مۇسۇلمانلار

ئاچچىقسۇنى ئىستېمال قىلغىلى بولمايدۇ دەپ پەتىۋا بارمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! «تېتىتقۇ ( ۋېيجىڭ)، پىنتوزا قاتارلىقلارنىڭ تەركىۋىدە چوشقا سۆڭىكى بارلىقىنى»، «ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق» ئىسپاتلاپ، ئۇ نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن.

بۇ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋالنى، شۇنداقلا بېرىلگەن ھۆكۈمنى ئاڭلىغان بۇرادەرلەرنىڭ ئۇ نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى ۋە باشقىلارنىڭمۇ ئىستېمال قىلماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم.

ئاچچىقسۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، دىنىمىزدا «ئېچىتىلغان نەرسىلەر ھارام » دەپ بىر ھۆكۈم ياكى بىر پەتىۋا يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىقسۇنى ھارام دېيىشكە بولمايدۇ. يەنى ئاچچىقسۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

قېرىندىشىم! پاگىي (خېمىرتۇرۇچ) مۇ ئېچىتىلغان خېمىردىن ھاسىل بولىدۇ؛ پاگىي (ئېچىتىلغان خېمىر) سالمىسا، بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان نانلار ۋە نۇرغۇن تاماقلار ھازىرقى شەكىلدە ۋە ھازىرقى لەززەتتە بولمايدۇ.

زامانىمىزدىكى ئاچچىقسۇغا ئەرەبچىدە «خىل»، تۈركچىدە سىركە دېيىلىدۇ. خىل كەلىمىسى، ئۇيغۇرچىغا سىركە دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.

دىققەت قىلسىڭىز، بىزنىڭ سىركە دېگىنىمىز ئاپتاپتا تەبىئىي بىر شەكىلدە ئېچىلىتىدۇ. ئاچچىقسۇ بولسا، تەرەققىي قىلغان تېخنىكا ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بىلەن ئېچىتىلىدۇ؛ يەنى نەتىجە ئوخشاش، ئۇسۇل پەرقلىق.

دېمەك، پاگىينى (يەنى خېمىرنى ئېچىتىش ئارقىلىق ياسالغان خېمىرتۇرۇچنى) ۋە ئۈزۈمنىڭ ياكى باشقا بىر مېۋىنىڭ سۈيىنى ئاپتاپتا قويۇپ ئېچىتىش ئارقىلىق ياسالغان سىركىنى ئىستېمال قىلىش قانداق ھالال بولسا، كۈنىمىزدىكى زاۋۇت پاگىيلىرىنى ۋە ئاچچىقسۇلارنى ئىستېمال قىلىشمۇ شۇنداق ھالال بولىدۇ.

بىر نەرسىنىڭ ئېچىتىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىشى، ئۇ نەرسىنىڭ ھاراملىقىغا دالالەت قىلمايدۇ. بىر نەرسىنىڭ ھارام بولۇشى ئۈچۈن يا ئەسلى ماددىسىنىڭ ھارام نەرسە بولۇشى ياكى ھارام نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرككى: ئاچچىقسۇغا ياكى زاۋۇت پاگىيىسىغا ھارام نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئىسپاتلانغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر