېلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن يەردىن چىقان ھەر نەرسىنىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تارتىلىشى كېرەك، مەسىلەن:
بىر دېھقاننىڭ يېرىدىن چىققان بۇغدىيى 650 كىلوگرام كەلسە، ئۇنىڭغا 10 (يۈزدە ئون) ئۆشرە كېلىدۇ. قونىقى ئايرىم 650 كىلوگرام كەلسە، ئۇنىڭغا 10% (يۈزدە ئون) ئۆشرە كېلىدۇ. بۇ مىقداردىن ئاز چىققان يەر مەھسۇلاتىغا ئۆشرە كەلمەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر