مۇسۇلمانلار

ئۆشرە – زاكات ئايرىمايدىغان ئادەمنىڭ بالىسى بىلەن تاماق يېيىشىشكە بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ھالال ـ ھارام ئىشلىرىغا بۇ قەدەر دىققەت قىلغانلىقىڭىز ياخشى، لېكىن بۇ ئىشنى تولىمۇ ئاشۇرۇۋېتىپسىز. بۇ قەدەر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

شەيتاننىڭ ئىنساننى يولدىن چىقىرىش ئۇسۇللىرى ھەر خىلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دايىم دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

سوئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، ھارام ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1 – ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، تومۇردىن ئېقىپ چىققان قان، چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھدىن غەيرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان… قاتارلىق ھالال پۇلغا سېتىۋالسىمۇ ھاراملىقى ئۆزگەرمەيدىغان ھاراملاردۇر.

مانا بۇلار ھېچبىر زامان ھالاللىققا ئايلانمايدۇ. لېكىن ئىلاجىىسز قالغان كىشىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۇلاردىن ئستېمال قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ، بۇنداق كىشىگە ئۇ نەرسىلەر ھالال دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە قاتتىق قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ئادەمنىڭ مەلۇم مىقداردا ئىستېمال قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىگەنلىكتۇر.

2 – ئۆزى ھالال، لېكىن ئۇنى قازىنىش يولى ھارامدۇر. بۇ خىل ھاراملار قازانغۇچىغا ھارام، باشقىلارغا ھارام ئەمەس؛ مەسىلەن: بىر كىشىنىڭ ھارام يوللاردىن تاپقان پۇلىغا ئالغان ھالال نەرسىلىرىنى باشقىلارنىڭ يېيىشى ھارام ئەمەس.

ھەر كۈن جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان نەزىر ـ چىراغ، توي ـ تۆكۈن ۋە باشقا ئادەمگەرچىلىكلەردە داستىخانغا قويۇلۇۋاتقان يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەر بىرىنچى خىل ھارامدىن بولمىسىلا ئۇلارنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ.

ئەگەر مۇسۇلمانلارغا، ئالدىغا كەلگەن ھالال نەرسىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈش يولىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى يۈكلەنسە ئىدى، جەمئىيەتتە ھېچبىر ئىش ئالدىغا ماڭمىغان بولاتتى. مېھرىبان ئاللاھ بەندىلىرىنى بۇنداق بىر ئىشقا بۇيرۇمىغان.

سىز ئويلاپ بېقىڭ: سىز سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدىغان بىر نەرسە بار، سىز ئۇ نەرسىنى ساتىدىغان يەرگە بېرىپ ئىگىسىدىن، «سىز بۇ نەرسىنى نەدىن ئالغانتىڭىز؟ قانداق پۇلغا ئالغانتىڭىز؟ سىزگە ساتقان ئادەم قانداق پۇلغا ئېپتىكەن؟ ئۇنىڭغا ساتقان ئادەمچۇ؟……………» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىسىڭىز، ياكى سىز سىزدىن بىر نەرسە سېتىۋالغىلى كەلگەن بىر كىشىدىن «سىز مەندىن بۇ نەرسەمنى سېتىۋالىدىغان پۇلنى نەدىن تاپقانتىڭىز؟ سىزگە بەرگەن كىشى نەدىن تېپىپتىكەن؟ ئۇ چۇ؟ ئۇ چۇ؟……» دەپ سوراشقا باشلىسىڭىز ۋە ئۇلارنى تېپىپ سوراش ئۈچۈن شەھەرمۇشەھەر، يۇرتمۇيۇرت ماڭغىلى تۇرسىڭىز، ئوقۇشىڭىزنى ۋە بارلىق ئىشلىرىڭىزنى تاشلاپ پەقەت شۇ بىر ئىش ئۈچۈن بىرقانچە يىللىق ھاياتىڭىز كەتمەسمۇ؟

بىر نەرسە سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولغان بارلىق مۇسۇلمانلارنى مۇشۇنداق تەكشۈرۈش ئىشىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلساق، كۆز ئالدىمىزدىن قانداق بىر مەنزىرە ئۆتەر؟

ئەقىلغا، مەنتىققا ۋە فىترەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنمىز ئەنە شۇنداق بىر ئىشقا ئەمر قىلارمۇ؟

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنداق شەيتان ۋەسۋەسىلىرىگە قەتئىي ئالدانماڭ! ئۆشرە ـ زاكىتىنى كىم ئايرىمىغان بولسا، شۇ جاۋابكار. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۆشرە ـ زاكىتىنى ئايرىسىڭىز بولىدۇ.

سىز بىر كىشىنىڭ ناماز ئوقۇپ ـ ئوقۇماسلىقىدىنمۇ جاۋابكار ئەمەس. ھالال نەرسىلەردىن پاكىزلىققا رىئايە قىلىپ ئەتكەن تاماقلارنى كىم ئەتسە ئەتسۇن يېسىڭىز بولىدۇ.

يىغىپ ئېتقاندا بىر نەۋرە ئىنىڭىز بىلەن بىرلىكتە تاماق يېيىشىڭىز، تاماق پۇلىنى نۆۋەتلىشىپ تۆلىشىڭىز، ناھايىتى نورمال ئەھۋال. «سېنىڭ داداڭ ئۆشرە ـ زاكات ئايرىمايدۇ» دەپ سىز ئۇ بالىنى ئەيىبلىيەلمەيسىز، ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ، ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىنى شۈرۈشتە قىلىش ۋەزىپىڭىزمۇ يوق؛ نەگە خىراجەت قىلىشىمۇ سىزنى ئالاقىدار قىلىدىغان ئىش ئەمەس.

ئىككىنچى مەسىلە سىز بىر ئاشخانىغا كىرسىڭىز چوشقا گۆشى ياكى چوشقا گۆشى پۇشۇرغان قازاندا ئەتكەن تاماقلارنى يەپ سالماسلىق ئۈچۈن دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئاشپەزنىڭ دىنىنى، تەقۋادارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىڭىز، ھوقۇقىڭىز ۋە ۋەزىپىڭىز يوقتۇر!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر